باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى 2019-يىلى ئەنئەنىۋى بايرام مەدەنىيىتى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى

2019.01.30 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2019- يىلى ئەنئەنىۋى بايرام مەدەنىيىتى پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، جايلاردىن بايراق كۆتۈرۈش، ئەل رايىنى مايىل قىلىش، يېڭى كىشىلەرنى تەربىيەلەش، مەدەنىيەتنى جانلاندۇرۇش، ئوبرازنى نامايان قىلىش بۇرچ، ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، چاغان، پانۇس بايرىمى، قەبرە سۈپۈرۈش بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى بايرىمى، ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى، تاۋۇز چاغىنى، چۇڭياڭ بايرىمىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ تېجەشلىك، بىخەتەر، خەيرلىك، ئاممىباب خىزمەت ئىدىيەسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەنئەنىۋى بايرام مەدەنىيىتى پائالىيەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەپ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىش جەريانىدا بايراملىق ئادەتلەرنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو روھىنى نامايان قىلىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش زور قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇش لازىم.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئەنئەنىۋى بايرام مەدەنىيىتى پائالىيەتلىرىدە دۆلەتكە بولغان يۈكسەك مۇھەببەتنى يېتىشتۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كىشىلەرنى ۋەتەننى سۆيۈش بىلەن ئائىلىنى سۆيۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، شەخس ئارزۇسى، ئائىلە ئارزۇسىغا يېتىشنى دۆلەت ئارزۇسىغا، مىللەتنىڭ ئارزۇسىغا سىڭدۈرۈشكە يېتەكلەش لازىم. مەدەنىيەت مەزمۇنىنى قېزىش، نامايان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەنى تاۋلاش ۋە مەدەنىيەت تەربىيەسى بېرىش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى بايراملارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك بايرىمى، مەدەنىيەت بايرىمى، ئەخلاق بايرىمى، ھېسسىيات بايرىمى، مېھىر بايرىمى، مەدەنىيلىك بايرىمى قىلىش لازىم. ئىدىيە، ئۇسۇل ۋە ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، توردا ۋە تور سىرتىدا مەدەنىيەت ۋە پەن-تېخنىكىنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مەزمۇن، شەكىل ۋە پائالىيەت ئۇسۇلىنى كېڭەيتىپ، ئەنئەنىۋى بايرام مەدەنىيىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەت بىلەن ئۆزئارا يۈرۈشۈشى، ھازىرقى زامان ئىجتىمائىي تۇرمۇشى بىلەن ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئاممىنى كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشقا تەشكىللەشتە چىڭ تۇرۇپ، قاتنىشىشنى خالايدىغان، قاتنىشىشقا قولايلىق سۇپا، ۋاسىتىلەرنى بەرپا قىلىپ، ئەنئەنىۋى بايرامنىڭ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى كىرىپ، كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بايرام ئادەتلىرىنى ھۆرمەتلەپ، بايراملىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ خىلمۇخىل، نادىر، ساغلام بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر