باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«1- ماي» بايرىمىلىق دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ ئەھۋالى

ساياھەت بازىرى قىزىپ، ئىستېمال قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى

2019.05.05 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ۋاقتى تەڭشىلىپ، «1- ماي»دىكى دەم ئېلىش ۋاقتى نۇرغۇن ئىستېمالچىلارنىڭ سىرتقا ساياھەتكە چىقىشىدىكى ياخشى پۇرسەتكە ئايلاندى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، كەڭ كۆلەملىك باج كېمەيتىش ۋە ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتى كىشىلەرنىڭ ئىستېمال ئارزۇسىنى ئاشۇردى، خاس ۋە كۆپ مەنبەلىك ساياھەت كەچۈرمىشى كىشىلەرنىڭ يېڭىچە ئىنتىلىشلىرى بولۇپ قالدى. جايلار مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىستېمالچىلارغا يېڭى ئىستېمال كەچۈرمىشى ئېلىپ كەلدى، دەم ئېلىش مەزگىلىدە ساياھەت بازىرى قىزىپ، ئىستېمال قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى .

  «1- ماي» مەزگىلىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش قىزغىنلىقى مىسلىسىز دەرىجىدە يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى، دېيىلسە، بۇ قىلچىمۇ ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولمايدۇ. 5- ئاينىڭ 1- كۈنى تۆمۈر يولدا توشۇلغان يولۇچىلار سانى 17 مىليون 243 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يېتىپ، شۇ بىر كۈندە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى. دەم ئېلىش مەزگىلىدە، خەلق ئاۋىئاتسىيىسى دۆلەت ئىچى ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلان مىقدارى 52 مىڭ 725 قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.63 ئاشتى. مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق كۆزىتىلگەن 36 مەنزىرە رايونىنىڭ ئەتراپىدىكى قاتناشنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.23 ئاشقان.

  مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، دەم ئېلىش مەزگىلىدە دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىلىكتە كۈتۈۋېلىنغان ئادەم 195 مىليون ئادەم (قېتىم)غا، ساياھەتچىلىك كىرىمى 117 مىليارد 670 مىليون يۈەنگە يەتكەن. ئىستېمال سوممىسى 501 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە بولغان ئارىلىقتا ئايلانغان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان، دېمەك، ئۇ %38نى ئىگىلىگەن. ساياھەتكە چىقىشتىكى بۇ مول بولغان ئېھتىياج بۇ يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ساياھەت ئىستېمالى بازىرىنى جانلاندۇردى.

  تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى مۇزېي، سەنئەت سارىيى قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت سارايلىرىغا باشلاپ كىرىپ، ئەتراپتىكى مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى ئاتا-ئانا-بالا ساياھىتىنىڭ يېڭى كۆڭۈل ئېچىش تۈرىگە ئايلاندى. ھەر قايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆزگىچە ئالاقە تورى ئارقىلىق مېھمانسارايلاردا كارتا سىيرىپ قەدەم تەشرىپ قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىستىراھەت، دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا بەھرىمەن بولىدىغان مېھمانساراي ساياھىتى ئۈزلۈكسىز ئەۋج ئالدى. بۇ يىلقى دەم ئېلىش بۇرۇنقىدىن بىر كۈن كۆپ بولۇپ، يىراق مۇساپىلىك، ئۇزۇن يوللۇق ساياھەتنىڭ پۇرسىتى ئىنتايىن ياخشى بولدى. ساياھەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلغان كۈنى ئىككى يېرىم كۈن بولۇپ، چوكانتال بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قارىغاندا %9.5 ئاشتى.

  كەسپىي زاتلار مۇنداق دەپ قارىدى: ئاتا-ئانا-بالا ساياھىتى مېھمانساراي، ئۇزۇن يوللۇق قاتناش، مەدەنىيەت، ئىستىراھەت، يېزا-كەنت، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق ئىستېمالغا زور دەرىجىدە تۈرتكە بولدى، خاسلاشقان كۆپ مەنبەلىك سىناق كىچىك دەم ئېلىش مەزگىلىدە ساياھەت بازىرى يېڭى قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر