باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ئوبلاستىدا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلدى

2019.01.30 16:14   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ئوبلاستىدا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىرلەشمە مانېۋىرىدا يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارماقتا.

  شۇ كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىرلەشمە مانېۋىرى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئىلى ئوبلاستلىق ئورمان ئوت مۇداپىئە تارماق ئەترىتى ئىلى ئوبلاستلىق ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى بىلەن بىرلىشىپ، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدە قاتتىق يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىدەك ئەھۋالنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، قاراتمىلىق ھالدا جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمى، خادىملارنى يەتكۈزۈش، ئالدىن تەييارلىق قىلىش، ۋەزىپە-ھەرىكەتكە قوماندانلىق قىلىش، داۋالاش ھەرىكىتى، قايتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى بىرلەشتۈرگەن بىرلەشمە مانېۋىر ئېلىپ بېرىپ، ئوت ئۆچۈرۈش- قۇتقۇزۇش قوشۇنىنىڭ تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئاپەت ۋەقەلىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى مەركەزلىك تەكشۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئاز بىر قىسىم ئۆلكىلەردىكى ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى تۇراقسىز بولماقتا
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالتە ئۆلكىدىكى قىسمەن مەكتەپلەردە مەكتەپ ۋە سىنىپلاردا ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ ب…
    ·ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىتىش يوللىرىنى كۆپەيتىپ، تىزىملىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىندى
    ·ئۆگىنىش تۈرىدىكى App كارخانىلىرى كەسىپ ئىنتىزامچانلىق تەشەببۇسنامىسى ئېلان قىلدى
    ·شىنجاڭدا ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىيالى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، زىيانلىق APP دېتاللىرىنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىرى…
    ·ھەر بىر ئوقۇغۇچى ھەر مەۋسۇمدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى ھەقسىز كۆرۈشى كېرەك 
    ·«پىسخىكىسى كۈچلۈك بالىلار»نى تەربىيەلەپ چىقىشتىكى بەش قائىدە
    ·ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا شىنجاڭ بويىچە ئۈلگىلىك مەكتەپ بەرپا قىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشسا، ئا…