- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بىرازىلىيەدىكى توسمىنى يار ئېلىپ كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 84كە يەتتى
2019.01.30 16:33 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرازىلىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى مىناس گرايېس ئىشىتاتىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى 29-يانۋار كەچتە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: مەزكۇر ئىشتاتتىكى رودا توسمىسىنى يار ئېلىپ كېتىش ھادىسىسىدە 84 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى جەزملەشتۈرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 42 كىشىنىڭ سالاھىيىتى بېكىتىلدى. نۆۋەتتە ئاز دېگەندە يەنە 276 ئادەم يوقاپ كەتتى.
مىناس گرايېس ئىشىتاتىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارمىقىنىڭ باياناتچىسى پېدرو ئايالا: شۇ كۈنىدىكى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئەتىگەن سائەت ئالتە ئەتراپىدا باشلاندى، جەمئىي 290 كىشى قاتناشتى، لېكىن ئامان قالغۇچىلار بايقالمىدى، دېدى. ئۇ، سېغىز ئېرىتمە ئىچىدىكى توپا چۆكۈشكە باشلىغانلىقتىن، توپا ۋە سۇ ئايرىلغاندىن كېيىن، قازا قىلغانلارنىڭ جەسىدىنى تېپىش تېخىمۇ ئاسان بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ توسمىنى يار ئېلىپ كېتىش ھادىسىسىدە جاۋابكارلىقى بار بەش خادىم شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قولغا ئېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە بىرازىلىيە تاتلىق سۇ جىلغىسى شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۈچ باشقۇرغۇچىسى ۋە بۇ شىركەتنى بىخەتەرلىك كۆزىتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئىككى ئىنژېنېرى بار ئىكەن.
مىناس گرايېس ئىشتاتىدىكى بىر تۆمۈركېنى كېرەكسىز خاڭ توسمىسىدا 25- يانۋار توسمىنى يار ئېلىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەردى، ھادىسە يۈز بەرگەن كان توغىنى بىرازىلىيە تاتلىق سۇ جىلغىسى شىركىتىگە تەۋە بولۇپ، توغان بۇزۇلغاندىن كېيىن، سېغىز ئېرىتمە ئېقىن بويلاپ ئېقىپ، يول بويىدىكى كۆپلىگەن ئىمارەتلەرنى ۋەيران قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر