خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 29-كۈنى، G2883 قېتىملىق پويىزدا، تەشەببۇسقا ئاۋاز قوشقان ئاتا-ئانىلار بالىلىرى بىلەن بىللە كىتاب ئوقۇماقتا.
شۇ كۈنى، يولۇچىلارنىڭ پويىزدىكى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ساغلام سەپەرنى تەشەببۇس قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو تۆمۈريول چېڭدۇ ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى چۇڭچىڭ يولۇچى توشۇش ئۇچاستىكىسى چۇڭچىڭ شەھىرى شاپىڭبا رايونى ياش پىدائىيلار جەمئىيتى بىلەن بىرلىكتە پويىزدا «سەپەردە كىتابنى ھەمراھ قىلىش» تەشەببۇسىنى يولغا قويدى ھەمدە قىسمەن ئوق پويىزلاردا پويىز كۆچمە قىرائەتخانىسى تەسىس قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى