باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈمىدكە تولغان يارمەھەللە كەنتى

بەي جىيۈ

2019.04.30 20:27         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4- ئاينىڭ 20- كۈنى، يارمەھەللە كەنتىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەپتە ئاخىرىدىن پايدىلىنىپ كېرىيە ناھىيەلىك مۇزېيغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كېرىيە ناھىيەسى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، بۇ ناھىيەدىكى مۇزېي ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرستىن سىرتقى بىلىمىنى بېيىتىشتىكى مۇھىم سورۇنغا ئايلاندى.(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى)

  بۇ، ئۈچ تەرىپى قۇم بىلەن ئورالغان كىچىك بوستانلىق، بۇ، غەيرىتى ئۇرغۇپ تۇرغان تەرەققىي قىلىۋاتقان يېڭى كەنت، بۇ يەر كېرىيە ناھىيەسى ئويتوغراق يېزىسىنىڭ يارمەھەللە كەنتى.

  2018- يىلى پۈتۈن كەنت نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، بۇ كەنتنىڭ يېڭى تەرەققىيات نىشانى ۋە يۆنىلىشى بار بولدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، ئامما تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى، تۇرمۇش تېخىمۇ ئۈمىدكە تولدى. ئۈمىد نوتىسى ئۈزلۈكسىز بىخ سۈرمەكتە، ئۈمىد غولى تېز ئاينىماقتا، ئۈمىدنىڭ جۇغلىنىشى تەدرىجىي رېئاللىققا ئايلانماقتا.

  بالىلار ئۈمىدنىڭ بىخى، يارمەھەللە كەنتىنىڭ ئەتىسى.

  كەنت يەسلىسىدە، بالىلار مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىنى چۆرىدەپ قىزىق ئويناۋاتاتتى، ئۆلچەملىك پۇتۇڭخۇادىكى «مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز» دېگەن سۆز يەسلىگە كىرگەن ھەربىر كىشىنى تەسىرلەندۈرەتتى. كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئازادە - يورۇق دەرسخانىدىن تەكشى دېكلاماتسىيە ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، قاپىيەداش تاڭ شېئىرىنى بالىلار ئەڭ ياخشى كۆرەتتى. ھەپتە ئاخىرى، ئادەتتە ناھىيە بازىرىدا ئوقۇيدىغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆيىگە قايتىدىغان ۋاقىت بولۇپ، ئۆگىنىش جىددىيلىكى ئارزۇنى تېخىمۇ قىممەتكە ئىگە قىلغانىدى. «بېيجىڭ داشۆسى قانداق؟» «شاڭخەي ياخشىمۇ؟»... ئارقا - ئارقىدىن سورالغان سوئاللارنىڭ كەينىگە بالىلارنىڭ ئارزۇ - ئىستىكى يوشۇرۇنغانىدى. ئۇلار بەلكىم يىراق جايلارغا بېرىپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن، بىراق ئۇلارنىڭ ئۈمىدى زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ كەتكەنىدى.

  قۇرامىغا يەتكەنلەر ئۈمىدنىڭ غولى، يارمەھەللە كەنتىنىڭ بۈگۈنى.

  ياڭاقلىقتا دېھقانلارنىڭ ئۈستبېشىنى قۇم - توپا باسقان، تىرناقلىرى ئارىسىغا لايلار كىرىپ كەتكەن، ئەمما ئۇلارنىڭ تىنىۋېلىشقىمۇ چولىسى تەگمەيتتى. ئۇلار كەتمەن بىلەن يەرنى بوشىتاتتى، قايچا بىلەن شاخلارنى چاتايتتى. كەنت قۇرغان زاۋۇتتا، ئايال ئىشچىلار كىيىم تىكىش ماشىنىسىدا پىششىق مەشغۇلات قىلىپ، رەختلەرنى ئۇلاپ كىيىم تىكىۋاتاتتى، ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقىغا ۋە تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ يېتەرلىك ئىقتىسادىي مەنبەسىگە ئىگە قىلدى. شۇنداقلا يەنە يېزىدا، ناھىيەدە، خوتەن شەھىرىدە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يىراق جايلاردا، يەنە تېخىمۇ كۆپ يارمەھەللە كەنتى كىشىلىرى جاپاغا چىداپ ئىشلىمەكتە، ئۇلار يېڭى شەيئىلەرنى كۆردى، يېڭى تېخنىكىلارنى ئۆگەندى، يېڭى بىلىملەرنى ئىگىلىدى، ئۇلار ئەمدى كەنتكە قايتىپ كەلسە تېخىمۇ كۆپ كىشىنى زامانىۋى تۇرمۇشقا ئاتلىنىشقا يېتەكلەيدۇ.

  ياشانغانلار ئۈمىدنىڭ جۇغلانمىسى، يارمەھەللە كەنتىنىڭ تۈنۈگۈنى.

  ياشانغانلار يارمەھەللە كەنتىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، كەنتنىڭ نامراتلىقتىن بېيىشىدىكى قۇرغۇچىلار، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىشىدىكى گۇۋاھچىلار. 1975- يىلى تۇنجى تىراكتور سېتىۋېلىشتىن، 1979- يىلى مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ ئائىلىلەرگىچە ھۆددىگە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقىچە... ياشانغانلارنىڭ ئېغىزىدا، يارمەھەللە كەنتىنىڭ تەرەققىيات تومۇرى تەدرىجىي ئايدىڭلاشتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پەرزەنتلىرى بىلەن بىرگە تۇرۇپ، نەۋرىلىرىنىڭ ئۆز ئەتراپىدا ئوينىشىدەك ئائىلە شادلىقىدىن بەھرىمەن بولماقتا؛ بەزىلىرى كەنتتىكى ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە تۇرۇپ، قېلىپلاشقان ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمىتى ۋە تەڭدىمەتلىكلەرنىڭ سەمىمىي ھەمراھلىقىدىن بەھرىمەن بولماقتا. پارتىيەگە رەھمەت، ھۆكۈمەتكە رەھمەت، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىگە رەھمەت، مانا بۇ ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە ئويلىغانلىرى، شۇنداقلا داۋاملىق ساغلام، خۇشال - خۇرام ياشاش ئۇلارنىڭ ئۈمىدى، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭمۇ ئۈمىدى.

  ئۈمىدنىڭ مەزمۇنى ئادەمگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ، ئۈمىدنىڭ ئەمەلگە ئېشىش يولى ۋە قىيىنلىق دەرىجىسىمۇ تامامەن ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ. ئەمما يارمەھەللە كەنتىدە، كىچىكى يەسلىدىكى بالىلاردىن، چوڭى 70 ياشلىق بوۋاي - مومايلارغىچە ھەممەيلەن ئۈمىدكە تولغان، ھەممەيلەن ھەم ئۈمىد ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشماقتا.

  ئۈمىدكە تولغان يارمەھەللە كەنتى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر