باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كەچكۈزدىكى غېرىبلىق(10)

نۇرگۈل ئەبەي

2015.08.19 12:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ـــــ ئەمما ئابدۇللاخۇن... بۇ يەر ھەپتىگە قالمايلا چېقىلىدۇ... مەنمۇ كۆچۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمەن، رېھىماخۇن بىلەن سالىخان ئاللىبۇرۇن كۈچۈپ بولدى،جاھىللىق قىلماي رابىيە بىلەن كەتسىلە...ـــ دېدى ھېلىمىخانمۇ كىچىك بالىلاردەكلا ئۈمچۈيۈپ.

  ــــ مەن... كۆچىمەن... دېمىدىم... قول قويمۇدۇم....ـــ بوۋاي تىركەشتى.

  ـــ بىز قول قويۇۋەتتۇق، دادا، سەن كېسەل بولغاندىكىن دەپ...بوۋاي قىزىغا قاراپمۇ قويمىدى، ئۈندىمەي خېلىغىچە جىمىپ كەتتى.

  ــــ تاكى چېقىلغۇچە... بۇ يەردە تۇرىمەن.... سەن كەت... مىنىڭ بىلەن... كارىڭلار بولمىسۇن...

  ــــ جاھىللىق قىلىپ بالىنى تەڭلىككە سالمىسىلا، ئابدۇللاخۇن، جۈرسىلە، تامىقىم پىشىپ قالدى، رابىيە بىلەن مۇڭدىشىپ سەل كېچىكتىم، بىزنىڭ باللىمۇ كەلگەندەك قىلىۋاتىدۇ...ــــ دېدى قوشنىسى.

  بوۋاي چېچىلىپ كەتكەن ئوي-پىكىرلىرىنى يىغىۋېلىش ئۈچۈن بېشىنى يانغا بۇرىۋالدى. ئۇنىڭغا ئۆرۈلۈپ كەتكەن باسما قۇدۇقنىڭ جازىسى، قۇدۇقنىڭ بېشىغىلا تىكىپ قويۇلغان، نوتىلىرى ساڭگىلاپ، يوپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ، پەقەت قۇرۇپ كەتكەن شېخىلا قالغان قىزىلگۈل كۆرۈندى. بۇ قىزىلگۈلنى ئايخان كەلگەن يىلىلا تىكىپ، كۆكلىتىپ ئاينىتقان ئىدى. گۈللىرى ياز بويى ئېچىلىپ ھارمايتتى... شۇنداق، ئىلگىرى بۇ يەردە ئايخان بار ئىدى، ئالامەت گۈزەل چاغلار ئىدى، قىياس قىلغىلى بولمايدىغان تەقدىر گويا چۈشتەك ھەممىنى بىر-بىرلەپ توزۇتىۋەتتى...

  بوۋاينىڭ يەنە تارتىشىشىنىڭ ئورنى قالمىغان ئىدى، ئىلگىرىكى ھاياتى كۈچ بۇ يەردە مەڭگۈلۈككە غايىب بولغان ئىدى. ئۈمىدسىزلىكنىڭ قارا سايىسى بوۋايغا بىردىنلا يوپۇرۇلۇپ كەلدى. بوۋاينىڭ تېنى شۈركەندى، ئۇنىڭ ھاياتى ھەقىقەتەنمۇ ئاشۇ سارغايغان يوپۇرماقلار، قۇرۇپ كەتكەن قىزىلگۈل كەبى ئانا زېمىندىن خوشلىشىش ئالدىدا تۇراتتى... بۇ تۇيغۇغا كېلىش بىلەنلا بوۋاينىڭ ۋۇجۇدىنى ئىلگىرى سېزىلىپ باقمىغان غەلىتە بىر خۇشاللىنىش چىرمىدى. قانداقتۇر بىز قىزىق ھارارەت ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ سېزىمسىز بولۇپ كەتكەن بەدىنىگە يامراشقا باشلىدى. قوشنىسىنىڭ ئۆيىدە بوۋاينىڭ كۆڭلى ئاخىرلىشىش ھېسىياتى ئىچىدە خېلىلا كۆتۈرلۈپ قالدى. ھېلىمىخاننىڭ ئېرى سادىراخۇنمۇ ئۆلۈپ كەتكىلى ئۈچ يىلچە بولغان ئىدى. ئۇنىڭ بالىلىرى تەرىپىدىن يۇغۇزۇپ رامكىغا ئېلىنغان رەڭسىز سۈرىتى نېمىشقىدۇر غەلىتىلا سارغىيىپ كەتكەن، گويا بوۋاينىڭ شۇ تۇرقىدىكى چىراي ئىپادىسىغىلا ئوخشاپ قالغاندى... بوۋاي پات ئارىدا سادىراخۇن بىلەن، ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا-ئانىسى، قېرىنداشلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئويلاپ قالدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى بىر قىزىق ھارارەت كۆيدۈرۈپ كۈل قىلاتتى. بوۋاينى سادىراخۇننىڭ ئوغلى كۆتۈرۈپ ماشىنىغا سالغاندا، بوۋاينىڭ بەدىنىدىكى قىزىق تەپتىن چۆچۈپ كەتتى. ئۇنىڭ مۇزدەك سوغوق، سېزىمسىز تۇرىدىغان پۇت-قوللىرىمۇ غەلىتىلا قىزىق ئىدى. بوۋاي كۆزلىرىنى يۇمۇۋالدى، ئەمدى ئۇنىڭ يەنە كۆز ئېچىپ ئەتراپقا تەلمۈرىشىنىڭمۇ ھاجىتى قالمىغان ئىدى، ھەممە نەرسىنىڭ، ھەتتا ئۇنىڭ ھاياتلىقىنىڭمۇ ۋاختى ئۆتكەن ئىدى...

  ******************

  بوۋاينىڭ تېنى بەكلا ئاجىزلاپ كەتتى. ئۇ تاماقتىن قالدى، ئۇيقۇسى كەم ئىدى، گويا كۈن نۇرى سارغايغان يوپۇرماقلارنى چاقنىتىۋەتكەنگە ئوخشاش، ئۇنىڭغىمۇ بۇ دۇنيانىڭ ئاپتىپى سېرىق كۆلەڭگە تاشلاپ تۇراتتى. كەچ كۈز ئايلىرىنىڭ بولۇشىغا قارىماي، ھاۋا خېلىلا ئىسسىپ قالغان ئىدى. قۇياش ئۆزىنىڭ ئىللىق ھارارىتىنى ھەر ھالدا يوقاتمىغان ئىدى. بوۋاينىڭ كۆڭلى ئاينىپ تۇراتتى، ئۈمىدسىزلىك ئۇنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇيتتى، ئۇ كۆزىنى يۇمسىلا قارا باساتتى. ئايخاننىڭ كۆزلىرىدە ئېقىۋاتقان ياشنى ئەمەس، قاننى كۆرەتتى. كۆزىنى ئاچسىلا قايغۇغا چۆمەتتى. ئۇ قىزىپ كەتكەن ئىدى، بەدەن ھارارىتى 40 گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكىنىگە نەچچە كېچە-كۈندۈز بولدى. قىزى دورا ئىچۈرۈپ باقتى، دوختۇر چاقىرىپ ئەكەلدى. ئەمما بوۋايدا ھېچقانداق ياخشىلىنىش بولمىدى. بوۋاي جۆيلۈيتتى، ئۆلۈپ كەتكەن روھلارنى كۆرەتتى. روھلار ئارىسىدا ئايخانىڭ ئىسمىنى چاقىراتتى. شۇ ھالدا ئىككى كۈن ئۆتۈپ كەتتى، ئۈچىنچى كۈنىلا بوۋاي خېلىلا ئېسىگە كېلىپ قالدى، قىزىنىڭ زورى بىلەن ئىككى قوشۇق سۇيۇق ئاشنى ئىچتى.

  ــــ ئاكاڭنى چاقىرغىن...ــــ دېدى ئۇ شۇنچىلىك جانسىز ئاھاڭدا.

  ــــ ئاكام يولدا، دادا،ـــ قىزى ئېسەدەپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى. ئۇ دادىسىنىڭ ئەمدى ياخشى بولالمايدىغانلىقىنى بىلگەن، دوختۇرمۇ شۇنداق دەپ ئەسكەرتكەن ئىدى. شۇڭا بوۋاي ھۇشىغا كەلمەي يېتىپ قالغاندىلا ئاكىسىغا تېلېفون قىلغان ئىدى.

  ــــ ئۇ نەدىكەن؟...

  ــــ بۈگۈن نەدىن بولسىمۇ يېتىپ كېلىدۇ، دادا.

  ــــ ھازىر قايسى چاغ بولدى؟ قارا دۆڭ چېقىلىپ بولدىمۇ؟...

  ــــ ياق تېخى... كىيىنكى ھەپتە چېقىلغۇدەك... كەينىگە سۈرۈپتۇ، دادا،ـــ قىزىدىن زۇۋان چىقمىغاندىن كېيىن ئىزىدا كۈيئوغلى جاۋاب بەردى. بوۋاي بۇ سۆزدىن بەكمۇ ئارامسىزلاندى.شۇ كۈنى ئېغىر جىمجىتلىق ئىچىدە ئۆتتى. بوۋاينىڭ كېسىلى ئىنتايىن ئېغىرلاشتى، ھەممە نەپسىنى ئىچىگە يۈتۈپ دەھشەتلىك ئۆلۈمنى كۈتۈپ تۇراتتى. ناماز شامدىن كېيىن بوۋاينىڭ ئوغلى ئايالىنى ئېلىپ ئۆيگە كىرىپ كەلدى. شۇ چاغقىچە كۆزىنى ئاچماي بىر خىلدا ياتقان بوۋاي ئوغلىنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپلا كۆزىنى لەپپىدە ئاچتى:ـ

  ـــ كەلدىڭمۇ؟... ئاخىرى كەلدىڭ-ھە ؟...ـــ دېدى ئۇ ئىنتايىن زەئىپ ئاۋازدا.

  ــــ جېنىم دادا... مېنى كەچۈرۈڭ...ــــ ئوغلى بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى.

  ــــ سەن ئوغۇل بالا بولغاندىكىن، مىنى قارا دۆڭگە ئاپىرىپ قويغىن... شۇ يەردە قولۇم -قوشنىلارغا ئايخان ئىككىمىزنىڭ ھاياتلىق نەزىرىنى بەرگىن... ئۇندىن كېيىن ھېچ ئىش قىلماڭلار... مەن خالىمايمەن... مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ھۆكۈمەتتىن بەرگەن ھەر قانداق پۇلنىڭ ھەممىنى مەسچىتكە بەرگىن، ئۆز قولۇڭ بىلەن بەرگىن... مېنى ھازىرلا يۆتكەڭلار...ـــ بوۋاي ۋەسىيەت قالدۇرۇۋاتاتتى، ئۆي ئىچىدىكىلەر يىغلىشاتتى، ھەممەيلەننىڭ يىغا يامرىغان دىلىدا ئۈنسىز ياڭراۋاتقان نادامىتى، پىراقى ئوخشىمايتتى. ئوغۇل شۇ قاتارلىق يېتىپ قالغان دادىسىنىڭ ھالىدىن بىر قېتىممۇ خەۋەر ئالالمىغىنىغا ئېچىندى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئوغۇل بالىلىق مەجبۇرىيىتىنى دادىسىدىن قالىدىغان مىراستىن ۋاز كېچىش، دادىسىغا چەت ئەلنىڭ قۇۋۋەت دورىلىرىدىن ئەۋەتىش، داۋالىنىشىغا پات-پات پۇل ئەۋەتىپ بېرىش ئارقىلىق ئادا قىلماقچى بولغان ئىدى. بىراق دادىسى جان بېرىۋاتقان مۇشۇ دەقىقىدىلا ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسلا ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان مۇھىم، بەكمۇ مۇھىم بىر ئىشقا سەل قارىغانلىقىنى ھىس قىلدى، ھەقىقەتەن،پۇل-پۇچەك، مال-دۇنيا...ھەرگىزمۇ پەرزەنت بولغۇچىنىڭ ئاتىلارغا قىلىشقا تېگىشلىك كۈيۈنۈش، ۋاپادارلىقىنى كۆرسىتىش، پەرزەنتلىكنى يەتكۈزۈش بولالمايتى. ئۇ دادىسىنىڭ ھالىنى كۆرۈپ قاتتىق ئۆكۈندى. ئەمما ئۇ كېچىككەن ئىدى، ئەمدى بۇ پۇرسەتمۇ يوق بولغان، دادىسى تاھارەتمۇ قىلماي، بىر يۇتۇم سۇمۇ ئىچمەي ياتقىنىغا خېلى كۈنلەر بولۇپ قالغان ئىدى، مۇشۇ سارغايغان يۈزلەر، نۇرسىز كۆزلەر قارا تۇپراققا ھەر ۋاقىت مەڭگۈلۈككە كۆمۈلىشى مۇمكىن ئىدى...

  قىزىنىڭ يۈرىكى ئۆرتەلدى، ئۇ ھەر ھالدا دادىسىغا ياخشى قارىدى، ئاكىسىدىن كۆپ بەختلىك ئىدى، ھېچقاچان دادىسىدىن ئايرىلمىدى، مەيلى دادىسىغا خۇشاللىق ياكى ئازاب ئېلىپ كەلسۇن، ھېچ بولمىغاندا دادىسىغا قىزىنى سېغىندۇرۇشنىڭ ھىجرانىنى تېتىتمىدى... دادىسى ئۆز ھاجىتىدىن پۈتۈنلەي چىقالماس بولۇپ قالغان مۇشۇ بىر يىلدىن بۇيان ئۇ ھېچقاچان دادىسىنى ھۆلدە، ئاچ-زېرىنلىقتا، يالغۇزلۇقتا قويمىدى. دورىسىنى ۋاقتىدا ئىچۈرۈپ، ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالدى. «يۈرىكىڭىز كۆيمەيدۇ، قىزىم. دادامنى بېقىۋالغان ئىدىم، دادامدىن ئايرىلمىغان ئىدىم، باققان ئەجرىنى تولۇق ياندۇرالمىغان بولساممۇ، ھەر ھالدا ئاخىرقى ئۆمرىدا، دادام ماڭا مۇھتاج بولغاندا دادامنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقالىدىم... دەپ ئۆزىڭىزگە تەسەللى تاپىسىز، روھىڭىز ئارامىڭىزدا بولىدۇ، قىزىم. دادىڭىزنى باققىنىڭىزنىڭ ئىككىلا دۇنيالىق ساۋابى كۆپ ئىش...» ئۇنىڭ دادىسىنى مۇشۇنداق سۆرەپ يۈرۈپ ياخشى قاراۋاتقانلىقىنى كۆرگەن كىشىلەر، بولۇپمۇ ياشانغان ئەر-ئاياللار دوختۇرخانىدا شۇنداق دەپ قىزىغا ئاپىرىن، تەسەللى ئېيتاتتى... «ئۇلارنىڭ دېگىنى توغرا، مەن دادامنى بېقىۋالدىم، دادامنى رازى قىلدىم، گەرچە ئۇنى ئايخاندىن ئايرىۋەتكىنىم بىلەن، ئايخاندىنمۇ ياخشى قارىدىم، ئايخاننىڭ دامىغا چۈشۈرمىدىم...» ئاشۇنداق ئويلىغانسېرى قىزىنىڭ ئازابى سەل يېنىكلىگەندەك بولاتتى، ئەمما يۈرىكىنى كۆيدۈرۈۋاتقان بىر ئەقىلسىزلىق، بوشلۇق بار ئىدى. ئۇنىڭغا دادىسىنىڭ ھەر ۋاقىت بىر ھەسرەت ئىچىدە ئۆزىگە تىكىلدىغان بىچارە كۆزلىرى كۆرۈنۈپ كەتتى. رابىيە مۇشۇ قاراشتىن نومۇس قىلاتتى، دادىسىنىڭ مۇشۇ كۆزلىرىگە تىك تۇرۇپ قارىيالمايتتى. ھەر ۋاقىت كۆرمەسكە سالاتتى... مانا ئەمدى ئاشۇنداق قارايدىغان، تەلمۈرىدىغان كۆزلەرمۇ يۇمۇلغان، ئۇنىڭغا قارىماس، تىكىلمەس بولغان ئىدى...

  كۈيئوغلىنىڭ ئازابى ھەممىدىن ئېغىر ئىدى، ئۇنىڭ ئىچىنى قانداقتۇر ھەرە تاتىلىغاندەك بىر ئارامسىزلىق ھە دەپ قاساپ يۇنايتتى:«ئېسىت، ھۈكۈمەتتىن بېرىدىغان 13 ئايلىق مائاش دېگەن نەق 40 مىڭ يۈەن، دەپنى پۇلىچۇ تېخى؟!ئاشۇلارنىڭ ھەممىنى مەسچىتكە بىرىۋېتەرمۇ ئەمدى ماۋۇ نوچى؟... قۇرۇق نوچى! ئۇنىڭ ئازابلىنىپ يىغلاپ كەتكىنىنى قانداق قىلاي؟ بوۋاي كۆز يۇمغاندىراق كېلەرمىكىن دېسەم، يەنىلا ئۈلگۈرۈۋالدى-دە... بولمىسا ھېچنېمىگە ئىگە قىلمايتتىم... ئۇ:‹دادامنىڭ ھالىدىن سەن خەۋەر ئال، ماڭا ئامال يوق، بۇ يەردىكى ئىشلىرىمنى تاشلاپ ھەرگىز شىنجاڭغا قايتالمايمەن، مەن دادامنىڭ بىر تال چوكىسىنىمۇ ئالمايمەن، سەن خىزمەتسىز، ئېرىڭنىڭ قولىغا قاراپ قالدىڭ، ئەڭ مۇھىمى دادامدىن زادىلا ئايرىلمىدىڭ، شۇڭا دادامنىڭ ئەسلى ۋەسلىنىڭ ھېچقاندىقىغا قول تەگكۈزمەيمەن، گېپىم گەپ!›دەۋاتاتتى. مانا قاراپ تۇرسام ھېچبىر زۇۋان يوق... كۈنىنى ئالالمىغان بولسا مىراس تالىشىپ قالارمىزمۇ؟ ئاۋۇ سېرىق خوتۇن ياماندەك كۆرۈنىدۇ... ئالاڭلاپ ھەممە يەرگە تەكشى قارايدۇ، خۇددى بۇ ئۆيدىمۇ بوۋاينىڭ ھەققى باردەك!... ئايخاننىغۇ يوقاتتىم، لېكىن ماۋۇلارنى ئېغىز ئاچۇرمىغۇدەك قىلىۋېتىش تەس... بوۋاي قالايمىقان جۆيلۈپ، ئىشنى ئېلەشتۈرمىسىلا بولاتتى... شۇنچە ۋاقىت زۇۋانى ئېچىلماي، ئەمدى ھەممە ئىش ئىزىغا چۈشكەندە غەلىتىلا ئىش بولدى-دە؟... زۇۋانى سازلىشىپ كەتتى، كېكەچلەپ، ھەجىلەپ قالسا نېمە دەي؟ توۋا خۇدايىم، بوۋايغا نېمە دەپ تۇرۇپلا تىل چىقىپ قالدى؟ بۇ ياخشىلىقنىڭ ئالامىتىمىدۇ ياكى يامانلىقنىڭ؟...»

  بوۋاينىڭ ۋەسىيىتى بىلەن شۇ كېچىدىلا ئۆيدىكى ھەممەيلەن يېزىدىكى چوڭ ئۆيگە ئورۇنلاشتى، قىش شىپقاپ كېلىۋاتاتتى، ئۆي ئىچىمۇ غەلىتىلا سوۋۇپ كەتكەن ئىدى. دادىسىنىڭ بەكلا بوشاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان ئوغۇل دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئەتە ئەتىگەن بامداتتىن يانغان جامائەتنى ئۆيگە چاقىرىپ قويدى. ئالىدىغان جىددى لازىمەتلىكلەرنى ئېلىپ، بىردەمدىلا پولو ئېتىدىغان ئۇستىلارنى، ھە-ھۇ دېيىشىدىغان ئاياللارنى تەق قىلدى. يىقىلغان ئوچاق، بۇزۇلغان قۇدۇقلارنى كېچىدە چىراغ تۇتۇپ ئوڭشىدى. شۇنداق قىلىپ ئەتىسى يېزىغا قاراشلىق مەسچىتنىڭ بارلىق جامائىتى، كونا مەھەللە-كويلار، ئەرلەر، ئاياللار، يېتىمچىلەر بازىرىدىكى مۇساپىرلار، ئىشلەمچىلەر...گە نەزىر بېرىلدى. جامائەت بىر-بىرلەپ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرشقىمۇ پايلىماي، يېتىپلا قالغان بوۋاي بىلەن كۆرۈشۈپ، رازىلىقىنى ئېلىشىپ چىقتى. بوۋايمۇ ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئالاتتى، رازىلىق بېرەتتى، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆيدە بوۋاينىڭ ئوغلى، كېلىنى، قىزى، كۈيئوغلىلا قالدى. رادىل سىڭلىسى رابىيە بىلەن پۈتۈنلەي بوشاپ كەتكەن بوۋاينىڭ ئالدىغا يۈكۈنۈپ دادىسىدىن ئۆتۈندى:

  ــــ دادا، بىزگە رازىلىق بەرگەن بولسىڭىز... سىزنى باقالمىدۇق، سىزنى رازى قىلالمىدۇق... بولۇپمۇ مەن...ـــ ئۇ شۇنداق دەپ ھۆركۈرەپ يىغلىدى، يىغىسى يۈرەكنى ئېزەتتى.

  ــــ ئاياغلىرىم... كىيىملىرىم ھۆلدە قالدىمىكىن... سەن ئوغلۇم بولغاندىكىن قۇرۇقداپ قوي... كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرغىن... سېسىق پۇراپ قالماي... مېنى ھېچكىمگە كۆرسەتمىگىن... سىڭلىڭ كۆرمىسۇن...ـــ دېدى بوۋاي زەئىپ ئاۋازدا يىغلامسىراپ...

  ـــــ ماقۇل، جېنىم دادا...ـــ رادىلدىن باشقىلار دەرھاللا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ئوغلى بوۋاينىڭ پاكىز كىيىملىرىنى ئالماشتۇردى، بوۋاي غەلىتىلا تەرلەپ كەتكەن ئىدى. غوللىرى چۆپ-سۈزمە ئىدى. ئوغلى دادىسىنىڭ غوللىرىنى ئېيتىپ، كىچىك تەرىتى بىلەن ھۆللەنگەن لاتىنى ئالماشتۇردى. ئىشلار تۈگىگەندە سىرتتىكىلەر دادىسىنىڭ بېشىدا پەيدا بولۇشۇپ، ئەتراپىغا يۈكۈنۈشتى:

  ــــ سېنىڭدىن، خوتۇنۇڭدىن رازىمەن، بالام... خىزمىتىڭنى قىلىپ، ئۆزۈڭنى قۇدرەت تاپقۇزغىنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئىدى، بالام. سېنى چۈشىنىمەن... كىشىنىڭ يۇرتىدا... ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىڭنى ئۇنتۇما، ساڭا ھېچنېمە قالدۇرالمىدىم... بەختلىك بول، ئىككىلا دۇنيا ئەزىز بول، بالام... ساڭا دۇئايىمنى قالدۇردۇم، دۇئالىرىم بىلەن تېخىمۇ كۆكلەپ كېتەرسەن...

  بوۋاينىڭ چاناقلىرى لىققىدە ياشقا تولدى، ئۇنىڭ نۇرلىرى ئۆچكەن مۇڭلۇق كۆزلىرى قىزىدا توختاپ قالغان ئىدى. قىزى ئۇنىڭغا نومۇسلىنىش،خۇدۈكسىنىش، دەرد-ھەسرەت، سېغىنىش ۋە پۇچۇلىنىش ئىچىدە ئۆتۈپ كەتكەن پۈتۈن بىر يىلنىڭ يىغىندىسىدەك تۈگۈلۈپ ئولتۇراتتى... بوۋاي ئەمدى دىلىدىكى ئازابنى يوشۇرۇپ ئولتۇرۇشنى خالىمىدى. ۋاقىت يەتكەن ئىدى، ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ قات-قېتىغا ئورنىشىپ كەتكەن ھەسرەت ۋە ئېغىر ئەسلىمە بوۋاينىڭ ھەر قانداق تۇيغۇلىرىدىن، ھەتتا ئاتىلارنىڭ كەڭ قورساقلىقى، ئەپۇچانلىقىدىنمۇ غالىب كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ قۇلىقىدا ئايخاننىڭ:«قېرىلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى بەختى ھەرگىزمۇ ئۆزىگە باغلىق ئەمەس ئىكەن، بەلكى بالىلىرىنىڭ قولىغا قاراشلىقكەن» دېگەن مۇڭلۇق ئاۋازى يەنە جاراڭلىدى. بۇ ئاۋاز بوۋاينى قەتئىي ئىسيانكارغا ئايلاندۇردى. كىم شۇنداق دەيدۇ؟ نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ ئاتا بولغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى نەدە؟ ئەلۋەتتە خاتا كېتىۋاتقان پەرزەنتلىرىنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئېسىدىن چىقمىغۇدەك ساۋاق بېرىشتە.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر