خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 4-كۈنى، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى لىنيى پاراخوتىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر قاتناش بۆلۈش مۇراسىمىدا، رۇسىيە پاراخوتىغا قول پۇلاڭلىتىپ خوشلاشتى. ئالتە كۈن داۋاملاشقان جۇڭگو-رۇسىيە «دېڭىز ئۈستى بىرلەشمە-2019» ھەربىي مانېۋىرى ئالدىن بەلگىلەنگەن بارلىق پەنلەر مانېۋىرىنى تاماملاپ، 5-ئاينىڭ 4-كۈنى قىزىل تەرەپ بىرلەشمە قوماندانلىق ئىشتابىدا يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مانېۋىر «دېڭىزدا بىرلەشمە مۇداپىئە ھەرىكىتى»نى تېما قىلغان بولۇپ، جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى چۆكمە كېمىسى، 13 سۇ ئۈستى پاراخوتى ۋە مۇقىم قاناتلىق ئايروپىلان، تىك ئۇچار ئايروپىلانى ۋە قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەترىتى قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى زىخېڭ فوتوسى
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى