باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ 3-نۆۋەتلىك ئۇلۇنگۇر كۆلىدە قىشلىق بېلىق تۇتۇش بايرىمى باشلاندى

2019.01.31 08:52   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ 3-نۆۋەتلىك ئۇلۇنگۇر كۆلىدە قىشلىق بېلىق تۇتۇش بايرىمى باشلاندى

  2019-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى، پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مەشئەلگە ئوت يېقىلدى (ئۆز مۇخبىرىمىز سۈي داۋشېڭ فوتوسى)

  ئۆز مۇخبىرىمىز سۈي داۋشېڭنىڭ بۇرۇلتوقايدىن ئەۋتكەن خەۋىرى: 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى، «قۇملۇقتىكى بېلىق ماكانى، بەخت ماكانى بۇرۇلتوقاي» تېمىسىدىكى شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ 13-نۆۋەتلىك ئۇلۇنگۇر كۆلىدە قىشلىق بېلىق تۇتۇش بايرىمى دېڭىز ئۈستىدىكى شەيتانكەرىش مەنزىرە رايونىدا باشلاندى. ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى نادىر نومۇرلار ۋە پائالىيەتنىڭ بىر-بىرىدىن سەرخىل تۈرلىرى 50 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

  60 يىللىق تارىخقا ئىگە «ئۇلۇنگۇر كۆلىدە قىشلىق بېلىق تۇتۇش» پائالىيىتى تور يېيىپ بېلىق تۇتۇشتەك ئەنئەنىۋى ئۇسۇلنى قوللىنىدۇ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك ئېلىپ بېرىلىدۇ، تاماشا قىلىشقا تولىمۇ باب كېلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا سىرتنىڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃20- ئەتراپىدا بولۇپ، كۆل يۈزىدىكى مۇزنىڭ قېلىنلىقى بىر مېتىردىن، يىغىندى قارنىڭ قېلىنلىقى 30 سانتىمېتىردىن ئاشىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق قىشلىق بېلىق تۇتۇش بايرىمىدا «ئاستا رېتىمدا ساياھەت قىلىش» تەشەببۇس قىلىنغان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش رېتىمىنى ئاستىلىتىپ، يېمەك-ئىچمەك، مەنزىرە ۋە «بېلىق» مەدەنىيتىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىشى تەۋسىيە قىلىنغان. پائالىيەت نەق مەيدانىغا يەنە قار ئويما، مۇز ئويما ئەسەرلىرى قويۇلغان، بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس قار-مۇز كۆڭۈل ئېچىش باغچىسى، مۇز ئۆي سىرلىق ئوردىسى، قار ئېتىشىش، قار بوۋاي ياساش، بالىلار چانا ئويناش مەيدانى قاتارلىق پائالىيەت سورۇنلىرى ھازىرلانغان، ئوغلاق تارتىشىش، قىز قۇۋار، ئات بەيگىسى قاتارلىق قىزىقارلىق ئەنئەنىۋى مۇسابىقىلەرمۇ پائالىيەت تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئاز بىر قىسىم ئۆلكىلەردىكى ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى تۇراقسىز بولماقتا
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالتە ئۆلكىدىكى قىسمەن مەكتەپلەردە مەكتەپ ۋە سىنىپلاردا ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ ب…
    ·ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىتىش يوللىرىنى كۆپەيتىپ، تىزىملىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىندى
    ·ئۆگىنىش تۈرىدىكى App كارخانىلىرى كەسىپ ئىنتىزامچانلىق تەشەببۇسنامىسى ئېلان قىلدى
    ·شىنجاڭدا ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىيالى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، زىيانلىق APP دېتاللىرىنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىرى…
    ·ھەر بىر ئوقۇغۇچى ھەر مەۋسۇمدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى ھەقسىز كۆرۈشى كېرەك 
    ·«پىسخىكىسى كۈچلۈك بالىلار»نى تەربىيەلەپ چىقىشتىكى بەش قائىدە
    ·ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا شىنجاڭ بويىچە ئۈلگىلىك مەكتەپ بەرپا قىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشسا، ئا…