جۇڭگو-رۇسىيە «دېڭىز ئۈستى بىرلەشمە - 2019» ھەربىي مانېۋىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى

2019.05.05 16:09 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 5-ئاينىڭ 4-كۈنى، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ لىنيى پاراخوتىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر بۆلۈنۈپ قاتناش مۇراسىمىدا، رۇسىيە پاراخوتىغا قول پۇلاڭلىتىپ خوشلاشماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالتە كۈن داۋاملاشقان جۇڭگو- رۇسىيە «دېڭىز ئۈستى بىرلەشمە - 2019» ھەربىي مانېۋىرىدا ئالدىن بەلگىلەنگەن تۈرلەرنىڭ ھەممە مانېۋىرى تاماملىنىپ، 5- ئاينىڭ 4-كۈنى قىزىل تەرەپ بىرلەشمە قوماندانلىق ئىشتابىدا يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مانېۋىردا «دېڭىزدا بىرلەشمە مۇداپىئە ھەرىكىتى» تېما قىلىنغان بولۇپ، جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى تەرەپنىڭ جەمئىي ئىككى چۆكمە كېمىسى، 13 سۇ ئۈستى پاراخوتى ۋە مۇقىم قاناتلىق ئايروپىلان، تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەترىتى قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ