باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ فۇكوئوكادىكى باش كونسۇلخانىسى ياپونىيە تەرەپنىڭ جۇڭگولۇق پىراكتىكانتنىڭ ئۆلۈم ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلدى

2019.01.30 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ فۇكوئوكادىكى باش كونسۇلخانىسى 29-يانۋار ئۇچۇر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: فۇكۇئوكا ناھىيەسىنىڭ كۇرۇمې شەھىرىدە مۇشۇ ئايدا كەينى-كەينىدىن ئىككى جۇڭگولۇق ماھارەت پىراكتىكانتىنىڭ ئۆلۈم ۋەقەسى يۈز بەردى، باش كونسۇلخانا ياپونىيە تەرەپنى ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى تېزلىتىشكە دەۋەت قىلىدۇ ھەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان پىراكتىكانتلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى زۆرۈر ياردەملەر بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇشۇ ئاينىڭ 1-كۈنى، ساقچىلار كۇرۇمې شەھىرىدىكى بىر ئۆستەڭدە جۇڭگولۇق ماھارەت پىراكتىكانتى شۈ فامىلىلىكنىڭ دۈم ھالەتتە سۇ ئۈستىدە لەيلەپ قالغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزغان، شۈ فامىلىلىك 7- يانۋار ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئۆلگەن. 26- يانۋار، ساقچىلار ئوخشاش بىر ئۆستەڭدە جۇڭگولۇق ماھارەت پىراكتىكانتى تاڭ فامىلىلىكنىڭ جەسىتىنى بايقىغان، تاڭ فامىلىلىك بايقالغاندا، ئۆلگىنىگە بىر مەزگىل بولغان ئىكەن.

  نۆۋەتتە، ياپونىيە ساقچى تەرەپ جۇڭگولۇق ماھارەت پىراكتىكانتلىرىنىڭ ئۆلۈم ۋەقەسىنىڭ يەنىلا تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، تېخى ئېنىق يەكۈن چىقىرىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەلۇم بولۇشىچە، شۈ فامىلىلىك بىلەن تاڭ فامىلىلىك بۇلتۇر 1-ئايدا ياپونىيەگە بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان بولۇپ، ئوخشاش بىر ياغاچ ماتېرىياللىرى تېخنىكىسى بويىچە خەلقئارا ئالاقە ھەمكارلىق ئاپپاراتىغا تەۋە ئىكەن. ئىككى كىشى ھايات ۋاقتىدا ماھارەت پىراكتىكانتلىرى سۈپىتىدە ئوخشاش بولمىغان شىركەتلەردە ئىشلەشكە ئەۋەتىلگەن ئىكەن.

  جۇڭگونىڭ فۇكوئوكادىكى باش كونسۇلخانىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش كونسۇلخانا ياپونىيە تەرەپنىڭ ئالاقىدار ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال ياپونىيە تەرەپتىن ھەقىقىي ئەھۋالنى تېزدىن ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇڭگو تەرەپتىكى ئەۋەتكەن شىركەت ئارقىلىق ئىككى ماھارەت پىراكتىكانتىنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىنىڭ ياپونىيەگە بېرىشتىكى ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشىگە پائال ھەمكارلاشتى. باش كونسۇلخانا ۋەقەنىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدۇ ھەمدە كونسۇل رايونى ئىچىدىكى جۇڭگولۇق ماھارەت پىراكتىكانتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر