باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تور ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار قانۇن ـ بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئۇچۇر تارقىتىش تىپىك دېلو مىسالىدىن توققۇزنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

2019.01.31 08:57         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆز خەۋىرىمىز: يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تور ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پاش قىلىش يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، توردا قانۇن ـ نىزاملارغا خىلاپ ئۇچۇر تارقىتىشتەك تىپىك دېلو مىسالىدىن 20 - تۈركۈمدە توققۇزنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى ۋە ئاشكارىلىدى. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، دېلوغا چېتىشلىقلار ئالاقە تورى قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە پىتنە - ئىغۋا، ساختا ئۇچۇر قاتارلىق مەزمۇنلارغا چېتىلىدىغان يازما، سۈرەت، ئۈن - سىنلارنى تەرغىب قىلىپ، ساقلاپ، تارقىتىپ، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى››، ‹‹ئالاقە تور ئۇچۇرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى›› قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا، ھەمدە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ تور ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ھەققىدىكى پىكىر» قاتارلىقلارغا خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق تارماقلار ئالاقىدارلارنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

  1 ـ دېلو مىسالى: خوتەن ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى م xنىڭ ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىدىغان بۇيۇملارنى قانۇنسىز ساقلاش دېلوسى

  2018 ـ يىلى 11- ئاينىڭ 4- كۈنى، تورداشلار م x (ئەر، ئۇيغۇر، 23 ياش، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چىرا ناھىيەسىدىن)نىڭ يان تېلېفونىدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىدىغان نۇرغۇن ئۈن ھۆججىتىنى ساقلىغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە م x نى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

  2 ـ دېلو مىسالى: خوتەن ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى ئا xنىڭ ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىدىغان بۇيۇملارنى تارقىتىش دېلوسى

  2018-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، تورداشلار ئا x (ئەر، ئۇيغۇر، 27 ياش، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدىن)نىڭ ئۆزىنىڭ ‹‹QQ بوشلۇقى››دا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىدىغان نۇرغۇن سۈرەتلەرنى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئا x نى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

  3 ـ دېلومىسالى: خوتەن ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى م xنىڭ ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىدىغان بۇيۇملارنى قانۇنسىز ساقلاش دېلوسى

  2018 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، تورداشلار م x (ئەر، ئۇيغۇر، 37 ياش، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىدىن)نىڭ تور دېسكىسىدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭنىڭ تارىخى بۇرمىلانغان، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى تەرغىب قىلىنغان قانۇنسىز ئېلېكتىرونلۇق كىتابنى ساقلىغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن- نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە م x نى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

  4 ـ دېلو مىسالى: خوتەن ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى ت xنىڭ ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىدىغان بۇيۇملارنى تارقىتىش دېلوسى

  2018 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، تورداشلار ت x (ئايال، ئۇيغۇر، 29 ياش، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن شەھىرىدىن)نىڭ ئۆزىنىڭ ‹‹QQ بوشلۇقى››دا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىدىغان سۈرەت تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ت x نى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

  5-دېلو مىسالى: بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى جياڭ xنىڭ پىتنە - ئىغۋا تارقىتىش دېلوسى

  2018 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، تورداشلار جياڭ x (ئەر، خەنزۇ، 31 ياش، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بورتالا شەھىرىدىن)نىڭ ئۈندىدار توپىدا تېررورلۇققا چېتىشلىق پىتنە - ئىغۋا تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جياڭ xنى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويدى.

  6-دېلو مىسالى: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى خې xنىڭ پىتنە - ئىغۋا تارقىتىش دېلوسى

  2018 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، تورداشلار خې x (ئايال، خەنزۇ، 28 ياش، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سانجى شەھىرىدىن)نىڭ ئۈندىدار توپىدا پىتنە - ئىغۋا تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە خې xنى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويدى.

  7 ـ دېلو مىسالى: خۇبېي ئۆلكىسىدىكى تور ئەھلى جاۋ xنىڭ پىتنە - ئىغۋا تارقىتىش دېلوسى

  2018 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، تورداشلار جاۋ x (ئەر، خەنزۇ، 21 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭگاڭ شەھىرى ۋۇشۆ شەھىرى)نىڭ ئۆزىنىڭ مىكروبىلوگى ئارقىلىق شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە چېتىلىدىغان پىتنە - ئىغۋا تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جاۋ xكە تەربىيە-تەنبىھ بەردى.

  8 ـ دېلو مىسالى: ئىچكى موڭغۇلدىكى تور ئەھلى چىن xنىڭ تەتۈر تەشۋىقات ئۈن- سىن بۇيۇملىرىنى تارقىتىش دېلوسى

  2018 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، تورداشلار چىن x (ئايال، موڭغۇل، 49 ياش، ئىچكى موڭغۇلدىن)نىڭ موڭغۇل تىلىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتالىدىن پايدىلىنىپ، تەتۈر تەشۋىقات مەزمۇنىغا چېتىلىدىغان ئۈن-سىن ھۆججىتىنى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە چىن xكە تەربىيە - تەنبىھ بەردى.

  9 ـ دېلو مىسالى: قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى شۈ xنىڭ پىتنە - ئىغۋا تارقىتىش دېلوسى

  2018 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، تورداشلار شۈ x (ئەر، خەنزۇ، 24 ياش، ھازىر تۇرۇشلۇق جايى قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى)نىڭ ئۈندىدار توپىدا شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە چېتىلىدىغان پىتنە - ئىغۋا تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلار شۈ xكە گۇناھ يېزىش جازاسى بەردى.

  ئالاقە تور ئۇچۇرلىرى تارماقلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تور بوشلۇقى قانۇن سىرتىدىكى جاي ئەمەس، ئالاقە تورىدا زوراۋانلىق، تېررورلۇققا، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، دىنىي ئەسەبىيلىككە ئائىت ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئائىت يازما، سۈرەت، ئۈن - سىنلارنى تەرغىب قىلغان، ساقلىغان، تارقاتقانلار؛ پارتلىتىش قۇرۇلمىسى، قورال - ياراغ، تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋابلارنى ياساش، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە تېخنىكا ماھارىتىنى ئۆگەتكەنلەر، شۇنىڭدەك ساختا ئۇچۇر، باشقىلارغا ھاقارەت قىلىش، تەھدىت سېلىش، پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىرىپ تۆھمەت قىلىش قاتارلىق مەزمۇندىكى يازما، سۈرەت، ئۈن ـ سىنلارنى تارقاتقانلارنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن ـ بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان يازما، سۈرەت، ئۈن ـ سىنلار بولسا ئۆزلۈكىدىن دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىش، يوقىتىش كېرەك، ئۆچۈرۈش، يوقىتىشقا ئامال قىلالمىسا، ئۆز جايىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. تورداشلارنىڭ ئالاقىدار قانۇن ـ نىزاملارغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مەدەنىي تورغا چىقىپ، قانۇن بويىچە تورغا چىقىپ، ساغلام، تەرتىپلىك ئالاقە تورى مۇھىتىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  تورداشلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن توردىكى قانۇن ـ بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئۇچۇرلارنى پاش قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر ۋاقتىدا مۇكاپاتلىنىدۇ.

  پاش قىلىش ئۇسۇلى:

  تور ئادرېسى: www.xjwljb.com

  تېلېفون نومۇرى : 2384777–0991

  ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى: xjwljb@xjts.cn

  مىكرو بىلوگ: شىنجاڭ توردا پاش قىلىش(新疆网络举报@)

  ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى: شىنجاڭ توردا پاش قىلىش (新疆网络举报)

  ساقچىغا مەلۇم قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونى: 110

  ئۇچۇر ئارقىلىق ساقچىغا مەلۇم قىلىش نومۇرى: 12110


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر