باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كەچكۈزدىكى غېرىبلىق(4)

نۇرگۈل ئەبەي

2015.08.19 12:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ــــ ھېچقىسى يوق، كۆنۈپمۇ قالدىم. كەچتە كۆرۈشەيلى!

  قىزى چوكان بىلەن خوشلىشىپ، دادىسىنى ئىتتىرىپ پىيادىلەر يولىغا بۇرۇلدى. مۇشۇ يول بىلەن يېرىم سائەتلەر ئەتراپىدا ماڭغاندا، بوۋاينىڭ قارا دۆڭدىكى قورۇسىغا بارغىلى بولاتتى. بوۋاي ئىختىيارسىز كوچىلارغا، ئۇ ياق-بۇ ياققا ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئادەملەرگە قارىدى. ئاغرىپ ياتقاندىن بۇيان ئۇ قىزىنىڭ ئۆيىدىكىلىرىدىن باشقا يات كىشىلەرنى بەكمۇ ئاز ئۇچرىتىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. دەسلەپ يېزىدىكى قوشنىلىرى پات-پات يوقلاپ كەلدى، ئەمما قىزىنىڭ سىلىقلىقىدىن يىقىلپ چۈشكىدەك پاكىز ئۆيىدە كۈيئوغلىنىڭ ھاكاۋۇر قاراشلىرىدىن خىجىل بولۇپ، كېيىن كەلمەسلا بولۇپ كەتتى. بوۋاي كونا قوشنىلىرىنى سېغىنغان ئىدى، ئۇلارنىلا ئەمەس، ھېچقاچان تونۇشلۇقى بولمىغان يات كىشىلەرنى، ھازىرقىدەك مىغىلداپ، قاياقلارغىدۇر ئالدىراش چېپىپ كېتىۋاتقان ھەر خىل سىياقتىكى ئادەملەرنىڭ چىرايىنىمۇ سېغىنغان ئىدى. ئادەملەر ــ قېرى-ياش،ئەر- ئايال،ئۇششاق-چوڭ...لار خۇددى موكىدەك ئۇنىڭ يېنىدىن تېز-تېز قەدەملەر بىلەن ئاللىقاياقلارغا ئۆتۈپ كېتەتتى. ھېچكىم بوۋايغا باش كۆتۈرۈپ قاراپمۇ قويمايتتى، ئۇلارنىڭ گاھىلىرىنىڭ قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ كەتكەن، گاھىلىرى قاقاھلاپ كۈلۈۋاتقان، گاھىلىرى غەزەپلىنىپ ياكى چوڭقۇر خىيالغا پېتىپ كېتىۋاتقان، گاھىلىرىنىڭ چىرايىدا ھەتتا ھېچقانداق ئىپادە يوق قېتىپلا قالغاندەك... مۇبادا ئايخانمۇ مۇشۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا قاراپ مېڭىپ كەلسە، قانداق روھىي ھالەتتە كېلەر-ھە؟ ئۇنىڭ چىرايى شۇ تاپتا قانداق ھالدىدۇر؟ سۇلغۇنلىشىپ ئۆزىنى تاشلاپلىۋەتكەنمىدۇ ياكى مۇنۇ قىزى ئېيتقاندەك ئېچىلىپ-يېيىلىپ تېخىمۇ ياشىرىپ، يەنە بىر ئەرگە تېگىشنىڭ تەييارلىقىغا چۈشكەنمىدۇ؟... بوۋاينىڭ يۈرىكى ۋىژژىدە ئېچىشىپ كەتتى. ياق، ياق... ئايخان ھەرگىزمۇ قىزى ئېيتقاندەك شاللاق ئايال ئەمەس... بوۋاي كاللىسىغا كەلگەن ئازابلىق خىياللارنى نېرى قوغلىۋەتتى. ئۇنىڭ كۆز ئۆڭىدە ئايخاننىڭ غەم باسقان، ياداپ كەتكەن، ئۆزى بىلەن قىزى ئوتتۇرىسىدا تەڭلىك بولۇپ تاشالماي قالغان بىچارە كۆزلىرى بىراقلا زاھىر بولغان ئىدى. مۇشۇ تاپتا بىچارە مەزلۇم كوچىغا چىقىپ قالغان بولسىمۇ-ھە؟ قانداق ياخشى بولغان بولاتتى!؟... بوۋاينىڭ يۈرىكىدە بىر تەشنالىق ياندى، ئۇنىڭ ئايخاننى تېخىمۇ كۆرگۈسى كېلىپ كەتتى...

  سېغىنىش، جۇدالىق، تەڭسىز ئوت-پىراق... بوۋاينى تېخىمۇ ئېزىۋەتتى. سوغوق كۈز شامىلى غۇرقۇراپ تۇرغان كوچىنىڭ ھەممە يېرىدىن بىر خىل غېرىبلىق، مىسكىنلىك تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ھەقىقەتەن ئۈششۈك تەگكەن گۈل-گىياھ، دەل-دەرەخلەر بەئەينى بوينىنى قىسىپ ئولتۇرغان بىچارە بوۋاينىڭ ئۆزىگىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى.

  قىزى زۇۋان سۈرمەيتتى، خۇددى غىچىرلاپ كېتىۋاتقان چاقلىق ئورۇندۇقتىن نومۇس قىلىۋاتقاندەك ئۆزى بىلەن تەڭ دېمەتلىك ياشلار ئۇچرىغاندا بوۋاينىڭ ئۇ يەر بۇ يېرىنى تۈزىگەن بولۇپ، ھارۋىنى ئىتتىرىشتىن توختىۋالاتتى، ئىچىدە ئېرىنىڭ پىخسىقلىقىنى مىڭنى تىللاپ كېتەتتى.

  ــــ ئابدۇللاخۇنمۇ سىلى؟ـــ ئۇلار يېزىغا ئېلىپ بارىدىغان يولغا قايرىلغاندا، دوقمۇشتىلا قېتىق سېتىۋاتقان بىر موماي يۈگۈرۈپ دېگۈدەك ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلدى. بوۋاي بىر قاراپلا موماينى تونۇۋالدى. موماي ئايخانغا يىراق تۇغقان كېلەتتى، بوۋاي ساق چاغلاردا پات-پات ئۇلارنى يوقلاپ كېلەتتى. بوۋاينىڭ يۈرىكى بىر خۇشاللىقتىن تېپچەكلەپ كەتتى. ئۇ گەرچە ئايخاننى كۆرەلمىگەن بولسىمۇ، ئايخاننىڭ خەۋىرىنى بىرىدىغان ئادەمنى ئۇچرىتالىغان ئىدى. قىزىمۇ موماينى تونۇيتتى، شۇڭا چىرايىنى سۆرۈنلەشتۈرۈپ، ئادەتتىكى سالام بىلەنلا داۋاملىق كېتىۋەرمەكچى ئىدى. موماي بوۋاينىڭ كۆڭلىدىكىنى تۇيغاندەك توختىتىۋالدى:

  ــــ ۋاي قىزىم، بىردەم تۇرسىڭىزا؟... ئابدۇللاخۇننى كۆرمىگىلى يىل بولغىلى تۇرۇپتۇ، بىردەم مۇڭدىشىۋالايلى. بۇ كىشى ساق چاغدا تولا مۇڭ-ئەھۋال تۆكۈپ تۇراتتۇق، بېرىش-كېلىشىمىز قويۇق ئىدى،ـــ دېدى موماي قىزىنىڭ سوغوق چىرايىنى بىلمەسكە سېلىپ،ــــ سىزمۇ ھېرىپ كەتتىڭىز، قىزىم. ھازىرغۇ قېتىق خۇشياقمايدۇ، شۇنداق بولسىمۇ ئازراق دوغاپ قىلىپ بېرەي، ئۇسسۇزلىقىڭىزنى باسىدۇ. قاراڭە، تەرلەپ كېتىپسىز...ــــ موماي شۇنداق دېگىنىچە خۇددى خۇشامەت قىلىۋاتقاندەك، قىزنىڭ جاۋابىنى كۈتمەيلا دوڭغاقلاپ مېڭىپ، كورىدىن بىر چۆمۈچ قېتىقنى ئالدى-دە، سۇ قۇيۇپ بىر چىنە دوغاپ قىلىپ قىزغا سۇندى.

  ــــ ۋاي، مەن ئىچمەيتتىم...ـــ دېدى قىز. شۇ تاپتا مۇزدەك ئۇسسۇزلۇق ئۇنىڭ ئۈچۈن جاننىڭ راھىتى ئىدى. موماي شۇنى بىلگەندەك، ئۇنىڭ يالغان تەكەللۇپ قىلىشلىرىغا پەرۋا قىلماي، بىر چىنە دوغاپنى قىزغا تۇتقۇزۇپ بولدى. قىزغا دوغاپ خۇشياقتىمۇ ياكى ياشتا شۇنچە چوڭ ئايالنى رەت قىلىشتىن ئۇيالدىمۇ، دادىسىنىڭ بالىلاردەكلا تېز-تېز باش لىڭشىتىپ كېتىشلىرىگە قاراپ بىردەم تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن،ـــــ ئابدۇللاخۇن، سىلىنى يوقلىيالماي سەتلا قىلىقنى قىلدىم. توۋا؟... سىلىنى كۆرمىگەنگىمۇ يىل بولغىلى تۇرۇپتۇ، ئۆتكەندە ئايخان بىلەن بىللە يانلىرىغا كىرىپ چىقىلى دەپ ئىشىكنى چەكسەك، ئۆيدە ئادەم يوقكەن، ئىشىك ئېچىلمىدى... بۇ قىزىم سىلىنى بۈگۈنكىدەك بىر يەرگە ئېلىپ كەتكەن بولغىيدىمىكىن تاڭ... كېيىن يەنە نەچچە كەلدۇق، سىلى يوقكەنلا.

  بوۋاي چۈشەندى، دادىسى ئاغرىپ قالغاندىن بۇيان قىزى مۈشۈك كۆزدىن قاراپلا ئىشىك چەككۈچىنى كىرگۈزۈش-كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلىدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدى. ھەر قېتىم ئىشىك چېكىلىپ، قىزى ئاۋاز چىقارماي جىممىدە تۇرۇۋالغاندا، بوۋاي كەلگۈچىنى «ئايخانمىدۇ؟» دەپ ئويلاپ قالاتتى. كاردىن چىققان پۇت-قوللىرىغا ھەسسىلەپ نەپرەتلىنىپ، ئۆزىنىڭ بۇ دەرىجىدىكى ئاجىزلىقىغا ئۆكۈنۈپ كېتەتتى. بوۋاينىڭ كۆڭلى تۇيغان ئىدى، ھەقىقەتەن ئىشىك سىرتىدا سوغوق قالدۇرۇلغان پەتىچىلەرنىڭ بىرى ئايخان ئىدى. زور ئۈمىدلەر بىلەن كېلىپ، تالاي قېتىم ئاشۇ ھالدا قايتىپ كەتكەن ئىدى. قىزىنىڭ ئايخاننى ئۆيىگە كىرگۈزمىگىنى، ئايخاننىڭ يۇم-يۇم يىغلاپ قايتىپ كېتىۋاتقان بىچارە تۇرقى كۆزىگە كۆرۈنۈپ، بوۋاينىڭ يۈرىكى سىرقىراپ كەتتى.

  ـــــ ئايخان ھازىر ئۈرۈمچىدە ياتاقتا يېتىۋاتىدۇ، نېمە كېسەل ئىكەنلىكىنى بىلگۈدەك بولمىدىم،ـــ موماي بوۋاينىڭ كۆزلىرىدىكى ئايخاننىڭ ئەھۋالىنى بىلىشكە بولغان تەشنالىقىنى دەرھاللا پەملىدى،ــــ خېلى بولدى، مىجەزى يوق بوپ قاپتىكەن... ئوغلى ئالدىنقى ھەپتە زورلاپ ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپتۇ، شۇ بارغانچە ياتاقتىلا ياتقان چېغى... قالغىنىنى مەن بەك بىلىپ كېتەلمىدىم، ئەمما سىلى ئۇنىڭدىن ئەنسىرىمىسىلە، ئوغلى بەك ۋاپادار بالا...

  ـــــ ئاچا، دادامغا بۇنداق كۆڭۈلسىز گەپنى دەۋەرمىسىلە، دادامنىڭ خاپىلىق كۆتۈرگۈچىلىكى يوق! ــــ قىزى ئورنىدىن تىرىڭڭىدە تۇرۇپ، موماينىڭ قېتىق چىنىسىنىمۇ پۇلاڭڭىدە قويدى-دە، دادىسىنى ئىتتىرىپ يولىغا ماڭدى. موماينىڭ كۆزلىرى بوۋاينىڭ ياشلار سىرغىپ تۇرغان نۇرسىز كۆزلىرىدىلا توختاپ قالدى. بوۋاينىڭ نەقەدەر ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلغان موماي ئىچ-ئىچىدىن خۇرسىنىپ كەتتى.* *

  *

  *

  * * * *

  *

  دەرەخلىقتىن كەلگەن غۇر-غۇر شامال بوۋاينىڭ غەمخانە بېشىغا سەل ئاراملىق بەرگەندەك بولدى. ئاۋات شەھەر كوچىسىدىن پەرقلىنىدىغان ئەگرى-بۈگرى يوللار ھېچ سوزۇلمايلا بېشى يوق يىلاندەك قويۇق يېزا كوچىلىرىغا تۇتۇشۇپ كېتەتتى.

  يول بويى ئۇچرىغانلىكى تونۇش-بىلىشلەر بوۋاينىڭ يېنىغا چۈشۈپ قىزغىن ھال- ئەھۋال سورۇشۇپ ئۆتەتتى. بوۋاي ئۇلارنىڭ سالىمىغا، كۆڭۈل ياساپ قىلغان گەپ- سۆزلىرىگە مۇڭ بىلەن تەلمۈرۈپ، يىغا بىلەن جاۋاب بېرەتتى. بىر چاغلاردىكى توغراقتەك قەددى-قامەتلىك،گەپ-سۆزلىرىنىڭ ۋەزنى بار، ھەر قانداق ئادەمگە تىك قاراپ، گۈركىرەك ئاۋاز چىقىرىپ تۇرىدىغان ئابدۇللا گاڭگۇڭنىڭ ھازىرقى كىچىك بالىدەك، بىر نېمىلەرنى دېمەكچى بولۇپ ئۆمتۈلۈپ، تىلىنى مىدىرلىتالماي، ئاخىرىدا ئاۋازسىز جىممىدىلا ياش تۆكۈپ كېتىشىنى كۆرگەن ھەر قانداق ئادەم ئىختىيارسىز بوۋاي بىلەن تەڭلا يىغلىشاتتى. «ياخشى بولۇپ كېتىلا...» دېگىنىچە تەسەللى بېرەتتى. مۇشۇنداق ۋاپادار قىزىنىڭ بولغىنىغا شۈكرى قىلىشنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدىغان قوشنىلارمۇ يوق ئەمەس ئىدى. تەسىرلىنىپ كەتكەن بىر نەچچە ئىگە-چاقىسىز بوۋاي-مومايلار ۋاپادار قىزغا مەستلىكى كېلىپ، قىزىنى ئۆيلىرىگە تەكلىپ قىلاتتى:«خۇدا بەختىڭىزنى بېرىدۇ، قىزىم. دادىسىنى باققاننىڭ ساۋابىغا ھېچنېمە تەڭ كەلمەيدۇ...» دېيىشەتتى ئۇلار. بۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا قىزى باشقىچىلا خۇشال بولۇپ كېتەتتى، دادىسىنىڭ تەرلەپ تۇرغان سوغوق پىشانىسىنى، ياشلىق كۆزلىرىنى ئاپپاق لۆڭگە بىلەن يۇمشاق ئېيتاتتى.

  ئۇلار ئاخىرى كونا زېمىنغا كەلدى. بوۋاي بۇ يەرنى دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن ئەزىز بىلەتتى. بو كونا زېمىندا بوۋاينىڭ بالىلىق، ياشلىق، قىرانلىق، قېرىلىق چاغلىرى، ئەبەدىي ئۆچمەس، يوقالماس ھاياجانلىق تىنىقلىرى قالغان. گۈزەل ئىستەكلىرى مۇشۇ قەدىمىي ھويلا بىلەن باغلىنىپ، ئاشۇ كونا ئۆيلەرگە مەڭگۈلۈك ئورنىشىپ كەتكەن ئىدى...

  شۇڭا بوۋاي بۇ يەرنى ھەر قانداق يەردىنمۇ ئەزىز بىلەتتى، پۈتۈن مېھرى ئۆيگىلا ئاقاتتى، ھەم مەڭگۈ ئېقىپ توختىمايتتى... ھەر قېتىم بۇ ئۆيگە كەلگەندە تۇرمۇشنىڭ ئۇنىڭغا ئەكەلگەن كۆڭۈلسدىزلىكلىرى بىلەن بىزارلىقى بىردىنلا يوقىلاتتى. ئانىسى بار چاغدىكىدىن تارتىپلا تېرىلىدىغان قىزىلگۈل، سېرىق سەبدە، لەيلىگۈل، ئەتىرگۈل... لەرنىڭ خۇش پۇرىقى، قۇشلارنىڭ نەغمە-ناۋاسى ئۇنىڭ ھارغىنلىقىنى يېشەتتى، قەلبىگە چوڭقۇر ئازادىلىك بېرەتتى...

  ھالبۇكى، بۈگۈن بوۋاينىڭ كۆزىگە كۆرۈنگىنى ئۇ زارىقىپ كۈتكەن، سېغىنغان ئازادە ھويلا-ئارام، مېۋىلىرى مەي باغلاپ تۆكۈلۈپ كەتكەن جننەت كەبى باغ، چىنىدەك تازىلانغان مېھرى ئىسسىق ئۆي-ۋاران ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي ۋەيرانە بولغان كۆڭۈلسىز مەنزىرە بولدى: بۇندىن ئىككى يىل بۇرۇن دەرۋازىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قېرى تۇخۇمەكنى قومۇرۇۋېتىپ، ئايخاننىڭ رايى بويىچە تىكىپ قويۇلغان مەجنۇنتال بىلەن شۇ يىلىلا بولاققا كىرگەن ئىككى تۈپ ئاق ئۈژمە سۇسىزلىقتىن قۇرۇپ كەتكەن ئىدى. مەجنۇنتالنىڭ ئوق شېخى قۇرۇپ، يوغان بىر پۇتىقى يېرىپ تاشلانغان بولغاچقا، پۈتۈن بەدىنىنى داۋاسىز كېسەل چىرمىۋالغان مۇساپىردەك، كاكىلى چۈشۈپ، توپىلىرى پۇرقۇراپ تۇرغان ھويلا تېمىغا ئارتىلغان ھالدا ھاياتىي كۈچىدىن قالغان ئىدى...

  قىزى يوغان قۇلۇپنى ئېچىپ دادىسىنى ھويلىغا ئىتتىرىپ كىردى. ئىگىسىز قالغان تاشلاندۇق ئۆيلەر، قورولار تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ھالدا چوقچىيىپ تۇراتتى. ھويلىلار قۇرۇپ كەتكەن خازانلار، تاشلاندۇق قەغەزلەر، سۇلياۋ خالتىلار، ئىشلەمچىلەرنىڭ تاشلىۋەتكەن ئەسكى-تۈسكى كىيىم-كېچەكلىرى، قېتىپ كەتكەن پاسكىنا ئاياغ-پايپاقلىرى... بىلەن تولغان ئىدى. روھ چىۋىنلار تەرەپ-تەرەپكە ۋىژىلداپ ئۇچاتتى. ئۇلارنىڭ گىژىلدىشى يىغا ئاۋازىدەك يېقىمسىز ئىدى. چىۋىنگە جۆر بولۇپ يوغان ئىككى قارا ھەرە بوم ئاۋازدا غۇڭۇلدايتتى. ئۇچۇپ-ئۇچۇپ ئۇ يەر-بۇ يەرگە ئۈسسۈۋالاتتى. ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قاتار تىكىلگەن ئۈچ تۈپ گىلاس بىلەن ئىككى تۈپ نەشپۈت دەرىخى پۈتۈنلەي يالىڭاچلانغان ئىدى. يېشىل پۈركەنجىدىن ئايرىلغان كونا زېمىن قىپيالىڭاچ ئەخلەتخانىغا تاشلىۋېتىلگەن كىچىك بالىدەك سوغوقتا توڭۇپ، تىترەپ تۇراتتى... بۇ يەردە تۈنۈگۈنكى سەلتەنەتتىن، خۇشاللىق ھەم كۈلكىدىن ھېچقانداق ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى.

  بوۋاي قىزىغا ئەلەم بىلەن لەپپىدە قارىدى، ئەمما قىزى بېشىنى كۆتۈرۈپ دادىسىغا قارىيالمىدى. قارىغاندا ئۇنىڭ بۇ ئۆيگە كەلمىگىنىگىمۇ ئۇزۇن بولۇپ كەتكەندەك ئىدى. شۇ تاپتا ئۇ ئېرىنىڭ:«پاكىز بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئىجارىگە بەردىم» دېگىنىدىن دادىسىغا ئوخشاشلا گۇمان قىلماي تۇرالمىدى. ئۇ ئۆزىمۇ بۇ قەدىمىي قورو-جاينى بۇ ھالدا تاشلىنىپ كەتتى، دەپ ئويلىمىغان ئىدى. شۇڭا بىر سەھۋەنلىك ئىچىدە يۈزلىرى ۋىللىدە قىزاردى.

  «بۇ ئۆينىڭ تاشلىنىپ،قارانچۇقسىز قالغىنىغا ھەپتە ئەمەس، بىر يىل بوپتۇ...» دەپ ئويلىدى بوۋاي كۆڭلى بۇزۇلۇپ... قىزى دادىسىنى ئىتتىرىپ ئۇدۇلدىكى چوڭ ئۆينى، مېھمانخانىنى ئاچتى. بۇ ئۆيدىكى جاھازلار شۇ پېتىچە تۇراتتى، ئوغرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىناغا ئېلىپ كېتىلگەن ئۈچ پارچە خوتەن گىلىمىدىن باشقا، ھېچقانداق جاھازلار يۆتكەلمىگەن ئىدى. ئەمما ھەممە نەرسىلەر قېلىن بىر قەۋەت توپىغا چۆمكۈلۈپ كەتكەن، تام-تورۇسلارنى ئۆمۈچۈك تورلىرى قاپلاپ كەتكەن ئىدى. چاشقانلار ھېچ ئەيمەنمەيلا ئۆي ئىچىدە يۈگۈرۈپ يۈرەتتى. كۆڭۈلنى ئېلەشتۈرىدىغان زەي پۇرىقىدىن باشقا چاشقانلارنىڭ ئېچىق ھىدى ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتكەن ئىدى...

  ــــ ۋاي خۇدايىم، نېمانچە كونىراپ كەتكەندۇ بۇ ئۆي؟... نېمانچە سېسىق؟...

  قىزىنىڭ كۆڭلى ئاينىدى، دەرھاللا دادىسىنى ئىتتىرىپ بۇ ئۆيدىن يېنىپ چىقتى، ئۇنىڭغا قارىغاندا غازاڭ باسقان ھويلا كۆپ ئازادە ۋە يېقىشلىق ئىدى.

  ــــ قايتىپ كېتەيلىمۇ، دادا؟ـــ قىزى كەلگىنىگە 10 مىنۇت بولمايلا بۇ يەردىن كېتىشنىڭ كويىغا چۈشتى. ئەمما بوۋاي بېشىنى كۈچەپ چايقىدى، قاپىقى ساڭگىلاپ «ياق» دېگەنگە ئوخشاش بوغۇق ئاۋازمۇ چىقىپ كەتتى.

  ــــ دادا، گەپ قىلالىدىڭغۇ؟ ئاۋاز چىقىرالىدىڭ؟ــــ قىزى بىر خۇشاللىق بىلەن دادىسىنىڭ ئالدىغا زوڭزايدى،ـــ خۇدا بۇيرىسا چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىسەن، سەن تېخى 70كە كىرمىدىڭ، جاھاننىڭ راھىتىنى كۆرىسەن، بۇ توپا ئۆيدە ئەمەس، ئازادە، راھەت ئۆيلەردە تۇرىسەن. بىز بىللە تۇرىمىز، دادا، سېنى ھەرگىزمۇ تاشلىۋەتمەيمەن...

  ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ قېتىپ كەتكەن تىللىرى شۇ كۈنلەردە تۇرۇپلا يۇمشاپ كەتكەندەك، ھەتتا راۋان سۆزلىيەلەيدىغاندەك بولۇپ قالغان ئىدى... شۇنداق سېزىم پەيدا بولغاندا بوۋاي پۈتۈن دىققىتىنى تىلىغا مەركەزلەشتۈرۈشكە ئۇرۇناتتى. ئاۋاز چىقىرىشقا تىرىشاتتى، ھەتتا بەزىدە يالغۇز قالغان چاغلىرىدا، ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا خۇددى ھەجىلەپ تىل ئۈگىنىۋاتقان كىچىك بالىدەك بىر خىل غەلىتىلا ئاۋاز چىقىراتتى. خېلى ئوچۇقلا بەزى سۆزلەرنى دەپ سالاتتى، ئەمما نۆۋىتى كەلگەندە سۆزلەيمەن، ئاۋاز چىقىرىمەن دەپ ئويلىسىمۇ، ئەكسىنچە ھېچقانداق زۇۋان سۈرەلمەيتتى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر