باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قانۇنىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى

نازارەتچىلىكنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سۈزۈك سۇنى قوغداش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك

2019.04.30 20:29        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

 شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قانۇنى»نىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنى باشلاش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى: شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سۇ مۇھىتىنى قوغداش، سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۈزۈك سۇنى قوغداش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جەرۇللا ھېسامىدىن ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۈزۈك سۇنى قوغداش جېڭىنى ياخشى قىلىشنىڭ يېشىل تەرەققىياتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە چوڭقۇر تونۇپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە بۇرچ ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بۇ قېتىمقى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارىنى ئازايتىپ، بۇلغىنىش مەسىلىسىنى مەنبەدىن ھەل قىلىش كېرەك؛ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش، تۈزەش ئۈنۈمى ۋە چەكلىك مۆھلەتتە ئۆلچەمگە يېتىش ئەھۋالى، قانۇن بويىچە جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش ئەھۋالى، قانۇنىي مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، جاۋابكارلىققا تارتىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قانۇنىدا بەلگىلەنگەن رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، خىزمەت مەسئۇلىيىتى، قانۇنىي مەسئۇلىيىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ قانۇن - تۈزۈمنى، بولۇپمۇ يېڭى بەلگىلىمە، يېڭى تەدبىرلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويۇش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، قانۇن - تۈزۈمنىڭ قاتتىق چەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇننى تېگىشكە بولمايدىغان «يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى»غا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىپ نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا، تەپسىلىي ۋە ئېنىق دېلو مىساللىرى ۋە سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق قانۇننى يولغا قويۇش ۋە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەمەلىي ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ، قانۇن دائىرىسىگە تەۋە مەسىلىنى ئاددىيلاشتۇرماي، مەمۇرىيلاشتۇرماي، قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى ئادەتتىكى خىزمەت خاتالىقى دەپ قارىماي، خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تولۇق نامايان قىلىش كېرەك؛ مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەم دائىرىدىكى ئەھۋالنى ئىگىلەپ، سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قانۇنىنى يولغا قويۇشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى ۋە تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەش، شۇنداقلا مەسىلىنى توغرا تېپىپ، كونكرېت تېپىپ، مەسىلىنى ھەقىقىي بايقاپ، ھەقىقىي مەسىلىنى بايقاپ، قايسى مەسىلە گەۋدىلىك بولسا شۇ مەسىلىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش، قايسى جايدا مەسىلە گەۋدىلىك بولسا، شۇ جايغا بېرىپ تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن، 4- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىن ئۈچنى ئەۋەتىپ، ئايرىم - ئايرىم ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويۇش ئەھۋالى بويىچە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ يۇڭمىڭ، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر