باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«خېيجىڭشيا» ئايروبۇس A350 شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم ئۇچتى

2019.04.30 20:25   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

«خېيجىڭشيا» ئايروبۇس A350 شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم ئۇچتى

4-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئايروبۇس A350 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىغا قوندى.

مۇخبىرىمىز گو لىڭ خەۋىرى. 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، سىچۈەن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ B-304V نومۇرلۇق ئايروبۇس A350 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى چېڭدۇ شۇاڭليۇ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىغا سىلىق قونۇپ، ئايروبۇس A350 «خېيجىڭشيا» شىنجاڭدا ئۆزىنى تۇنجى قېتىم نامايان قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، سىچۈەن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئايروبۇس A350 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى چېڭدۇ-ئۈرۈمچى بېرىش-كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى 3U8841/42، كونكرېت ۋاقتى 3U8841 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 18 دىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە چېڭدۇدىن ئۇچۇپ، سائەت 21 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارىدىكەن، تەخمىنەن ئىككى سائەت توختىغاندىن كېيىن، 3U8842 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 23 تىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، ئەتىسى سائەت 2 دىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە چېڭدۇغا يېتىپ بارىدىكەن.

سىچۈەن ئاۋىياتسىيە شىركىتى كىرگۈزگەن بۇ A350 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى دۇنيا بويىچە ئەڭ يېڭى، ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قوش موتورلۇق، كەڭ گەۋدىلىك ئايروپىلانلارنىڭ بىرى بولۇپ، 331 ئورۇن بار، بۇنىڭ ئىچىدە، 28 ئورۇن ھۆكۈمەت بۆلمىسى، 303 ئورۇن ئەرزان باھالىق بۆلمە بار، ئاۋىياتسىيە مۇساپىسى 15 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدىكەن.

بۇنىڭدىن سىرت، تېخىمۇ كەڭ بولغان ئورۇن، پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك دېرىزە، LED چىرىغى سىستېمىسى، يېڭى بىر ئەۋلاد پۈتۈن بۆلمە ھەمتۈرتكە كۆڭۈل ئېچىش سىستېمىسى يولۇچىلارغا تېخىمۇ مول، ئازادە، كۆڭۈللۈك سەپەر مۇھىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·باشقۇرۇش-تەربىيە ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش تەن جازاسىنى قانۇنلۇقلاشتۇرۇش ئەمەس
    ·سەككىز ئۆلكە، شەھەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات لايىھەسىنى ئېلان قىلدى 
    ·"كەپسىز بالا"نى تەربىيەلەشتە ئاتا-ئانىنىڭ نوپۇزى بىلەن خۇشاللىق تەربىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇقارشى…
    ·ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟
    ·ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى: ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى بۇ ئېتىبار بېرىش سىيا…
    ·شىنجاڭنىڭ 2019-يىللىق ئادەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى تەلەپلىرى ئ…
    ·بېيجىڭ شەھىرىدە بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 59 مىڭ 209غا يەتكەن
    ·قازاقىستان زۇڭتۇڭى ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلدى، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلى…
    ·2019- يىللىق ئالىي مەكتەپ  ئىمتىھانى 6- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن باشلاپ ئېلىنىدۇ 
    ·مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ