باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ سابىق مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى جاڭ دۇڭبىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قۇبۇل قىلماقتا

2019.05.05 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ سابىق مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى جاڭ دۇڭبىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە مەمۇرىي تەپتىش تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

  جاڭ دۇڭبىڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  جاڭ دۇڭبىڭ، ئەر، خەنزۇ، شەندۇڭ نىڭجىن ناھىيەسىدىن، 1959-يىلى 1- ئايدا تۇغۇلغان، ئالىي تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، 1976-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985-يىلى 8- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

  1976-يىلى 8-ئايدىن 1977-يىلى 12-ئايغىچە، بۈگۈر ناھىيەسى چېدىر گۇڭشېسىدا قايتا تەربىيە ئالغان؛

  1977-يىلى 12-ئايدىن 1980-يىلى 12- ئايغىچە، شىئەن گېئولوگىيە ئىنستىتۇتى يەر شارى فىزىكىسى كەسپىدە ئوقۇغان؛

  1980-يىلى 12-ئايدىن 1983-يىلى 4- ئايغىچە، شىنجاڭ گېئولوگىيە 3-چوڭ ئەترىتىنىڭ كادىرى بولغان؛

  1983-يىلى 4-ئايدىن 1993-يىلى 5- ئايغىچە، بايىنغولىن ئوبلاستلىق بىناكارلىق لايىھەلەش يۇرتىنىڭ كادىرى بولغان (بۇ مەزگىلدە 1992-يىلى 8-ئايدىن 1993- يىلى 5-ئايغىچە، ۋەزىپىدە خېجىڭ ناھىيەلىك ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان)؛

  1993-يىلى 5-ئايدىن 1996-يىلى 8- ئايغىچە، بايىنغولىن ئوبلاستلىق بىناكارلىق لايىھەلەش يۇرتىنىڭ باشلىقى بولغان؛

  1996-يىلى 8-ئايدىن 1998-يىلى 4- ئايغىچە، كورلا شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛

  1998-يىلى 4-ئايدىن 2001-يىلى 11- ئايغىچە، بايىنغولىن ئوبلاستلىق قۇرۇلۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان؛

  2001-يىلى 11-ئايدىن 2005-يىلى 12- ئايغىچە، بايىنغولىن ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئوبلاستلىق قۇرۇلۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان؛

  2005-يىلى 12-ئايدىن 2006-يىلى 11- ئايغىچە، بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى، ئوبلاستلىق قۇرۇلۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان؛

  2006-يىلى 11-ئايدىن 2016-يىلى 12- ئايغىچە، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 2016-يىلى 12-ئايدىن ھازىرغىچە، بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك) بولغان. (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر