باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەرلىكلەردىكى2019- يىللىق ئىككى يىغىندا يارقىن نۇقتىلار كۆپ

2018- يىلىنىڭ نەتىجىلىرىگە نەزەر

2019.01.30 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018- يىلى، نۇرغۇن ئۆلكىلەرنىڭ ئىقتىسادىي كۆلىمىدە يېڭى بۆسۈشلەر كۆرۈلدى. جاڭسۇ ۋە گۇاڭدۇڭدىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكە GDP جەھەتتە تۇنجى قېتىم «بىر ترىليونلۇق كۇلۇب» دەرۋازىسىغا قەدەم قويدى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭGDP سى تۇنجى قېتىم 3 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ،GDP سى 3 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن شەھەر ئىچىدە شاڭخەيدىن كېيىنكى ئىككىنچى بىر شەھەر بولۇپ قالدى. شېنجېن شەھىرىنىڭGDP سى 2 تىرىليون 400 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئاسىيادىكى شەھەرلەرئىچىدە ئالدىنقى 5 ئورۇندا تۇردى.

  ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىدىن قارىغاندا، شىزاڭ ئاپتۇنۇم رايۇنى %10لىك ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان، گۇيجۇ، خۇنەن، شەنشى، جاڭشى ۋە نىڭشيا قاتارلىق ئون نەچچە ئۆلكىنىڭ GDP ىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتلىك ئومۇمىي سەۋىيەدىن ئېشىپ كەتكەن.

  كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يۇقىرىقىدەك نەتىجىلەردىن باشقا يەنە، ئەمەلىي خەلق تۇرمۇشىدىمۇ خېلى نەتىجىلەر بار، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى جەھەتتە كۆپ جايلاردا باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن:

  گەنسۇ ئۆلكىسىدە ئازايتىلغان نامرات ئاھالىلەرنىڭ سانى 776 مىڭ كىشىگە يەتكەن بولۇپ، نامراتلىشىش نىسبىتى %9.6دىن %5.6گىچە تۆۋەنلىگەن، 18 ناھىيە ۋە رايون نامراتلار تىزىملىكىدىن چېكىنىپ چىققان، نامرات ناھىيەلەرنىڭ سانى 75تىن 57گىچە ئازايغان؛ يۈننەن ئۆلكىسى «يۆتكەپ چىقىرالايدىغان، مۇقىم قىلالايدىغان ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرالايدىغان» دېگەننى چۆرىدەپ،"50 تۈرلۈك تەدبىر" قوللىنىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرگەن نامرات نوپۇسلاردىن 545 مىڭ كىشىنى كۆچۈرۈپ يۆلەش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان؛ شەنشى ئۆلكىسىدە ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى سېلىنمىسى 3 مىليارد يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، %30.4 ئاشقان، ھەمدە نامرات رايونلارنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، ساياھەت بىلەن نامراتلارنى يۆلەش ئارقىلىق، 90 مىڭ نامرات نوپۇسقا نەپ يەتكۈزۈلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر