باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «قىسىملارنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2019.01.31 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىچە ھەربىي باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنىڭ تۈپتىن ئۆزگەرتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى قىسىم باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنى مەقسەت قىلىپ، يېقىندا «قىسىملارنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار بېكىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى تۇرغۇزۇش ۋە مۇستەھكەملەش، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر ۋە ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى قىسىم باشقۇرۇشتا دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپە ۋە زىددىيەت، مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ ۋە ئۇنى ھەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىشتەك ئېنىق يۆنىلىشنى تۇرغۇزۇپ، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، ئارمىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىسىم باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىياتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا ماس كېلىدىغان ئالدىنقى قاتاردىكى قىسىم باشقۇرۇشنى كۈچەپ بەرپا قىلىش ۋە ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: قىسىم باشقۇرۇش خىزمىتىدە دىققەتنى ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىشقا ھەقىقىي قارىتىش، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش ئېنىق يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇش مەزگىلىدىكى قىسىم باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىسىم باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى توغرىلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى قىسىم باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش لازىم. قىسملارنىڭ مۇنتىزىملاشقان باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى قانۇن بويىچە قاتتىق ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇستاپ-نىزاملارنىڭ سۈرى، نوپۇزىنى قوغداپ، قىسىملارنىڭ «تۆت تەرتىپ»ىنى قايتىدىن تۇرغۇزۇپ، بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتەر ئانالىزى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش لازىم. قىسىملارنى باشقۇرۇشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى باشقۇرۇش نەزەرىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زامانىۋى باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىپ، زامانىۋى باشقۇرۇش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، زامانىۋى باشقۇرۇش ۋاسىتىلىرىدە يېڭىلىق يارىتىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر