باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىن ئىختىساسلىقلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشىدىكى مەخپىي شىفىر

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاڭ جىلى، لى رۇي، ۋاڭ چىمىڭ، جاڭ ۋەندې

2019.04.30 20:26        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۇچا ناھىيەسى چىمەن بازىرى نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن كۇچالىق «ئىختىساسلىقلار كۆپ چىقىدۇ» دەپ سۈپەتلەيدۇ.

  «بۇ يەردىن چىققان ئىختىساسلىقلارنىڭ زادى قانچىلىكلىكىنى ساناپ باقماپتىمەن، ئىشقىلىپ ئايروپىلان ھەيدەيدىغانلار، پويىز ھەيدەيدىغانلار، پاراخوت ھەيدەيدىغانلار، زاۋۇت باشلىقى بولغانلار، كادىر بولغانلار، ئوقۇتقۇچى بولغانلار بولۇپ ھەممىسى بار، ئوقۇتقۇچىلا 30دىن ئاشىدۇ» دېدى 4- ئاينىڭ 19- كۈنى نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىدە 37 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان يۈسۈپ مەخسۇت.

  ■ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدا تېرىقچىلىق قىلىش ھەم ئوقۇشنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش

  كەنت ئاھالىسى ۋاڭ مىڭيىن ئاكىسى ۋاڭ مىڭسەي بىلەن 1961- يىلى ئاتا - ئانىسىغا ئەگىشىپ نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقاندا، تېخى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانىدى، ئوقۇش يېشىغا توشقان تەقدىردىمۇ كەنتتە مەكتەپ يوق ئىدى.

  «ئۇ چاغدا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئەمدىلا كەلگەن بولۇپ، نۇرغۇن ئائىلە گەمىلەردە تۇراتتى، نەدىمۇ مەكتەپ بولسۇن؟» دېدى ۋاڭ مىڭيىن. بىراق، جاي - جايلاردىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ بالىلار ئوقۇيدىغانغا مەكتەپ بولمىسا بولمايدۇ، دەيدىغان بىر ئورتاق ئويى بار ئىدى.

  كەنت ئاھالىلىرى بىر ئۆينى بىكار قىلدى، كېسەكتىن ئۈستەل - ئورۇندۇق تەييارلىدى. يۇرتىدا ئىككى يىل خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولغان كەنت ئاھالىسى ۋاڭ ياجوۋ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بالىلارغا دەرس ئۆتتى. «مۇئەللىم ئوخشىمىغان ياشتىكى 40تىن ئارتۇق بالىنى ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ دەرس ئۆتەتتى، ئۈچ يىل ئۆتۈپ، كەنتتە مەكتەپ قۇرۇلغاندىن كېيىن ئاندىن سىنىپلارغا ئايرىلدۇق» دېدى ۋاڭ مىڭيىن ئەسلەپ.

  20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا، كەنتتە يېڭى مەكتەپ قۇرۇلدى، ئۇزۇن بىر رەت قىزىل رەڭلىك خىش ئۆيلەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. شۇ چاغدا، ۋاڭ مىڭيىن دىمەتلىك بىر ئەۋلاد كىشىلەر توي قىلىپ بالىلىق بولۇپ بولغان، ئۇلار ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىنى پەرزەنتلىرىنىڭ زىممىسىگە يۈكلىدى.

  ۋاڭ مىڭيىننىڭ چوڭ ئوغلى، قىزى ۋە بىرنەچچە جىيەن ئوغلى، جىيەن قىزى كەينى - كەينىدىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدى، جىيەن ئوغلى ۋاڭ يۇڭفېي ھازىر بىر ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئۇچقۇچىسى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، جى جىچاۋ ئائىلىسىدىكى ياشلار ئارقا - ئارقىدىن ئالىي مەكتەپلەرگە كىردى، خىزمەت ئورۇنلىرىغا چىقتى.

  جى ئائىلىسى ئوقۇتقۇچى ئائىلىسى، «ئۈچىنچى تاغام جى زىشەندىن باشلاپ ھېسابلىساق، بىزنىڭ جى ئائىلىسىدىن 19 ئوقۇتقۇچى چىقىپتۇ» دېدى جى جىچاۋ بىرمۇنچە كونا سۈرەتلەرنى كۆرسەتكىنىچە پەخىرلەنگەن ھالدا.

  ئارىسىدىكى بىر پارچە سۈرەت جى جىچاۋنىڭ 1972- يىلى چىمەن بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئىككىنچى ئىنىسى جى جىتاۋ ھەم ساۋاقداشلىرى بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى ئىدى. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، جى جىچاۋ كەنتكە قايتىپ كەنت كادىرى بولدى، جى جىتاۋ كەنتكە قايتىپ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولدى.

  جى جىتاۋنىڭ خوتۇنىمۇ ئوقۇتقۇچى ئىدى، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىدە 18 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندىن كېيىن، باشقا يېزا - بازاردىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا يۆتكەلدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ ئوغلى ۋە كېلىنىمۇ ئوقۇتقۇچى.

  ■ ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىشكە ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىنسا يەر - جاھان تېخىمۇ كەڭ بولىدۇ

  جى جىچاۋنىڭ نەۋرە ئىنىسى جى جىگۇاڭ پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ پەخرى، ئۇ دېڭىز ئارمىيەسى بېيخەي ئۇرۇش پاراخوتى ئەترىتى مەلۇم ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ مۇئاۋىن پاراخوت باشلىقى.

  جى جىچاۋ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيەلەپ چىققىنى يالغۇز جى ئائىلىسىلا بولماستىن، يەنە ۋاڭ ئائىلىسى، جياۋ ئائىلىسى، خوۋ ئائىلىسى، سۈن ئائىلىسى قاتارلىقلار ۋە نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت ئائىلىلىرى بار. كەنتتىكى بىرىنچى ئەۋلاد كىشىلەر بۇ يەرگە ئورۇنلىشىپ بوز يەر ئاچقاندا، ياشاش شارائىتى ناھايىتى جاپالىق ئىدى، لېكىن ھەربىر ئائىلە خۇددى كىتاب بىلەن شېئىر دۇنيادا ئۇزاققىچە تارقالغانغا ئوخشاش، سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل ئەخلاق - پەزىلەتكە ئىگە بولغاندىلا، ئائىلە ئۇزاققىچە گۈللىنىدۇ، دېگەن ئائىلە تەربىيەسىگە ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كەلدى.

  «مائارىپ ھەقىقەتەن نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇيالايدۇ. نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىنىڭ پۈتۈن بازار بويىچە ئارقىدىن سانىغاندا بىرىنچى نامرات كەنتتىن بۈگۈنكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى <ئۈلگە كەنت>كە ئايلىنىشىدا مائارىپ ناھايىتى زور رول ئوينىدى» دېدى نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى سۈن جىباۋ. بۈگۈنكى كۈندە كەنتتىكى يەر تېرىيدىغان ئاھالىلەرمۇ ئۆگىنىشكە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى، شۇڭا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېرىقچىلىق تېخنىكىسى دائىم ئەتراپتىكى يېزا - كەنتتىكىلەرگە قارىغاندا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

  ۋاڭ زىمېي ۋاڭ ياجوۋنىڭ ئوغلى بولۇپ، نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىدە بەش يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى: كەنتتىكى بالىلار ناھايىتى تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ، گەرچە مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن ئاتا - ئانىسىغا ياردەملىشىپ ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەرسىمۇ، لېكىن ئىزچىل ئۆگىنىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى نەتىجىسىدە، ئاشۇ بىرقانچە يىلدا كۇچا ناھىيەسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرىغا ئۆرلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىنقى بەشىنىڭ ئىچىدە، نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىنىڭ بالىلىرى كەم بولۇپ باققان ئەمەس.

  ھازىر، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى شەھەرگە كېلىپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى كىچىكىدىن تارتىپلا شەھەردە ئوقۇدى. لېكىن ئۇلار بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى كەنتكە قايتقاندا، ھەممىسى پەرزەنتلىرىنى بىللە باشلاپ بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئوقۇتقۇچىلىرىنى يوقلايدۇ، ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بىر قىسىم قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

  ■ ياخشى يېزا ئىستىلىغا كۈچ ئۇلاپ ۋارىسلىق قىلىش

  يېقىندا، كۇچا ناھىيەلىك 3- يەسلىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە بالىلار ئويۇنچۇق ۋە ئوقۇش قوراللىرىنى ئېلىپ، نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتى يەسلىسىگە بېرىپ مېھىر - شەپقەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ناھىيە بازىرىدا 20 نەچچە يىل يەسلى ئوقۇتقۇچىسى بولغان جياڭ دۇڭلىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر يېزا يەسلىلىرىنىڭ شارائىتى شەھەر - بازارلاردىكى يەسلىلەردىن قېلىشمايدۇ، بەزى جەھەتلەردە ھەتتا ناھىيە بازىرىدىكىدىنمۇ ياخشى.

  «مەن 1992- يىلى ئەمدىلا خىزمەتكە قاتناشقاندا، يەسلى ئاددىي بىر قەۋەتلىك ئۆي ئىدى، قىشتا ئىدارىگە ئەتىگەن بېرىپ ئوتۇن يېرىپ، مەشكە ئوت قالىمىساق بولمايتتى. ھازىرقى يېزا يەسلىلىرىدە زامانىۋىلاشقان ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپلا قالماي، يەنە مول چۈشلۈك تاماق بار» دېدى جياڭ دۇڭلىڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

  يۈسۈپ مەخسۇت: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشىنىڭ سىجىل ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىمۇ بارغانسېرى چىرايلىقلىشىپ كەتتى، دېدى. يۈسۈپ مەخسۇت قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار بالىلارغا: بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەڭلار، نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىنىڭ ئېسىل يېزا ئىستىلىغا، خەلق ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىڭلار، دەپ تەربىيە بېرىدۇ.

  «ئائىلىدە ئائىلە ئىستىلى بار، كەنتتە يېزا ئىستىلى بار. كەنتىمىزنىڭ يېزا ئىستىلى پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، ياشانغانلارنى ۋە نام - ئابرۇيى بار كىشىلەرنى ھۆرمەتلەش، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش، قانۇن - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاق ئۆتۈش، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ، ئۇ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمراھ بولۇپ كەلدى» دېدى سۈن جىباۋ.

  نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدە چوڭ بولغان، كېيىن شەھەردە خىزمەت قىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان بەزى ياشلار مۇنداق بىلدۈردى: نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى ھەر بىر ئائىلىدىن سىرتقا چىققان بالىلار خۇددى مامكاپ ئۇرۇقىغا ئوخشاش ياخشى يېزا ئىستىلىنىمۇ بىللە ئېلىپ چىقىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر