خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، ماھىرلار قىشلىق ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا. شۇ كۈنى، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى شىخۇ شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، شەھەرلىك مەدەنىيەت، رادىيو - تېلېۋىزىيە، ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان قىش پەسىللىك قار-مۇز يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ قىشلىق ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى، ھەر قايسى ئورگانلار، يېزا - بازار، مەھەللە، مەكتەپلەردىن كەلگەن 850دىن ئارتۇق ئادەم مۇسابىقىگە قاتناشتى، بۇ شەھەر «قار-مۇز ساياھىتى + ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش» ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاممىنىڭ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە تۇرمۇشىنى بېيىتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى