باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن

2019.01.31 08:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-ئاينىڭ 13-كۈنى، نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىغا سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەرمەكتە. (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

  ھۆرمەتلىك ئەزالار:

  مەن سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى سورايمەن.

  1. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق

  2018-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. بىر يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان تۈرلۈك خىزمەتلەردە مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى، جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقى مۇقىم بولدى، مۇقىملىقنىڭ پايدىسى داۋاملىق نامايان بولدى، ئىقتىساد تەكشى، مۇقىم، ساغلام راۋاجلاندى، سۈپەت، ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك ئاشتى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ياخشى باشلىنىش بولدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى، تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدى.

  ئۆتكەن بىر يىل ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان تۇنجى يىل. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشى ئارقىسىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، فۇنكسىيەسىنى ئاساسىي قانۇن، نىزامنامە بويىچە ئادا قىلىپ، خىزمەتلەرنى كېڭىشىش پىلانى بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاھىدىلىك ۋە ئۈستۈنلۈكنى چۆرىدەپ كۈچ چىقىرىپ، كېڭىشىش، مۇھاكىمە قىلىشتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دېموكراتىك نازارەتچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، بىرلەشمە دوستلۇقنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىتتىپاق-دېموكراتىك بولۇش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئالغا ئىنتىلىش، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشتەك يېڭى ۋەزىيەتنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يارىتىپ، باش نىشاننىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  (1) يادرونى قەتئىي قوغداپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇردۇق

  باشتىن-ئاخىر بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بەردۇق. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر ئىدىيە جەھەتتە يادرونى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە يادرونى قوغداپ، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇپ، ھەرىكەت جەھەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىپ، يادرونى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن-ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان، ئاخىرقى قارارنى چىقىرىدىغان نوپۇزىنى قوغداپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى سىياسىي كېڭەشنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىدە ئىزچىللاشتۇردۇق، ئەمەلىيلەشتۈردۇق.

  يېڭى نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى باشتىن-ئاخىر كۈچەيتتۇق. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇردۇق، ئەسلىي ئەسەرنى ئۆگىنىش، پەرقلەرنى تېپىپ چىقىش، مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرۇش، ياخشىلاشنى كۈچەيتىشنى ئاساسىي ھالقا قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئاساسىي دەرسلىك قىلىپ، مەخسۇس تېمىلار بويىچە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە نىزامنامىسى، ئاساسىي قانۇن، سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئاجىز ھالقىلارنى كۈچەيتىپ، يېتەرسىز تەرەپلەرنى تولۇقلاپ، ئىدىيەۋى تونۇش، نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 1280 مەيداندىن ئارتۇق تۈرلۈك تەشۋىقات يىغىنى، سۆھبەت يىغىنى، مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇردۇق، قاتناشقانلار 30 نەچچە مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى، 700 پارچىدىن ئارتۇق تەتقىقات ئىلمىي ماقالىسى تەييارلىدۇق، بۇ ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان روھىي قىياپىتى ۋە خىزمەت مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدۇق.

  سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى باشتىن-ئاخىر كۈچەيتتۇق. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ «يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»ى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ «ئۇقتۇرۇش»ىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى تۈزۈپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى تۇنجى قېتىم ئېچىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدۇق. سىياسىي كېڭەش پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى تۈزۈمى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشتىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدىكى سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك ئىقتىدارى، ئاممىنى تەشكىللەش ئىقتىدارى، ئىجتىمائىي چاقىرىق ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق. يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىللىق كېڭىشىش پىلانىنى پارتكومنىڭ بېكىتىشىگە يوللاش، مۇھىم، زور ئىشلاردا تەشەببۇسكارلىق بىلەن پارتكومدىن يوليورۇق سوراش، مۇھىم خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پارتكومغا دوكلات قىلىش، مۇھىم كېڭىشىش، مۇھاكىمە قىلىش نەتىجىلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پارتكومغا يوللاشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتكوم ئورۇنلاشتۇرما قىلغانلا بولسا، سىياسىي كېڭەش ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتكوم تەلەپ قىلغانلا بولسا، سىياسىي كېڭەش ئاۋاز قوشۇش، پارتكوم يوليورۇق بەرگەنلا بولسا، سىياسىي كېڭەش ھەرىكەتكە كېلىش، پارتىيەنىڭ مەركىزىي خىزمىتى قەيەرگىچە ئالغا سىلجىتىلغان بولسا، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى شۇ يەرگىچە سىلجىتىش، ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ- قۇۋۋەتنى شۇ يەرگىچە مۇجەسسەملەشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

  (2) مەركىزىي خىزمەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىش ئۈچۈن ۋەزىپە، مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلدۇق

  ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش جەھەتتە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئالدۇق. مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز ئادەم يوق، دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە ئاكتىپ قاتناشتۇق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت نۇقتىلىق خىزمەتلەردە مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئالدۇق. مەخسۇس تېمىدىكى كېڭىشىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، «دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۇلىنى چىڭىتىش»نى قارالما قىلىپ، «قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش توغرىسىدىكى قارار»نى چىقىرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرىنى يېتەكلەپ، 1780 مەيدان قېتىم دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئاساسىي ئېقىم گېزىت-ژۇرناللىرىدا 1100 پارچىدىن ئارتۇق ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ماقالىسى ئېلان قىلىپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلدۇق؛ ھەر مىللەت ئاممىغا ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، ئۆزئارا بەھرىلىنىش داۋامىدا «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەش، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش توغرىسىدا تەربىيە بەردۇق. «19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، ئالتىدە نەمۇنە بولۇش» بويىچە دىنىي ساھەدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، دىنىي ساھەدىكى زاتلارنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇش ۋە توغرا يول تۇتۇشقا يېتەكلىدۇق. ساھە ئەزالىرىنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى ۋە سۆز ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەشكىللەپ، مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ماركسىزملىق «بەش قاراش» تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولدۇق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، دۆلىتىمىزدىكى ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ چارە- تەدبىر كۆرسەتتۇق. نىزام چىقىرىش جەھەتتە ئەستايىدىل كېڭىشىپ، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بەش يىللىق نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانى، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى نازارەتچىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى قاتارلىقلار ئۈستىدە تەكلىپ بەردۇق. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»نى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى دېموكراتىك نازارەت قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلىدۇق.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا مەسئۇلىيىتىمىزنى ماھىرلىق بىلەن ئادا قىلدۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش كېسىلىنى ھەقسىز داۋالاش، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى قارالما قىلىپ، ئىككى قېتىم ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، نۇقتىلىق ھالدا ئېغىر كېسەللەرنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىش، نامرات جايلارنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، تاللاش ۋە ئارخىپ- كارتا تۇرغۇزۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا چارە-تەدبىر كۆرسەتتۇق، «داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى» «داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى» قاتارلىقلار توغرىسىدا بەرگەن كېڭىشىش تەكلىپىمىزنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قوبۇل قىلدى. مۇقىملىقنى قوغداش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، دېگەن قارالمىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسى ئوتتۇرا قاراجول كەنتىدە نۇقتىدا تۇرۇپ تۆت ئاي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى تەييارلىدۇق. سودا-سانائەتچىلەر ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىڭلىغان كارخانا مىڭلىغان كەنتكە ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇردۇق، 1255 كارخانىنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 1376 نامرات كەنتكە قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىشكە تەشكىللىدۇق، كارخانىلار كەسىپلەر بويىچە 1 مىليارد 380 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى بېرىپ، 281 مىڭ نامرات ئاممىنى مەنپەئەتلەندۈردى. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتلىنىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا تەربىيەلىنىپ، ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى، كېڭىشىش ۋە مۇھاكىمە قىلىش داۋامىدا ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، بىرىكمە كۈچنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ۋە ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىشقا كۈچ چىقاردى.

  ئىسلاھات، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە سەمىمىي چارە-تەدبىر كۆرسەتتۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىسلاھات، تەرەققىياتنى زىچ چۆرىدەپ چارە كۆرسىتىش، كۈچ چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇش» توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش»، تېببىي دورا- سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە كۈيتۈن- مايتاغ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ «يۇغۇرۇلما تەرەققىيات»ىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك مۇھىم، زور ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر 65 تۈرلۈك كونكرېت ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، 160تىن ئارتۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىمنى 21 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە كومىتېت، ئىشخانا، نازارەت، ئىدارىدە 32 قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆزدىن كەچۈرۈشكە ئۇيۇشتۇردۇق. 60 نەچچە قېتىم سۆھبەتلىشىش-كېڭىشىش يىغىنى ئېچىپ، ئۇنىۋېرسال دوكلات ۋە مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆزدىن كەچۈرۈش دوكلاتى تەييارلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بېجىرىشكە تاپشۇرغان ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدۇق. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، ئەمەلىي ئىقتىساد ۋە ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنى تۇتاشتۇرۇش، زامانىۋى ئاتچىلىق كەسپى تەرەققىياتى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەشكىللەپ، پىكىر-تەكلىپ بەردۇق. «ئەل ئارا مەبلەغ سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا كۈچ چىقىرىش»نى قارالما قىلىپ ئايلىق كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ياخشى مۇھىت يارىتىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىش، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش ۋە تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، ئىجازەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مونوپوللۇقنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كېڭىشىش نەتىجىسىنى شەكىللەندۈردۇق، بۇلارنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پائال قوبۇل قىلدى.

  خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش جەھەتتە ئەمەلىي تەدبىر كۆرسەتتۇق. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇردۇق، ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قارالما قىلىپ، ئايلىق كېڭىشىش-سۆھبەتلىشىش يىغىنى ئېچىپ، نۇقتىلىق ھالدا ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى بېكىتىش، يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، بازار تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر-تەكلىپ بېرىپ، مۇھاكىمە قىلدۇق، كېڭىشىش نەتىجىلىرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تۈزگەن «ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى كونكرېت تەدبىر»دە تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلدى. ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەت-تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى چۆرىدەپ كۆزدىن كەچۈرۈش، نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيەدىن ئىبارەت «ئۈچنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش» پائالىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىدۇق. ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، شەھەرلەردە مۇۋاپىق ياشتىكى بالىلارنىڭ يەسلى ۋە مەكتەپكە كىرىشى، ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە چارۋا باقمىچىلىقى، مېۋىلىك دەرەختىكى كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭىشىش ۋە مۇھاكىمە قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق.

  گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشقا كۈچ چىقىرىش داۋامىدا ياخشى چارە-تەدبىر كۆرسەتتۇق. شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، مۇزلۇق، قارلىقلارنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، «دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش»نى قارالما قىلىپ، سۇ مەنبەسى يېرىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، شىمالىي شىنجاڭدىكى شەھەرلەر توپى ئاتموسفېراسىنىڭ بۇلغىنىشىنى بىرلىشىپ تۈزەش، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، «تارقاق، قالايمىقان، بۇلغىما چىقىرىدىغان» كارخانىلارنى تۈزەش، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش قاتارلىق جەھەتلەردە چارە-تەدبىر كۆرسەتتۇق. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، توك ئارقىلىق ئىسسىنىش، توك باھاسىنى تەڭشەش، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەش، يېشىل ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، قارامايلى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ دېموكراتىك نازارەت قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدۇق. يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، سولياۋ يوپۇقنى بىيولوگىيەلىك پارچىلاش قاتارلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قوغداش يېڭى تېخنىكىسىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇپ قوللىنىشىنى داۋاملىق ئىز قوغلاپ ئىگىلەپ، بىر قاتار كېڭىشىش نەتىجىلىرىنى ھاسىل قىلدۇق، بۇنى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى گېزىتى قاتارلىق ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى مەخسۇس تېمىدا خەۋەر قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 3-نۆۋەتلىك ساغلاملىق-كۈتۈنۈش ساياھەتچىلىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە ئالدىن يولغا قويۇش-سىناق قىلىش رايونى سۆھبەت يىغىنىنى بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈپ، بىر تۈركۈم ساغلاملىق-كۈتۈنۈش كەسىپ تۈرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ياخشى ئۈلگىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق.

  (3) كىشىلەر قەلبىنى كەڭ دائىرىدە مايىل قىلىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ توپلىدۇق

  «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردۇق. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، كەنتتە تۇرۇشلۇق كۈچلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كادىرلار ئائىلىدە تۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە سىياسىي كېڭەش كادىرلىرىنىڭ ئائىلىدە تۇرۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشىنىڭ تولۇق قاپلىنىشىغا تۈرتكە بولدۇق. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى ئالتە نۆۋەت 29 تۈركۈم قېتىم «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى ۋە 12 مەيدان ئالاھىدىلىكى روشەن، شەكلى كۆپ خىل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ئاممىنى 63 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك زىيارەت قىلدى، نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن 54نى يولغا قويدى، 19 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سالدى. دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار» رولىنى جارى قىلدۇردۇق، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش بەنزىلىرىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئەزالار ئارىسىدىكى رەھبىرىي كادىرلار 25 نامرات ناھىيە، 741 نامرات كەنت، 10 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئامما، 927 مەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، چىن كۆڭلىدىن ئاممىغا ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەردى، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىككى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ئورگان كادىرلىرىنى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكىدە «تۆتتە بىللە بولۇش» پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلدۇق، ئۇلار نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن 3481 نى يولغا قويۇپ، 400 مىليون يۈەن تۈر مەبلىغىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى، 39 مىڭ مەيدان قېتىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇردى، ئاممىنى 2 مىليون 930 مىڭ ئادەم قېتىم زىيارەت قىلدى، 66 مىڭدىن كۆپرەك ياخشى ئىش ۋە ئەمەلىي ئىش قىلىپ، كىشىلەر قەلبىنى زور دەرىجىدە مايىل قىلدى ۋە مۇجەسسەملىدى.

  بۈيۈك ئىتتىپاقلىق ۋە بۈيۈك بىرلىشىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردۇق. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىرلىك سەپ نىزامى (سىناق نۇسخىسى)»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سىياسىي كېڭەشتە فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشى ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىشىغا پائال شارائىت يارىتىپ بەردۇق. پارتىيە- گۇرۇھلار ۋە تەشكىلاتلار 50 نەچچە پارچە يىغىندا سۆز قىلىش ماتېرىيالى ۋە 120 نەچچە پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇپ، كېڭىشىش-مۇھاكىمە قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. چەت ئەلدىكى شىنجاڭلىق چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالماشتۇرۇش-دوستلۇق ئورنىتىشنى كۈچەيتتى، چەت ئەلدە ئوقۇغان شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە شىنجاڭلىق جۇڭگو چياۋمىنلىرى، جۇڭگولۇقلار ئارىسىدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنى سۆھبەتلىشىشكە تەشكىللەپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان ، شىنجاڭنى سۆيىدىغان دوست كۈچلەرنى كەڭ كۆلەمدە ئىتتىپاقلاشتۇردى ۋە مۇجەسسەملىدى. «ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى چۆرىدەپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، مەخسۇس تېمىدا كېڭىشىش يىغىنى ئېچىپ، چەت ئەلدىكى شىنجاڭغا چېتىلىدىغان چياۋمىنلار تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، چەت ئەلگە چېتىلىدىغان قانۇن مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

  (4) ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈردۇق

  «ئۈچ چوڭ ماركا»نى كۆڭۈل قويۇپ ياراتتۇق. سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە، يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆزلەپ، «شىنجاڭ سىياسىي كېڭىشى. مېھىر-شەپقەت لېكسىيە مۇنبىرى» ماركىسىنى يارىتىپ، «بىردەكلىكنى ساقلاش ئۆگىنىش باغچىسى» «ھەر پەسىللىك مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە» «ئىش ئورنىدا ماھارەت يېتىلدۈرۈش» «بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆزئارا ئۆگىنىش دەرسخانىسى»دىن ئىبارەت تۆت چوڭ مەخسۇس ئىستوننى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈرلۈك ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇردۇق، بۇلار مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى؛ «شىنجاڭ سىياسىي كېڭىشى. تىيانشان تېغىدا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش» ماركىسىنى يارىتىپ، «تور، گېزىت، ژۇرنال، كۇتۇپخانا، خەتتاتلىق-رەسساملىق يۇرتى»دىن ئىبارەت بەش چوڭ بازىنى چىڭ ئىگىلەپ، تەشۋىقات ئالدىنقى سېپى بەرپا قىلىپ، «توردا شاۋقۇن بولماسلىق، گېزىتنىڭ خاسلىقى بولۇش، ژۇرنالنىڭ مەزمۇنى يېڭى بولۇش، كۇتۇپخانىدا نادىر ئەسەرلەر ساقلىنىش، خەتتاتلىق-رەسساملىق يۇرتىدا قىممەتلىك ئەسەرلەر بولۇش»نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردۇق؛ «شىنجاڭ سىياسىي كېڭىشى . بىرىكمە مۇشت سۇپىسى» ماركىسىنى يارىتىپ، «ياراملىق كادىرلار ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش خىزمىتىدە» «1-شۇجى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تۇتۇش» «چىن كۆڭلىدىن تۆتتە بىللە بولۇپ تۇغقانلىشىش» «دۆلەت ئورتاق تىلى تەربىيەسى ئارقىلىق ئەل قەلبىنى مايىل قىلىش»تىن ئىبارەت تۆت چوڭ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش بىرىنچى سېپىنى ھاسىل قىلىپ، خىزمەتلەرنى دائىملىق ھالەتكە كەلتۈرۈپ قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردۇق.

  تەكلىپ خىزمىتى ۋە تارىخىي ماتېرىياللار خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بەردۇق. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكلىپ خىزمىتى نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىگە پائال قاتناشتۇق، «تۆتنى تەكشۈرۈش» ئاساسىدا ئەنگە ئېلىپ كېڭىشىش تۈزۈمى ۋە توردا تەكلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكلىپتە «ئۈچ بۇرۇلۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردۇق. تەكلىپتە سۈپەتنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، تەكلىپلەرنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىش سالمىقىنى زورايتتۇق، 795 تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىپ، 689ىنى ئەنگە ئالدۇق، جاۋاب قايتۇرۇش نىسبىتى %100 بولدى. سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنى نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ بېكىتىش تۈزۈمى ۋە پارتكوم، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇل رەھبەرلىرى نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بىرلىشىپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىش مېخانىزمىدا چىڭ تۇردۇق، 2018-يىلىدىكى نۇقتىلىق تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسى بېجىرىلىپ بولدى. 11-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش مەزگىلىدىكى 58 مۇنەۋۋەر تەكلىپنى ۋە 38 ئىلغار تەكلىپ بېجىرگۈچى ئورۇننى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەقدىرلىدۇق. توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ساختىسىنى شاللاپ چىقىرىۋېتىپ، چىنلىرىنى ساقلاپ قېلىپ، 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيان نەشر قىلىنغان تارىخىي ماتېرىياللارنى قايتىدىن رەتلەپ، ئوقۇپ تەكشۈرۈپ، 500 مىڭ خەتلىك «شىنجاڭ تارىخ-مەدەنىيەت ماتېرىياللىرىدىن تاللانما»نى نەشر قىلدۇق، 3 مىليون 700 نەچچە مىڭ خەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر 100 يىللىق ئەمەلىي خاتىرىسىنى توپلاش خىزمىتىنى تاماملىدۇق. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، چەت ئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار، ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار ۋە چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋەتەن قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىش ھەققىدىكى ئەمەلىي خاتىرە قاتارلىقلارنى توپلاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدۇق.

  تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بەردۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشى، تېخىمۇ قېلىپلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك» دېگەن مۇھىم يوليورۇقىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپكە ئۇيغۇنلىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ۋە دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ مەشغۇلات قائىدىسىنى بېكىتتۇق؛ جايلاردىكى ئەزالارنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇش چارىسى قاتارلىق 17 تۈرلۈك تۈزۈمگە تۈزىتىش كىرگۈزدۇق ۋە ئۇلارنى مۇكەممەللەشتۈردۇق، يىغىندا قىلىنىدىغان سۆزلەرنى تاللاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق، مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلىش خاراكتېرىدىكى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ ھەمتۈرتكە ھالقىسىنى كۆپەيتتۇق. يىغىننىڭ گۇرۇپپىغا ئايرىش ئۇسۇلىنى ياخشىلىدۇق. ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنلىرىنىڭ شەكلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېڭىشىش قارالمىسىنى بېكىتىش، يىغىن تەشكىللەش، تەرتىپنى قېلىپلاشتۇرۇش، نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش قاتارلىقلارغا قارىتا بەلگىلىمە چىقاردۇق، تۇنجى قېتىم سىن شەكلىدە جايلاردىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى كېڭىشىش، مۇھاكىمە قىلىشقا تەكلىپ قىلدۇق، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيەسىنى دىسكىغا ئېلىپ، ئاساسىي قاتلامغا تارقىتىپ بېرىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتۇق.

  (5) تەلەپچان، راستچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق

  سىياسىي كېڭەشنىڭ «ئىككى قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتتۇق. سىياسىي قۇرۇلۇشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يىرىك پىلان تۈزۈپ، ئەزالارنى تەربىيەلەشنى، فۇنكسىيەنى ئادا قىلىشنى، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتتۇق، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، داڭلىق كارخانىلاردىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ، 13 مەيدان مەخسۇس لېكسىيە ئۇيۇشتۇردۇق، ئەزالار ئۈچۈن 450 نەچچە مىڭ خەتلىك ئۆگىنىش ماتېرىيالى تەييارلىدۇق. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر تەربىيەلىگەن ئەزالار 13 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتىنىڭ فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتناشتى. كادىرلار سىردىشىش-سۆھبەتلىشىش، شەخسىي مۇھىم ئىشلىرىنى دوكلات قىلىش، مۇھىم ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىش، سىرتقا چىقىشنى تەستىقلىتىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردۇق. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يولغا قويۇش چارىسىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، «تۆت خاھىش» «تۆت كەيپىيات»نى داۋاملىق تۈزەپ، خىزمەت ئىستىلىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدۇق، فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق.

  مەخسۇس كومىتېتلار ۋە ساھەلەر قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتتۇق. دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش، سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى مەخسۇس كومىتېتلار ۋە ساھەلەر بىلەن ئالاقىلىشىش خىزمەت مېخانىزمىدا چىڭ تۇردۇق، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى خىزمىتىنى تاماملىدۇق. ساھەلەرنىڭ پائالىيەت چارىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ساھەلەردىكى ئەزالارنىڭ ھەممىسىنى مەخسۇس كومىتېتلارغا قاتناشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ساھەلەر كۆزدىن كەچۈرۈش، ساھەلەر بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ساھەلەرنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئۆزگىچە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردۇق.

  سىياسىي كېڭەشنىڭ ئورگان قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتتۇق. ئورگاننىڭ كۆپ خىل خىزمەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەدبىرلەرنىڭ بىر - بىرىنى تولۇقلىشىغا تۈرتكە بولدۇق. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىبرەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭراتتۇق. خىزمەت مۇھىتىنى ۋە مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشىلاپ، ئىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردۇق. تۈزۈم ئارقىلىق ئادەم ۋە ئىش باشقۇرۇشتا، ياخشى ئىستىل ئارقىلىق قىيىنچىلىقنى يېڭىشتە، توغرا ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئورگان رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ باھالاشتا مۇنەۋۋەر بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈردۇق. «بىردە باشلامچى، ئۈچتە ئۈلگە، بىردە نەمۇنە» ئورگان بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردۇق.

  ئەزالار، 2018-يىلى بىز مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمىتىگە پائال ماسلىشىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشكە ھەمكارلىشىپ، «دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش»، «ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك نوپۇس ئۆزگىرىشى بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات» قاتارلىقلار ئۈستىدە بىرلىشىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردۇق. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى يىغىن ۋە كېڭىشىش پائالىيەتلىرىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋال ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرىدىن خەۋەردار بولۇشىغا ئەستايىدىل ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇق. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى يىغىنغا 120 پارچە تەكلىپ سۇندى، يىغىندا 163 قېتىم سۆز قىلدى. جايلاردىكى سىياسىي كېڭەشلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمەت كومىتېتى، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ناھىيەلىك، شەھەرلىك، رايونلۇق) سىياسىي كېڭەشلەر بىلەن بولغان ھەمتۈرتكە بولۇش، پىكىرلىشىشنى كۈچەيتىپ، فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش يۆنىلىشى، خىزمەت تەسەۋۋۇرى، مۇھىم كېڭىشىش پائالىيەتلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىن جايلاردىكى سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدۇق، جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى قەرەللىك زىيارەت قىلىپ ۋە بىرلەشمە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆزدىن كەچۈرۈش، سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھىم يىغىن قاتارلىق پائالىيەتلەرگە تەكلىپ قىلىپ، فۇنكسىيەنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىش بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدۇق.

  ئەزالار، ئۆتكەن بىر يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، قوراللىق ساقچى قىسىمى، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر-ساقچىلىرى ھەمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ ئاكتىپ قاتناشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، خەلق تەشكىلاتلىرى، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. بۇ يەردە مەن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، كۆپچىلىككە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

  نەتىجىلەرنى خۇلاسىلەش بىلەن بىللە، شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە يەنە بەزى يېتەرسىزلىكلەر ساقلانماقتا، ئاساسلىقى، ئەزالارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، ئەزالارنىڭ فۇنكسىيەنى ئادا قىلىپ چارە-تەدبىر كۆرسىتىشىنىڭ دەل جايىدا بولۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە، مۇھاكىمە قىلىش نەتىجىسىنى يەنىمۇ ئايلاندۇرۇشقا، ئىستىل قۇرۇلۇشى نەتىجىسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشكە توغرا كېلىدۇ ۋە باشقىلار. بىز يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

  2. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

  بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، يادرونى قەتئىي قوغداپ، مەركىزىي خىزمەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، كىشىلەر قەلبىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كەڭ دائىرىدە كېڭىشىپ، ئەمەلىي نازارەت قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە-تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش جەھەتتە تەڭ كۈچ چىقىرىپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  (1) شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قائىدىنى چۈشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەتراپلىق، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق چىڭ ئېتىقادقا، مۇتلەق ساداقەتلىككە، بۇرچ تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇپ، «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇملۇق ئىچىدە ئورنىنى توغرا تېپىش، ئومۇملۇق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، سىياسىي كېڭەش خىزمىتى ئەمەلىيىتىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  (2) تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش بىرىكمە مۇشتىنى قەتئىي تۈردە ياخشى ئېتىش كېرەك. باش نىشاننى ئومۇمىي پىروگرامما، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىشتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، بىرىكمە مۇشت تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش داۋامىدا سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى ۋە ئاساسلىق جەڭ مەيدانى ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن كۈرەشكە ئاتلىنىپ، داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلغانلار، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ سىياسىي كېڭەشكە يوشۇرۇنۇۋېلىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىق كېرەك. ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى ئۆز ساھەسىدىكى ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، كەڭ دائىرىدە ئەھۋال ئىگىلەپ، ئۇچۇر بىلەن توغرا تەمىنلەپ، بىخ خاراكتېرلىك، خاھىش خاراكتېرلىك، سىگنال خاراكتېرلىك جەمئىيەت ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ، ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تەكلىپ- پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەتلىرىنى باش تارتماي ئوبدان ئىشلەش كېرەك. مەخسۇس كېڭىشىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ كېڭىشىش ۋە مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  (3) قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش كېرەك. كىشىلەر قەلبى−ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئورتاق تونۇش−تىرىشىپ ئىلگىرىلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. سىياسىي كېڭەشنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى كۈچلۈك، ئالاقە دائىرىسى كەڭ، سىغدۇرۇشچانلىقى زور بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىشقا سېلىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ زور دەرىجىدە كىشىلەر قەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا ئىدىيەۋى-سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، بىۋاسىتە تەسىرات، تەپسىلىي سانلىق مەلۇمات، جانلىق مىسال ۋە ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە قىلغان ئالاھىدە غەمخورلۇقى، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش جەھەتتىكى ياخشى سىياسەتلىرى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش بىرىكمە مۇشت تەدبىرى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى مەردانىلىك بىلەن يېتەرلىك چۈشەندۈرۈپ، شىنجاڭغا دائىر بىرقانچە تارىخىي مەسىلىنى ئېنىق سۆزلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى شىنجاڭنىڭ دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان قېرىنداش ئائىلە ئەزاسى ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشقا يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت بۇ يىلتىز ۋە روھنى قەلبتىن يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تۈپتىن مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھېسسىيات يۆلەنچۈكى، قەلب ۋە روھىي ماكانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇر ھەم ياخشى ئىشلەپ، ئامما بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىش ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىش داۋامىدا ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، ئالماشتۇرۇش داۋامىدا ئارازلىقلارنى تۈگىتىشى، ئارىلىشىش داۋامىدا ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئۆزئارا ئارىلىشىپ ياشايدىغان ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتىنى يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئاممىنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇش ۋە ئەسەبىيلىككە تاقابىل تۇرۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. شىنجاڭغا چېتىلىدىغان چياۋمىنلار خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، چەت ئەلدىكى شىنجاڭلىق چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيىدىغان دوست كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە مۇجەسسەملەش كېرەك.

  (4) ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مۇستەھكەملەش، ئاشۇرۇش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش» فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسلىق لىنىيە قىلىپ، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى چۆرىدەپ، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا كېڭىشىش ۋە مۇھاكىمە قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ، سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، تەكلىپنى ئەمەلىي بېرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى مۇھىم پايدىلانما بىلەن تەمىن ئېتىش كېرەك. «دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېغىر نامرات ناھىيە، شەھەرلەرنى نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچەش»نى قارالما قىلىپ، مەخسۇس كېڭىشىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، «مىڭلىغان كارخانا مىڭلىغان كەنتكە ياردەم بېرىش» تەدبىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش، پۇقراۋى ئىگىلىكنى زورايتىش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە تەھلىلى، ۋەزنى بار كېڭىشىش ۋە مۇھاكىمە قىلىش نەتىجىلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى چۆرىدەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىلەن كېڭىشىش ۋە مۇھاكىمە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز» ۋە پورت ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياخشى چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، يېزا-كەنتلەرنى «بەش جەھەتتە گۈللەندۈرۈش»كە تۈرتكە بولۇش ۋە شىنجاڭنى ساياھەتچىلىك ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىش كېرەك. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش»، دۆلەت كارخانىلىرى، دۆلەت مۈلكى قاتارلىق نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى چۆرىدەپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، سەمىمىيلىك بىلەن پىكىر- تەكلىپلەرنى بېرىپ، تەرەققىياتقا ھاياتىي كۈچ قوشۇش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ تەدبىر كۆرسىتىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» ئېلىپ بېرىش، چېگرا قوغدىغۇچىلىرى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە مۇھاكىمە قىلىپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەت- تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

  3. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى ئورۇننى ئىگىلەپ، يېڭى بۇرچنى زىممىگە ئېلىش كېرەك

  پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ مول مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يېڭى ئورنى، يېڭى بۇرچىنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە قويغان تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى مۇجەسسەملەشتەك سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي تۈردە زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى−جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش−خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ تۈپ سىياسىي كاپالىتى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى تۈپ سىياسىي پىرىنسىپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، يول، تۈزۈم، بايراق ۋە يۆنىلىش قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ مەسىلىلەردە باشتىن-ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەرمانى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش، بارلىق خىزمەتلەرنى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى ساھەلەر بىلەن ئالاقىلىشىش، دائىمىي كومىتېتنىڭ پارتىيەلىك ئەزالىرى چارە-تەدبىرلەرنى باھالاشتا فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش، پارتىيەلىك ئەزالار قوش تەشكىلىي تۇرمۇشقا قاتنىشىش ۋە پارتىيە سىرتىدىكى ئەزالار بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمى قاتارلىقلارنى ئورنىتىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ پارتىيەلىك ئەزالارنى تولۇق قاپلىشى، پارتىيە خىزمىتىنىڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈش كېرەك.

  ئىدىيەۋى-سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كۈچەيتىشىمىز كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئورتاق ئىدىيەۋى-سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسىي ئوقى قىلىپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتىش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشنى فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش خىزمىتىنىڭ مەركىزىي ھالقىسى قىلىپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەش بىلەن چارە- تەدبىر كۆرسىتىشكە تەڭ كۈچەپ، كېڭىشىش، مۇھاكىمە قىلىش جەريانىنى ئۆز- ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش جەريانىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. ئىدىيەۋى-سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەش بىلەن دائىملىق ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەتنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى، سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى زاتلارنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەشكە بولغان رەھبەرلىكى ۋە سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە قويغان تەلىپىنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىش ۋە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى تەدبىرلەر ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كېڭىشىش ۋە مۇھاكىمە قىلىش پائالىيەتلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ھېس قىلىش، يېڭى ئىدىيەلەرنى چۈشىنىش، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىش، ئاكتىپ كۈچنى تارقىتىش، بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىش جەريانىدا ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  كېڭىشىش ۋە مۇھاكىمە قىلىش سۈپىتىنى قەتئىي بوشاشماي ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. تۈرلۈك فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش پائالىيەتلىرىدە «نېمە قىلدى»، «قانچىلىك قىلدى» دېگەنگە ئەھمىيەت بېرىشتىن «قانداق ئۈنۈم ھاسىل قىلدى» دېگەنگە بۇرۇلۇش كېرەك. كېڭىشىش ۋە مۇھاكىمە قىلىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىن باشلامچى، مەخسۇس كېڭىشىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش يىغىنى مۇھىم نۇقتا، ئايلىق كېڭىشىش-سۆھبەتلىشىش يىغىنى نورمال ھالەت قىلىنغان كېڭىشىش-مۇھاكىمە قىلىش ئەندىزىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ تور ئارقىلىق مۇھاكىمە قىلىش، يىراقتىن كېڭىشىش شەكلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسى، خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە رايىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش كېرەك؛ كېڭىشىش نەتىجىسىنى قوبۇل قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېڭىشىش نەتىجىسىنىڭ ئۈنۈملۈك سىياسەت ۋە كونكرېت خىزمەت تەدبىرىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كېڭىشىش، مۇھاكىمە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەت قىلىپ، پاكىت بىلەن سۆزلەپ، سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەھلىل قىلىپ، «توغرا بولۇش»، «دەل بولۇش» جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. خىزمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، كېڭىشىش-مۇھاكىمە قىلىش سۈپەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، چارە-تەدبىر كۆرسىتىشنىڭ دەللىكىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئەزالىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋرنىڭ كۈرەش قىلغۇچىلىرىغا خاس قىياپەت ۋە غەيرەتنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش ماھارىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئىگىلەش ئىقتىدارى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش ئىقتىدارى، ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلەش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى سىياسىي كېڭەشنى چۈشىنىپ، كېڭىشىشنى بىلىپ، مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، قائىدىگە، ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىپ، تەلەپچان بولۇشى، روھنى ئۇرغۇتۇشى، ھەرىكەتكە كېلىشى، يېتىشەلمەي قالماسلىقى، ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي قالماسلىقى، ھېچقانداق ئىشنى قىلماسلىقتەك خاتالىقنى سادىر قىلماسلىقى، ئەزالىق تاپشۇرۇقىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ قاتناشقۇچىسى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى ۋە ئىلگىرى سۈرگۈچىسى بولۇشتەك مۇھىم ۋەزىپىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، «ئومۇمىي خور»دا ئۆز قىياپىتى ۋە ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشى كېرەك.

  ئەزالار! يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، يېڭى ۋەزىيەتكە يۈزلەنگەن خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىدە نى-نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ. شانلىق نەتىجە جاپالىق ئەجىردىن پۈتىدۇ. ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، كۆپنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالايلى!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر