باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋېنېسۇئېلا زۇڭتۇڭى قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ھەربىي تەرەپنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى نامايەن قىلدى

2019.01.31 15:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋېنسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو مۇشۇ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى بىر ھەربىي لاگىردا توپ ئېتىش مانىۋېرىنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ، چەتئەللەرگە ۋېنېسۇئېلانىڭ ھەربىي كۈچىنى، ئارمىيەنىڭ ھۆكۈمەتكە سادىق ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى.

  يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆكتىچىلەرنىڭ مۇھىم ئەزاسى، پارلامېنت رەئىسى خۇئان گۋائىدو ئۆزىنى «ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭ» دەپ ئاتىدى، ئۇ قوللىغۇچىلىرىنى ھەربىيلەرگە تەشۋىقات ۋەرىقى تارقىتىشقا سەپەرۋەر قىلدى، مادۇرو ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرغۇچى ھەربىيلەرنى كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى .

  مادۇرو مۇشۇ ئاينىڭ 27-كۈنى ئۇچىسىغا ھەربىي فورما كىيىپ، شىمالى قىسىمدىكى شەھەر ۋالېنسىيەدىكى «پاراماكەي قەلئەسى گازارمىسى»غا باردى. بۇ يەرنىڭ كاراكاس بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 150 كىلومېتىر كېلىدۇ.

  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋىلادىمىر پادېرىنونىڭ ھەمراھلىقىدا، مادۇرو بۇ برونىۋىك قىسىم لاگېرىدا مانېۋىرنى كۆردى. بىر ئەترەت ئەسكەر راكېتا موتورىلىق شەكلىدە گرانات ئاتتى، يىراق نىشانلىق پىلىموت مەشغۇلاتى قىلدى، تانكا بىلەن تاغ باغرىدىكى نىشانلارغا زەربە بەردى. مادۇرو يەنە سۇ ھەم قۇرۇقلۇقتا يۈرەلەيدىغان تانكىدا ئولتۇردى.

  مادۇرو مۇنداق دېدى: توپ ئېتىش مانىۋېرىدىن ئايان بولدۇكى، قوراللىق قىسىملار دۆلەتنى قوغداش ئۈچۈن تەييار تۇرماقتا. «ئاجىزلار، قورقۇنچاقلار ۋە خائىنلارنى ھېچكىم ھۆرمەتلىمەيدۇ. بۇ دۇنيادا قەيسەر، ھوقۇقى بار ئادەملەرلا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ».

  ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەرقانداق ئادەم بۇ مۇقەددەس زېمىنىنى دەپسەندە قىلىمىز دەپ خىيال قىلمىسۇن. ۋېنسۇئېلاغا تىنىچلىق كېرەك، بىز تىنچلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك».

  مادۇرو دېدى: ھەربىي تەرەپ 2-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك، «ۋېنېسۇئېلا تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم» مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ.

  پاراماكەي قورغىنى ھەربىي لاگىرىدا، مادۇرو قىسىملارغا سۆز قىلدى.

  ئۇ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەردىن، «جاھانگىر» ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرامسىلەر دەپ سورىدى. ھەربىيلەر بىرلىكتە : «ياق، باش قوماندان، بىز ھەرقانداق ئەھۋالدا ۋەتەننى قوغداشقا تەييارمىز» دەپ توۋلىدى.

  مادۇرو كۆپ قېتىم ئامېرىكىنىڭ ۋېنېسۇئېلادا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىماقچى بولغانلىقىنى ئاشكارە ئەيىپلىدى.

  ۋېنسۇئېلا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى گۋائىدو مۇشۇ ئاينىڭ 23-كۈنى كاراكاستىكى بىر قېتىملىق يىغىلىشتا ئۆزىنى «ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭ» دەپ جاكارلىدى، ئۇ شۇ ھامان ئامېرىكىنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ۋېنېسۇئېلا ئالىي سوت مەھكىمىسى مۇشۇ ئاينىڭ 24-كۈنى مادۇرونىڭ ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇن زۇڭتۇڭ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بىر قانچە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارمۇ مادۇرونى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مادۇرو پاراماكەي قورغىنى ھەربىي لاگىرىدا قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرۈرۈشكە خېلى ئەھمىيەت بەردى.

  2017-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەردە، 20 نەپەر ھەربىي فورما كىيىۋالغان قوراللىق كىشى بۇ لاگىرغا ھۇجۇم قىلدى. قىسىم دەرھال ھۇجۇمنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىككى ئادەمنى ئېتىپ تاشلىدى، سەككىز ئادەمنى قولغا ئالدى. مادۇرو بۇنى بىر قېتىملىق« تېررورلۇق ھۇجۇمى » دەپ بېكىتتى، ھۇجۇم قىلغۇچىلار «ياللانما ئەسكەر»لەر بولۇپ، «ئامېرىكا ۋە كولومبىيە بازىسى»دىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

  گۋائىدو ئوخشاشلا ھەربىي تەرەپنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 27 -كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىر قىسىم ئەسكەرلەرگە تەشۋىقات ۋەرىقى تارقىتىپ، ھەربىيلەرنى مادۇروغا قارىشى چىقىشقا قۇتراتقان.

  مادۇرو بۇلتۇر 5 - ئايدا % 67.8 ئاۋاز بىلەن زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلبە قىلغان، بۇ يىل 1-ئاينىڭ 10-كۈنى قەسەم بېرىپ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۆكتىچىلەر سايلام نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلماي، مادۇرونىڭ 2 - نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتىشى « قانۇنسىز » دەپ جار سالدى .

  ۋېنېسۇئېلانىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى سىلۋا مۇشۇ ئاينىڭ 26-كۈنى گۋائىدونى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى .

  مادۇرو ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئاينىڭ 27 - كۈنى ئۆكتىچىلەرنىڭ ئارمىيە ئىچىدە «ئاسىيلىق قىلىش»قا قۇتراتقۇچىلىق قىلماقچى بولغانلىقىنى ئەيىپلەپ، ھەر كۈنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىڭلىغان ئۇچۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتىدۇ، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ مەنبەسى قوشنا دۆلەت كولۇمبىيەدىن كەلگەن دەپ كۆرسەتتى. ئىنكاس قايتۇرۇش سۈپىتىدە، مادۇرو ھۆكۈمىتى تور ئۇچۇرى ھۇجۇمى قوزغاپ، «مەڭگۈ سادىق بولۇڭلار، مەڭگۈ ئاسىيلىق قىلماڭلار»دەپ شوئار توۋلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر