باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن سەككىزنى ئاشكارىلىدى

2019.01.30 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى ئاشكارىلىدى. بۇ سەككىز تىپىك مەسىلە تۆۋەندىكىچە:

  جۇڭگو-سىنگاپور تيەنجىن ئېكولوگىيە شەھەرچىسى ئۇنىۋېرسال كومىتېتىنىڭ سابىق پارتكوم شۇجىسى، قوشۇمچە پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چېن ۋاڭلىننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئالىي تاماكا سېتىۋېلىپ ھۆكۈمەت كۈتۈۋېلىشىغا ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىسى.

  شەندۇڭ ئۆلكىسى دۇڭيىڭ شەھەرلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋۇ دۇڭچاڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مال كارتىسى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى.

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ماۋمىڭ شەھەرلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى دۇڭ شيۇڭبىن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ زىياپىتىنى قوبۇل قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى.

  جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۈن شەھىرى لۈيۈەن رايونلۇق تۇرالغۇ كاپالىتى ۋە ئاممىۋى ئىشلار مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۇڭ چياڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات، سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىش مەسىلىسى.

  نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى خەييۈەن ناھىيەسى گەنچېڭ يېزىسى ۋۇ شاڭ كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما تاۋنىڭ «ئاپتوموبىل تەبرىكلەش زىياپىتى» پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىش مەسىلىسى.

  گۇيجۇ ئۆلكىسى سېخېڭ ناھىيەسى ياتا بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دۇ يىڭتاڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىش مەسىلىسى.

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى سىياسەت تەتقىقات مەركىزى پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى يۈەن چىڭدەن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ زىياپىتىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى.

  جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان نېفىت، گاز، توك گۇرۇھى گۇاڭشى فاڭچېڭگاڭ تەبىئىي گاز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشلەپچىقىرىشنى يۈرۈشتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى جياڭ خەيبىن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ زىياپىتىنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر