باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەر يىپەك يولى مەدەنىيىتى قىشلىق، ئەتىيازلىق كىيىم-كېچەك بايرىمى باشلاندى

2019.01.31 08:50         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆز مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن خەۋىرى: قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئۇيۇشتۇرغان، شەندۇڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، شېنجېندىن ئىبارەت تۆت ئۆلكىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان قەشقەر يىپەك يولى مەدەنىيىتى قىشلىق، ئەتىيازلىق كىيىم-كېچەك بايرىمى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى باشلاندى.

  پائالىيەت مودېللار T سەھنىدە مېڭىش تۈرى بىلەن باشلاندى. بۇ قېتىملىق كىيىم ـ كېچەك بايرىمىدىكى مودېللارنىڭ كۆپىنچىسى شۇ جايدىكى دېھقانلار ۋە كارخانا ئىشچىلىرى بولۇپ، ئۇلار كىيىپ چىققان كەچلىك مۇراسىم كىيىمى، ئانا-بالا كىيىمى، خىزمەت كىيىمى قاتارلىقلارنى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى كىيىم-كېچەك كارخانىلىرى لايىھەلەپ تىككەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كىيىم-كېچەك، توقۇمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن قوللاشتەك سىياسەت پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش سالمىقىنى زورايتتى، ئىچكىرى ئۆلكە ۋە شەرقىي قىسىم دېڭىز بويى رايونلىرىدىكى ئەمەلىي كۈچى بار توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنى جەلپ قىلدى. نۆۋەتتە، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى كىيىم-كېچەك كارخانىسى 460تىن ئېشىپ، 73 مىڭدىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر