باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ كەينى - كەينىدىن قانات يايدۇرۇلدى

نۆۋەتتە 1 مىليون 380 مىڭ مو يەر تېرىلىپ بولدى

2019.04.03 10:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك - يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ كەينى - كەينىدىن قانات يايدۇرۇلغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 1 مىليون 385 مىڭ 300 مو يەر تېرىلىپ بولغان.

  بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىدا «ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز سورتىنى ياخشىلاش، چارۋىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش» تەلىپى چۆرىدىلىپ، تېرىقچىلىق كەسپىنىڭ قۇرۇلمىسى تەڭشىلىپ، ئەلالاشتۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تىرىكى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، تېخنىكا مۇلازىمىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا تەشكىللەشكە تۈرتكە بولۇش ياخشى تۇتۇلۇپ، تولۇقلىما سىياسىتى تەشۋىقاتى ۋە يېزا ئىگىلىك ماتېرىياللىرى بازىرىنى تۈزەش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ياخشى ئاساس سېلىندى.

  ئەڭ يېڭى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 334 مىڭ 100 مو يەرگە يازغى بۇغداي تېرىلغان، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۈزگى بۇغداي كۆكلەش مەزگىلىگە كىرگەن، ئومۇمىي ئۆسۈش ئەھۋالى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن تەڭلەشكەن. شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ كەينى - كەينىدىن باشلىنىۋېتىپتۇ.

  نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا خىمىيەۋى ئوغۇت، مەھەللىۋى ئوغۇت، سولياۋ يوپۇق، تۈرلۈك زىرائەت ئۇرۇقلۇقلىرىنىڭ زاپىسى يېتەرلىك بولۇپ، بۇ يىللىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. ھەرقايسى جايلاردىكى يېزا ئىگىلىك - يېزا تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، بۇ يىل يېزا ئىگىلىك ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن ئاساسەن تەڭلەشكەن.

  ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەرتىپلىك ئىشلىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە ئېغىر نامرات ناھىيەلەردە ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىش گۇرۇپپىسىنى مەخسۇس قۇرۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش پىكىر يولى، تەدبىرى، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، تېرىلغۇ تەييارلىقى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، تۈرلۈك دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ۋە مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلدى. ئالتە ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىش گۇرۇپپىسى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەگە قارىتا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمىتى ۋە تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۈزگى بۇغداينىڭ ئېتىز پەرۋىشى، زىيانداش ھاشارات ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، تېرىلغۇ تەييارلىقىغا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرلىرى، ۋەزىپىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا «مىقدار»نى قوغلىشىشتىن «سۈپەت»نى قوغلىشىشقا ئۆزگىرىشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىدىكەن. بۇ يىل كۈچلۈك تىندۇرما، يېشىل، يۇقىرى ھوسۇللۇق بۇغداينى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سۈپەتلىك بۇغداي ۋە مەخسۇس ئىشلىتىدىغان ئۇن ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، بۇغداينىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتىكى يوشۇرۇن كۈچنى ئۈزلۈكسىز قازىدىكەن؛ ئۇرۇقلۇققا ئىشلىتىلىدىغان كۆممىقوناقنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش، قوللىنىشنى زورايتىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆممىقوناق كەسپىدە ئاشلىق، ئىقتىسادىي زىرائەت، يەم - خەشەكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىدىكەن؛ كېۋەزنىڭ رايون ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە سورت قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كېۋەزنىڭ ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا مەركەزلىشىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، پاختا مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ بىردەك بولۇشىنى ئۆستۈرىدىكەن؛ كېۋەزنىڭ مۇۋاپىق كۆلەملىك باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، پاختىنى پۈتۈن مۇساپىدە ماشىنىلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن پايدا - مەنپەئەت بىرلەشمە مېخانىزمىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر