باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

خەن جېڭ گوۋۇيۈەن ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساشقا تۈرتكە بولۇش ۋە قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئىسلاھاتى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى

2019.01.31 11:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساشقا تۈرتكە بولۇش ۋە قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئىسلاھاتى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خەن جېڭ مۇشۇ ئاينىڭ 29-كۈنى گوۋۇيۈەن ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساشقا تۈرتكە بولۇش ۋە قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئىسلاھاتى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقلىرىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇملىرى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 2018-يىللىق خىزمەتلەر يەكۈنلەندى، ئالاقىدار ھۆججەتلەر قاراپ چېقىلدى، نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نىشانغا، مەسىلىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا باشتىن ئاخىرى چىڭ تۇرۇپ، بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئويناتقۇزۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش ئىسلاھاتى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بازاردا ئىنكاس كۈچلۈك بولۇۋاتقان، كارخانا ۋە ئامما يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى مەركەز قىلىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىسلاھاتنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مىكرو سۇبيېكتىلارنىڭ ھاياتى كۈچىنى قوزغاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھېس قىلىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك، خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قۇرۇلۇش تۈرىنى تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى 1+15 رايونلاردا سىناق قىلىنىش ئارقىلىق كۆپەيتىشكە، كېڭەيتىشكە بولىدىغان بىر تۈركۈم تەجرىبىلەر بارلىققا كەلدى، بۇ يىل بۇنى پۈتۈن مەملىكەتتە كېڭەيتىمىز. ئىسلاھات نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىگىلەپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەردىكى قىيىن مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، مەركەزلىك بۆسۈش ياساپ، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىي، مۇقىم بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى تەدرىجىي يارىتىش كېرەك، گۇۋاھنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىش ئىسلاھاتى بازارغا كىرىشكە رۇخسەت قىلسىمۇ تىجارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلماسلىق قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر، تولۇق قاپلانغان ئىشلار تىزىملىكىنى چىڭ تۇتۇپ بارلىققا كەلتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى بىۋاسىتە ئەمەلدىن قالدۇرۇش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئەنگە ئالدۇرۇشقا ئۆزگەرتىش، ۋەدە بېرىش، ئىجازەت مۇلازىمىتىنى سەرخىللاشتۇرۇش قاتارلىق تۆت خىل ئۇسۇل ئارقىلىق، ئىسلاھاتنى مۇقىم ئېلىپ بېرىش، ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، جايلار، تارماقلار تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، مەسئۇل بولۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ، ئاساسى قاتلامنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە ئىلھام بېرىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ تولۇق ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  خەن جېڭ يىغىندىن بۇرۇن گوۋۇيۈەن ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساشقا تۈرتكە بولۇش ۋە قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئىسلاھاتى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر