- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ھۆججەت چىقىرىپ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ APP، ئالاقە تورى توپى، ئاممىۋى ھېسابات نومۇرلىرىنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرىدۇ
ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئۈندىدار توپىدا قىزىل بولاق تارقىتىشقا بولمايدۇ
2019.01.30 14:46 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى 29-يانۋار «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ APP، ئالاقە تورى توپى، ئاممىۋى ھېسابات نومۇرلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى، ئەمدى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ APP ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىشقا ئىشلىتىدىغان ئالاقە تورى توپى ۋە ئاممىۋى ھېسابات نومۇرلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ. بۇنىڭدا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەكتەپكە ئۇلىنىدىغان APPدا «بەلگىلىمىدىن ئاشۇرۇپ ئوقۇتۇش»قا، ئوقۇغۇچىلاردىن ھەق ئېلىشقا، ئىمتىھان، مۇسابىقىگە تەشكىللەشكە، رەت تەرتىپ تۇرغۇزۇشقا بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ توپلىرىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى، رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشىنى سېلىشتۇرۇشقا، بالىلىرىنى كۆز-كۆز قىلىشقا، توختىماي سالام يوللاشقا، ماختاشقا، قىزىل بولاق تارقىتىشقا بولمايدۇ.
شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: توپلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ توپلىرى ئاساسلىقى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئۇچۇرى ئالماشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىشى كېرەك. توپتا ئوقۇ-ئوقۇتۇشقا مۇناسىۋەتسىز ئېلان، ياردەم، ئىئانە، قوشۇلۇپ دەرس ئوقۇش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تارقىتىشقا بولمايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشىنى سېلىشتۇرۇشقا، بالىلىرىنى كۆز-كۆز قىلىشقا، توختىماي سالام يوللاشقا، ماختاشقا، قىزىل بولاق تارقىتىشقا بولمايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر