باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى ھەم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى

2019.01.31 09:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ ھەم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەتئىيلىك بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى يەنىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى ئىزچىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، سىجىل يېتىشىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىش، پارتىيەۋىلىكنى چېنىقتۇرۇش، خاراكتېر يېتىلدۈرۈش، ۋەزىپە، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن تولۇق ئادا قىلىشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقىغا ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك؛ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل كۈچەيتىپ، ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى، بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، پولاتتەك ئىنتىزامنى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ كۈندىلىك ئادىتى ۋە ئاڭلىق مىزانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك؛ ئىستىلنى ئىزچىل ياخشىلاپ، «تۆت خاھىش» «تۆت كەيپىيات»نى قەتئىي چەكلەشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، خىزمەتتە كۆپتۈرمىچىلىك، يۈزەكىلىك، شەكىلۋازلىقتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك؛ دائىملىق نازارەتچىلىكنى ئىزچىل كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قاتتىق باشقۇرۇش ئارقىلىق چوڭقۇر مۇھەببەتنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بالدۇر تۇتۇپ، كىچىكىدىن تۇتۇپ، دائىملىق ھالەت شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ «ئىككى مەسئۇلىيەت»نى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى ۋە ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئەمەس، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۆزىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى باشلامچى بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يېڭى دەۋر ياخشى كادىرلىرىدىن بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يولى راۋان، ئالاقە دائىرىسى كەڭ، سىغدۇرۇشچانلىقى زور بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق ساھە ۋە ئامما بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، چۈشەنچە بېرىش، چۈشەندۈرۈش، كەيپىياتنى راۋانلاشتۇرۇش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاممىنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، يېتەكلەش كېرەك؛ ياخشى روھىي ھالەت ۋە خىزمەت ئىستىلىنى داۋاملىق ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر تىرىشىپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش ھالىتىنى ۋە كۆتۈرەڭگۈ، جۇشقۇن روھىي ھالەتنى ساقلاپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، ياخشى باشلاشقا، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا، «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر