باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەز قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئالتاي، تارباغاتاي، ئاقسۇ، قومۇلغا بېرىپ نازارەتچىلىك- يېتەكچىلىكنى قانات يايدۇردى

2019.04.30 20:28        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

 شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى مېھرىگۈل غوپۇر، ياڭ شۇخەن خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 22- كۈنى، مەركەز قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش 21- نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قومۇل شەھىرىگە بېرىپ نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

  نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرما بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك، ئەلرايىنى مايىل قىلىش - قىلالماسلىق ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشكە مۇناسىۋەتلىك. بۇ قېتىمقى تۆۋەنگە چۈشۈپ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە سىياسىي يۈكسەكلىك، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش، چوڭقۇر قېزىپ تەلتۆكۈس تەكشۈرۈش، تەشكىلات قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي رەھبەرلىكتىن ئىبارەت ئالتە مۇھىم نۇقتىنى زىچ چۆرىدەپ، ناھىيە (شەھەر)، يېزا - بازار (كوچا)، كەنت (مەھەللە)لەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىللىككە چېتىشلىق دېلولارنى بېجىرىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىنىدىغان جايلارنىڭ تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىشى، مەسىلىلەرنى بايقىشى، تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى مۇنداق تەكىتلىدى: ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرى چوقۇم سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي يۆنىلىشنى چىڭىتىپ، تەۋەلىكتىكى پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك خىزمىتىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈم بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك.

  ھەرقايسى جايلار بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركەزنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى تەڭ تۇتۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال تۈزەپ، مەنبەدىن تۈزەپ، قېزىلما بايلىق، بىناكارلىق قۇرۇلۇش، قانۇنسىز قەرز ئېلىش - بېرىش قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەرنى چىڭ كۆزلەپ، قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىللىككە چېتىشلىق مۇھىم، زور دېلو، قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى، ئارقىسىدىكى «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» «مۇناسىۋەت تورى»نى چوڭقۇر قېزىپ تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، قارا، رەزىل كۈچلەر پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى يوقىتىش كېرەك. يۈكسەك ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن، نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىكنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىككە قەتئىي ماسلىشىپ، نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىكنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر