گۇاڭدۇڭ كوماندىسى CBA ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە توققۇز قېتىم چېمپىيون بولدى

2019.05.05 16:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، 2018-، 2019- مۇسابىقە پەسلىدىكى جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسى (CBA) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ 4-قېتىملىق مۇسابىقىسىدە، گۇاڭدۇڭ دۇڭگۇەن بانكىسى كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا 98كە قارشى 103 نەتىجە بىلەن شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئاپتوموبىل كوماندىسىنى يېڭىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تۆت قېتىم ئۇدا غەلىبە قىلىش نەتىجىسى بىلەن بۇ پەسىللىك CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى. بۇ ھەم گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ تارىختا 9-قېتىم CBA چېمپىيونى لوڭقىسىنى ئېلىشى بولۇپ قالدى.

  سۈرەتتە: گۇاڭدۇڭ دۇڭگۇەن بانكىسى كوماندىسى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا چېمپىيون بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ