باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كەچكۈزدىكى غېرىبلىق(3)

نۇرگۈل ئەبەي

2015.08.19 12:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھايال قالمايلا ئىش ئورنىغا كەتكەن كۈيئوغلى پەيدا بولدى:

  ـــ سېنى يالغۇزلۇق تارتىپ قالمىسۇن، دەپ رۇخسەت سوراپ يېنىپ كەلدىم،ـــ دېدى ئۇ بوۋايغىمۇ قاراپ قويماي. بوۋاينىڭمۇ ئۇنى كۆرەرگە كۆزى يوق ئىدى، قىزى بۇ زىل مۇناسىۋەتنى پەملەپ تۇراتتى:

  ــــ دادا، بىردەم ئارام ئېلىۋالغىن-ھە،ـــ قىزى شۇنداق دەپلا دادىسىنى ياتاق ئۆيىگە ئىتتىرىپ ئەكىرىپ، چاقلىق ئورۇندۇقنى دېرىزە ئالدىغا توختىتىپ قويدى. بۇ ياتاق ئۆي چوڭ كوچىغا قارايتتى. دېرىزىدىن كوچىغا پاتماي ئېقىۋاتقان ئادەملەر توپىنى ھەر قاچان كۆرگىلى بولاتتى. قىزى چىقىپ كەتتى، بوۋاي ئادىتى بويىچە كوچىدىكى كىشىلەر توپىغا قارىغىنىچە ئولتۇردى. ئۇنىڭ كۈيئوغلى بىلەن قىزىنىڭ پاراڭلىرىنى زادىلا ئاڭلىغۇسى يوق ئىدى. كونا ئۆينىڭ چېقىلىدىغىنى بوۋايغا شۇنچىلىك دەھشەت تۇيۇلۇپ كەتكەن ئىدى. دېمەك، ئۇنىڭ ئايخانغا چىگىلىپ تۇرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى كۆڭۈل زەنجىرىمۇ ئۈزۈلگەن ئىدى...

  دوختۇر يېقىنقى تەكشۈرۈشتىمۇ بوۋايغا شۇنداق دېگەن ئىدى:

  ــــ سىلى ئەسلى ئوڭشىلىپ كەتسىلە توغرا بولاتتى... پەقەت چۈشەنمىدىم، نېمىشقا بارغانسېرى ئېغىرلاپ كېتىدىلا؟ ھەرىكەت قىلىپ بەرسىلە بولاتتى. تۇرۇپ كېتىشلىرىدە ئۈمىد بار ئىدى... دادىڭىزغا ياخشى قاراڭ، ئەڭ ياخشىسى بەدەن ئۇۋۇلايدىغان ئۇستىدىن بىرنى تەكلىپ قىلىڭ، كۆڭلى ئازادىلىككە تولسۇن، خۇشال يۈرسۇن! ئىچى پۇشىدىغان ئىشنى دېمەڭلار، كېسەلنىڭ كەيپىياتى ياخشى ئەمەس، كەيپىياتى ياخشى بولمىسا ئىتتىك ئوڭشىلالمايدۇ...

  دوختۇرنىڭ گېپى ئورۇنلۇق ئىدى، بوۋاينىڭ كەيپىياتى بارغانچە ئوساللىشىپ كەتتى. چۈنكى ئۇنىڭ ئەڭ ئاددى، ئەڭ ئورۇنلۇق تەلىپىمۇ قىزى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي بەربات بولغان ئىدى! بۇ تەلەپ ئاددىلىقىغا باقماي قىزى ئۈچۈن شۇنچىلىك ئەرزىمەس ئىدىكى، بوۋاينىڭ پەقەت ئايخان بىلەن بىللە ئۆتكىسىلا بار ئىدى. بوۋاينىڭ خىيالىچە، ئايخان ئۇنىڭ ھەق نىكاھلاپ ئالغان ئايالى ئىدى، ئەمەلىيەتتە ئەر-ئاياللارنىڭ بىللە تۇرمىقى بەرھەق ئىدى، ئەمما بوۋاي قاچان يىقىلدى، بۇ بەرھەق قائىدىمۇ قىزىنىڭ ئالدىدا پۇت دەسسەپ تۇرالمىدى، ئايخان قوغلاندى! سەۋەبى بەكلا ئاددى ئىدى، ئايخان بۇ قىزىنىڭ ئۆز ئاپىسى ئەمەس ئىدى. قىزىنىڭ قارىشىچە، بۇنداق ئۆگەي ئانا دادىسىنىڭ ھېچقانداق مال-مۈلكىگە ئىگىدارچىلىق قىلالمايتتى. ھەتتا تېگىپ قويسىمۇ بولمايتتى... ئەمما نادان قىز شۇنى ئويلىمايتتىكى، ئۇنىڭ دادىسى ئايالى تەرىپىدىن ھېچ قىسىلىش ھەم نومۇس يوق ھالدا داۋالىنالايتى، كۈتۈنۈشكە ئېرىشەتتى. دادىسى ھەر ۋاقىت ئايخاننىڭ ئوچۇق-يورۇق چىرايىنى، تۆكۈپ ھارمايدىغان مۇڭلىرىنى، باغنى چاڭ كەلتۈرۈۋېتىدىغان سۈزۈك ئاۋازلىق ناخشىلىرىنى ئاڭلاشنى، تار ھەم قىستاڭ بۇرۇختۇم بىنادا ئەمەس، ئاشۇ كەڭ كەتكەن ھويلا-ئارامدا،گۈل-چىچەكلەر ھۈپپىدە ئېچىلىپ، نەغمىچى قۇشلار چاڭ كەلتۈرۈۋېتىدىغان شاپتۇللۇق، ئۈرۈكلۈك، نەشپۈتلۈك باغلىرىدا جىممىدە دەم ئېلىشنى ئارزۇ قىلاتتى!

  قىزى دادىسىنىڭ كېسەللىكىدىن، ئۆزىگە پۈتۈنلەي ئىگە بولالمايدىغانلىقىدىن خۇددى ئېرىدەكلا ياخشى پايدىلىنىۋاتاتتى. بوۋاينىڭ بارلىق ياشاش، قارار قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋالغان ئىدى!

  ئۇرۇپ-چېقىش ئىشخانىسىدىكىلەر كېلىپ كەتتى، بوۋاينى بىر قۇر يوقلىغان بولدىيۇ، كۈيئوغلىنىڭ:«ھېچنېمىنى سەزمەيدۇ، زۇۋانمۇ سۈرەلمەيدۇ...» دېگەن گېپى بويىچە بوۋايغا مۇنداقلا باش لىڭشىتىپ قاراپ قويۇپ، مېھمانخانىغا چىقىپ كېتىشتى.

  بوۋاي بار ئۆينىڭ ئىشىكى مەھكەم يېپىۋېتىلدى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بوۋاي ئۇلارنىڭ خېلىلا قىزىشىپ تالاش-تارتىش قىلىۋاتقانلىقىنى، دۇكان ئۆيدىن مانچە يۈرۈش ئالىمىز، 150 كۋادرات مېتىرلىق ئۆي ئالىمىز، پۇل ئالىمىز... دېگەنلىكىنىمۇ ئېنىق ئاڭلىدى. بوۋايغا ئەڭ دەھشەت ئاڭلانغىنى ــ قىزى قۇرۇلۇش سودىگىرى بىلەن كېلىشەلىسىلا، كېيىنكى ھەپتە ئۆي چېقىلاتتى... بوۋاينىڭ جېنى چىقىپ كېتىدىغاندەك تىنالمايلا قالدى، چەكسىز ئۈمىدسىزلىك يۈرىكىنى پارە-پارە قىلىۋەتتى...

  چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن كۈيئوغلى ئىشقا كەتتى، بوۋاينى ئىتتىرىپ قىزى ئۆيدىن چىقتى. ئۇلارنىڭ ئۆيى 12-قەۋەتتە ئىدى، دادىسىنىڭ ئەكسىچە قىزى بىنا ئۆينى، يەنە كېلىپ قانچە ئېگىزدە بولسا شۇنچە ياخشى بولىدىغان ئېگىزدىكى بىنانى ياخشى كۆرەتتى. مۇشۇ ئۆينى ئالغاندىمۇ ئەر-ئايال ئىككىسى ئەڭ ئۈستىدىن ئالالمىغىنىغا بەكلا ئۆكۈنۈپ كەتكەن ئىدى. ئەمما بوۋايچە بىنادا تۇرۇش ئازابلىق ئىش ئىدى، ھەر قېتىم بىناغا چىققاندا ئۆزىنى خۇددى بوشلۇقتا ئېسىلىپ تۇرغاندەك تولىمۇ بىئەپ ھەم بۇرۇختۇم سېزەتتى.

  ھايال قالمايلا لېفىت ئۇلارنىڭ ئالدىدا توختىدى، قىزى بوۋاينى مەخسۇس ياساپ جابدۇپ چىققاندى. ھەتتا غەيرى پۇراق بولۇپ قالىدۇ، دەپ كالتە ئىشتىنىدىن تارتىپ بېشىغا كىيگەن دوپپىسىغىچە پاكىزىسىغا، يېڭىسىغا ئالماشتۇرغان ئىدى. لېكىن بوۋاينىڭ كەيپىياتىدا ئوخشاشلا روھسىزلىق، مەنىسىزلىك ئەكس ئېتەتتى.

  بوۋاي قىزىنىڭ ئۆيىدىن سىرتقا چىققاندا، قىزىنىڭ تونۇش-بىلىشلىرىنىڭ ئۆزى ھەققىدە گەپ ئېچىپ قېلىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيتتى. شۇ تاپتىمۇ لېفىتتا ئىككى-ئۈچ ئادەم بار ئىدى، لېفىتنىڭ ئىچى تار ھەم كىچىك بولغاچقا، ئىنتايىن دىمىق ئىدى. تۆت ئەتراپى پولات تام بىلەن قورشالغان ئالقانچىلىك بۇ جايدا بوۋاي نەپەسمۇ ئالالماي قالدى.

  بوۋاينىڭ ئۈچ ئادەم تۇرغۇدەك ئورۇننى ئىگىلىۋالغان چاقلىق ھارۋىسى لېفىت ئىچىنى بىراقلا تارلاشتۇرۇۋەتتى، يەنە كېلىپ تۆۋەنگە چۈشكەنسېرى لېفىتقا چىقىدىغان ئادەملەر كۆپىيىپ، بىرىنچى قەۋەتكە چۈشكىچە پۇت قويغۇدەك يەرمۇ قالمىدى. كىشىلەر بوۋايغا ئۇرۇلاتتى، سۈركۈلەتتى، بىر-بىرىنى قىستىشاتتى، ھەتتا بەزىلەر بوۋاي بىلەن دادىسىنىڭ ئورۇندۇق تۇتقۇچىنى مەھكەم سىقىمدىۋالغان قىزىغا نەپرەت بىلەن ھومۇيۇپ قارىشاتتى... بوۋاي بۇلارغا چىدىيالمايلا قالدى، ئۇ ئۆزىنى تۆت تەرەپتىن قىستاپ كېلىۋاتقان لېفىت ئەينەكلىرىنى ۋە مۇنۇ بىر قەۋەت تاملا ئايرىپ تۇرىدىغان، ئەمما بىر-بىرى بىلەن تونۇشمايدىغان، قوشنىدارچىلىق مېھرى-مۇھەببەت دېگەننى ئەسلا بىلمەيدىغان «قوشنىلار»نى كۆرۈشنى خالىمايۋاتقاندەك كۆزىنى چىڭڭىدە يۇمۇۋالدى...

  قىزى چاقلىق ھارۋىنى ئىتتىرىپ ماڭغاندا بوۋاي يەر يۈزىگە چۈشكەنلىكىنى بىلىپ كۆزىنى ئاچتى. ئەمما كۈچلۈك نۇر ئۇنىڭ كۆزلىرىنى قاماشتۇرۇۋەتتى، بېنزى پۇراپ تۇرسىمۇ، شەھەر ھاۋاسى ھەر ھالدا ئۆي ئىچىدىكىدىن خېلىلا ساپ ئىدى. ئەمما ئەتراپ سۆرۈنلۈشۈپ كەتكەن ئىدى، ئۆكتەبىرنىڭ بېشى بۇلۇشىغا قارىماي، سوغوق ھاۋا ئادەمگە ئۇدۇللا تېگەتتى، گەرچە قۇياش ئاسماندا تىكلىنىپ ئىللىق نۇرىنى كائىناتقا ئايىماي چېچىۋاتقان بولسىمۇ، سارغايغان خازانلار ئۇچۇپ يۈرگەن بىسەرەمجان كوچىلار بالدۇرلا تەگكەن ئۈششۈككە بوزەك بولۇپ شۈمشىيىپ كەتكەن ئىدى...

  ـــ ۋاي ئابدۇللاكا... ياخشى تۇردىلىمۇ؟ رابىيە، سىزمۇ ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟

  شۇ چاغدا ئۇدۇل تەرەپتىن كۆكتات كۆتۈرۈپ بىر چوكان كەلدى، بوۋاي ئۇنى تونۇيالمىدى، بەلكى قىزىنىڭ دوستى ياكى قوشنىسىدۇر... بوۋاي جىممىدە تۇرىۋەردى، شۇنداق قىلمايمۇ باشقا ئامالى يوق ئىدى.

  ـــ دادىڭىزنىڭ چىرايى خېلىلا ياخشى بولۇپ قاپتۇ-ھە؟ خۇدايىم پۇت دەسسەپ مېڭىپ كەتكىلى نېسىپ قىلار... سىزگە قايىل مەن جۇمۇڭ، دادىسىنى ھەر قانداق بالا باقار، سىزچىلىك باقماس. بىر قىز بالىغا پۈتۈنلەي پالەچ بولۇپ قالغان دادىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماق ئاسانمۇ دەڭە؟ ھەممەيلەن سىزنىڭ ياخشى گېپىڭىزنى قىلىشىمىز...

  بوۋاينىڭ يۈزلىرى يەنە چىمىلداپ، گويا مىڭ تۈرلۈك ھاشارەتلەر يۈزلىرىدە، ھەتتا پۈتۈن بەدىنىدە ئۆمىلەپ كېتىۋاتقاندەك ئارامسىزلاندى. بوۋاي تونۇش-بىلىشلەردىن مۇشۇنداق گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاشنى خالىمايتتى. ئۇنىڭغا قوشنىلارنىڭ يېقىملىق تۈستە كۈلۈمسىرەشلىرى كەينىگە قانداقتۇر رەھىمسىزلىك ۋە نومۇسلۇق ئەيىبلەش يۇشۇرۇنۇپ تۇرغاندەك، ئاشۇ لەۋلەر ئېيتالمىغان يۈرەكتىن:«ھۇ نومۇسسىز قېرى، كىچىككىنە قىزىڭنىڭ ئالدىدا قىپيالىڭاچ يېتىشتىن نومۇس قىلمامسىنا؟!» دېگەن بىر سادا ئېتىلىپ چىقىپ، بوۋاينىڭ كاچاتلىرىغا ئۇرۇلۇۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى. شۇڭا ئۇ دەرھال باشقا ياققا قارىۋالاتتى، ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى كىشىلەرنىڭ يېنىدىن تېزرەك كېتىشكە ئالدىرايتتى، كوچىدا يول يۈرسىمۇ خۇددى بۇ ئىشنى ھەممە ئادەم بىلىپ بولغاندەك، بوۋايغا قارىغانلىكى ئادەم بوۋاينىڭ قىزى ئالدىدىكى نومۇسلۇق ھالىتىنى يادىغا ئېلىپ قاراۋاتقاندەك قورۇنۇپ، بېشىنى كۆتۈرەلمەيتتى...

  ــــ قانداق قىلىمەن ئەمىسە؟ يا ئاكام يوقكەن يا ئىنىم، ئۆزۈمنىڭ دادىسى تۇرسا... سىزنىڭ دادىڭىزچۇ؟ قانداقراق تۇرۇۋاتىدۇ؟ يەنە شۇ ھېلىقى خوتۇن يېنىدىمۇ؟ـــ قىزى ھېلىقى ئايال بىلەن بارغانچە مۇڭدىشىپ كېتىۋاتاتتى، ئايالنىڭ گەپ-سۆزلىرىدىن قارىغاندا، بۇ ئايالنىڭ تۇرمۇشىدىمۇ «دادىسىنىڭ خوتۇنى»دىن ئىبارەت ئالاھىدە بىر شەخس بار ئىدى.

  ـــ ۋاي بولمامدۇ؟ ئۇ جادۇگەر شۇ قاتارلىق راھەتنى تاشلاپ كېتەمدۇ دەيسىز؟ ئەر كىشى دېگەنمۇ غەلىتىلا بولىدىكەن، دادام شۇ كۈنلەردە دادامدەكمۇ كۆرۈنمەيدۇ جۇمۇڭ، نېمە گۇناھى باركىن؟ خوتۇنىنىڭ ئالدىدا يىپ ئېشەلمەيدۇ دەڭە! «چاي ئىچىۋېلىڭ، تامىقىڭىزنى قىزىق يەۋېلىڭ...» دەيدىغان بولسا دېگەن، مىڭ قوۋۇرغام ئېگىلىپ كېتىدۇ. بىچارە ئانام بار چاغدا ئۇ ھەر زامان تۈرۈلۈپلا كېتەتتى، قىزىق چاي ئىچىۋال دېيىش تۈگۈل ئېچىلىپ بىر قېتىم كۈلۈپ بەرمەيتتى، خۇددى دۈشمىنىگە قارىغاندەك ھۈرپىيىپلا تۇراتتى، ھازىرچۇ؟... دادامغا ھەر قارىسام شۇ ئىشلار يادىمغا كېلىپ ئۇنىڭدىن مىڭ نەپرەتلىنىپ كېتىمەن. مىنىڭچە بولسىچۇ، مەنمۇ سىزگە ئوخشاش دادامنىڭ خۇتۇنىنىڭ قوڭىغا تېپىپلا ھەيدەپ چىقىراتتىم! لېكىن دادامغا نېمە كۆرۈنىدىكىن؟ توۋا خۇدايىم، قېرىغىنىغا باقماي ۋاي خوتۇن دەيدىغان بولسا، بىرىگە مىڭى ياندىشىپ ئاغزىغا لىققىدە كېلىدۇ قاراڭ!...

  ــــ ۋاي بۇنداق دىسىڭىز بولمايدۇ جۇمۇ؟... ئايخاننىڭ قوڭىغا مەن تەپمىدىم، ئۆزى دادامنى تاشلاپ كېتىپ قالدى...ـــ قىزى ۋىللىدە ئۆڭۈپ، قوشنىسىنىڭ سۆزىنى بۆلدى، ــــ دادامدىن ئەمدى نەپ چىقمايدىغىنىغا كۆزى يەتتى-دە!

  «ھەر ھالدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئايخاننى قوغلىۋەتكىنىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەن، بولمىسا تېنىۋالمايتتى» دەپ ئويلىدى بوۋاي، ھەم غولىنى قورۇۋاتقان سوغوق كۈز شامىلىغا سارغايغان يۈزىنى تۇتۇپ، قىزى تەرەپكە قارىمايلا تۇرۇۋالدى.

  ـــــ راست، راست... بىزنىڭ ئۆيدىكى بوۋايمۇ ئەقلىنى تاپسا بولاتتى... داداممۇ سىزنىڭ دادىڭىزدەك بىر زەمبىل پوق بولۇپ ياتقاندا، ئاندىن ئاجرايدىغان ئوخشايدۇ ئۇ جادۇگەردىن! ۋاي مېنىڭ دەردىمچۇ، تاغ بولدى جېنىم، تاغ!... گەپ قىلسام ھېلىلا تۆكۈلۈپ كېتىمەن، مىنىڭ دەردىمگە سىزگە ئوخشاش دادىسىنىڭ دەردىنى تارتقان ئادەملا يېتىدۇ، نەچچە كۈندىن ئىچىم سىقىلىپ كەچ تەرەپلەردە سىزنىڭكىدە ئولتۇرۇپ چىقايمىكىن، دەپ خىيال قىلىۋاتاتتىم تېخى...

  ــــ بەلەن ئويلاپسىز، كىرىڭ، مۇڭدىشىمىز. بولمىسا بۈگۈنلا كىرەمسىز؟ غالىپ بۈگۈن ئىدارىسىدا دىژورنىكەن، كەچتە كەلمەيدۇ. مېھرىگۈلنىمۇ چاقىرىمىز...

  ــــ ۋاي مېھرىگۈلنى بولدى قىلايلىيا؟ ئۇ مېنىڭ يېقىن دوستۇمدەك كۈرۈنگىنى بىلەن ئەزەلدىن دەردىمگە يەتكىنىنى بىلمەيمەن. ئاڭلىدىڭىزمىكىن؟ دادىسى بۇدا مېھرىگۈلدىنمۇ كىچىك بىر خوتۇننى ئەكەپتىكەن، مېھرىگۈلنى نېمە دەيدۇ دەڭ؟ «ياش خوتۇن بولسا بەلەنكەن، دادامدىن خاتىرجەملا بولۇپ قالدىم. دورىسىنى ۋاقتىدا بېرىدۇ، تامىقىنى ئىسسىق-ئىسسىق ئېتىپ يىگۈزىدۇ. دادامنىڭ ئۆيىگە بارسام كۆڭلۈم ئېچىلىپلا قالىدۇ، ھەممە جاھان كۈلۈپلا تۇرغان، شۇنداق پاكىزچىلىق... دادام قېرىدى، ياش خوتۇننى مائاشىنى خەجلىدى دېگەندىمۇ، بۇنىڭ قاقشاپ كەتكۈدەك نېمىسى بار؟ خوتۇن دەپ ئالغان ئىكەن، ئېرىنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ، ئېشىنى يەيدۇ. بۇنىڭ بەدىلىگە دادامنىڭ كۆڭلى ئارام تاپىدۇ، كۈنلىرى بىر ھەمراھ بىلەن خۇشال ئۆتىدۇ. دائىم ئانام ھايات بولغان بولسا مۇنداق بولاتتى، ئۇنداق بولاتتى... دەۋالساق، ئۆزىمىزنىمۇ، دادىمىزنىمۇ ئازابلايدىكەنمىز. ئانىمىز كەتتى، ئۆلگەننىڭ كەينىدىن كېتىۋالغىلى بولمىغاندىكىن، دادىمىز بولسىمۇ خۇشال يۈرسۇن...» چوڭلا بىر سورۇندا ئۇ مېنى ئاڭلىسۇن دېگەندەكلا شۇنداق دەپ كەتتى جۇمۇڭ، ۋاي قوۋۇرغام! قانداق قىلارمەن؟ ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈۋەتكۈم كەلدى. ئادەمنىڭ يېغىرىنى تاتىلاپلا تۇرغان، تېشىدا ھېيت ئويناپ، ئىچىدە روزى تۇتىدىغان پاسكىنا ئۇ! كىم بىلمەيدۇ ئۇنى؟ شۇڭا ئۇنى چاقىرسىڭىزچۇ، بىر پىيالە چېيىڭىزنى بىر چىنە زەھەر زۇقۇم قىلىپ ئۆزىڭىزگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ، ئاچچىق يۈتكەنچىلىك ئىش يوق...

  ــــ مەيلى ئەمىسە... ئۇنى چاقىرمايلى،ــــ قىزى كۆڭلىدىكى غەشلىكنى، نومۇسنى يۇشۇرالمىدى، ئاۋازى بىر بىئارامچىلىقتىن تىترەپ كەتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن خاتا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەلمىگەن يەردىمۇ ئەمەس ئىدى.

  ــــ ماقۇل... كەچتە كۆرۈشەيلى، دادىڭىزنى مۇشۇنداق ئىتتىرىپ مېڭىپ ھېرىپ قالارسىزمۇ ئەمدى؟ سوغوقمۇ ئوبدانلا چۈشۈپ قاپتۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر