باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

فۇجيەن ئۆلكىسى لوڭيەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوت ھۆكۈمىدە ئاپتوبۇستا تۇتقۇن قىلىش قەبىھ دېلوسىدىكى جاۋابكارغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلدى

2019.01.30 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فۇجيەن ئۆلكىسى لوڭيەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرىغا قارىغاندا، بۇ سوت مەھكىمىسى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى قانۇن بويىچە ئوچۇق سوت ئېچىپ، جاۋابكار چيۇ رىخۈينىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن جامائەت ئامانلىقىغا خەۋپ يەتكۈزۈش دېلوسىنى قاراپ چىققان ھەمدە قانۇن بويىچە بىرىنچى سوت ھۆكۈمىنى چىقىرىپ، جاۋابكار چيۇ رىخۈيغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلغان.

  سوتنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى، لوڭيەن شەھىرى شىنلو رايونىدا پىچاق كۆتۈرۈپ قاتىللىق قىلىش ھەمدە ئاپتوبۇسنى تۇتقۇن قىلىپ، كوچا بويلاپ مالىمانچىلىق يۈز بېرىپ، نۇرغۇن كىشى تالاپەتكە ئۇچراشتەك ئېغىر جىنايى ئىشلار دېلوسى پەيدا بولدى. جىنايەت گۇماندارى چيۇ رىخۈي نەق مەيداندا تۇتۇلدى.

  لوڭيەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى لوڭيەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەيىبنامە سۇنۇپ، چيۇ رىخۈينى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن جامائەت ئامانلىقىغا خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى ئۆتكۈزدى، دەپ ئەيىبلىدى.

  لوڭيەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق مۇنداق قارىدى: جاۋابكار چيۇ رىخۈينىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، خەتەرلىك ئۇسۇللار ئارقىلىق جامائەت ئامانلىقىغا خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق، ئۇنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋاسىتىسى ئىنتايىن قەبىھ، قىلمىشى پەۋقۇلئاددە قەبىھ، ئاقىۋىتى پەۋقۇلئاددە ئېغىر، جىسمانىي خەۋپى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەك، قانۇن بويىچە يۇقىرىقىدەك ھۆكۈم چىقىرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر