باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز 7 مىليارد 310 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزدى ۋە ئۇلارغا ياردەم بەردى

 ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %15 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتىدە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى

2019.01.31 09:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز رېن خۇانىڭ 1- ئاينىڭ 22- كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا 7 مىليارد 310 مىليون يۈەن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرغان، بۇ ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %15 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتىدە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇلتۇر پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى خەلق ئىشلىرى سىستېمىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، قىيىن نۇقتىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، دەل جايىدا كۈچەپ، خەلق تۇرمۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.

  بۇلتۇر، ئاپتونوم رايون شەھەر، يېزىلارنىڭ قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئۆلچىمىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، تۆۋەن كاپالەت تۈزۈمى بىلەن يۆلەش - ئېچىش سىياسەتلىرىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %8 ئۆستى، يېزىلاردا يىللىق تۆۋەن كاپالەت 3456 يۈەنگە يەتتى؛ شەھەرلەردە ئايلىق تۆۋەن كاپالەت 428 يۈەنگە يەتتى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، پۈتۈن يىلدا 480 مىڭ ئادەم قېتىم ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ياردىمى، 2 مىليون 750 مىڭ ئادەم قېتىم قىش ۋە ئەتىيازلىق تۇرمۇش قۇتقۇزۇش ياردىمى، 2 مىليون 300 مىڭ ئادەم قېتىم داۋالاش قۇتقۇزۇش ياردىمى يولغا قويۇلدى. شەھەر، يېزىلارنىڭ 1 مىليارد 990 مىليون يۈەن داۋالاش قۇتقۇزۇش ياردەم مەبلىغى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 1 مىليارد 240 مىليون يۈەن ئېشىپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئەڭ كۆپ بولدى.

  بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى 321 مىڭ 700 تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلىدىغان ئوبيېكتنى يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت بويىچە كاپالەندۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ دەل جايىدا تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشىگە، دەل جايىدا قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىشكە تولۇق كاپالەتلىك قىلىدىغان كاپالەت تەدبىرىنى تۈزۈپ، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش كاپالىتى بويىچە بىر يىللىق تەدرىجىي چېكىنىش مەزگىلىنى بېكىتتى، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەرگە قارىتىلغان ئالاھىدە تۆۋەن كاپالەت سىياسىتى، چېگرا قوغدىغۇچىلار ئائىلىسى ۋە سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغانلار ئائىلىسىدىكى ياشانغانلارغا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ رەھبىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل، ئاپتونوم رايوندىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش كاپالىتى بويىچە بىر تۈركۈمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتەك مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2019- يىللىق خەلق ئىشلىرى ساھەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قەتئىي تۈردە «تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش تورى شەكىللەندۈرۈش، تورنى زىچ توقۇش، مېخانىزم ئورنىتىش» تەلىپى بويىچە، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر، يېزىلىرىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئامما ئۈچۈن خەلق تۇرمۇشى كاپالەت تورىنى پۇختا، زىچ توقۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 2 مىليون 470 مىڭ شەھەر، يېزا تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر