باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 12- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 6- قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

2019.01.30 14:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 12- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 6- قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ نەتىجە يارىتىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈش كېرەك. بىرىنچى، ھەقىقىي تۈردە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەرمانى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش كېرەك. ئىككىنچى، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەمر- پەرمانلىرىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئىشلاردا يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش نىزامى»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم، زور مەسىلە، مۇھىم ئىشلاردا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىن ۋاقتىدا يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش بىلەن ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تەلىپىنى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىي ھەرىكەتتە نامايان قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى ئۆستۈرۈش- تەيىنلەش خىزمىتى نىزامى»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە مىللىي رايون كادىرلىرىنىڭ سىياسىي ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، دادىل مەسئۇل بولىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدىغان، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان، ئەمەلىي نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش- تەيىنلەش خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئىلمىيلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار، بولۇپمۇ تەشۋىقات، ئىدىيە سېپىدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 12- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاپ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بىرىنچى، مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، تاراتقۇلار يۇغۇرۇلۇشىنىڭ دەۋرنىڭ يۈزلىنىشى، چوڭ ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى ئىكەنلىكىنى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ ۋە ئاممىۋى پىكىر مەدىتى بىلەن تەمىنلەشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. ئىككىنچى، يېڭىچە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنى قۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆچمە بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىي بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، يېڭىچە تارقىتىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى تېخىمۇ ئوچۇق تارقىتىش، تېخىمۇ كەڭ تارقىتىش، تېخىمۇ چوڭقۇر تارقىتىش كېرەك. ئۈچىنچى، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، بايراق روشەن ھالدا پارتىيە تەشۋىقاتنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئىدېئولوگىيەنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىش، ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشى، قىممەت يۈزلىنىشىدە چىڭ تۇرۇپ، توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق شارائىت يارىتىش، ياخشى تاشقى مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، قوللاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى، پائال قوللىشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقاتنى باشقۇرۇش تارماقلىرى تۈزۈلمە- مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، تاراتقۇلار يۇغۇرۇلۇشىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 6- قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دەل جايىدا بولۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇش، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خىزمەتنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ”يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار“ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى>نى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئومۇمىي فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئومۇمىي تۇتقا قىلىپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئاشۇرۇش، راۋانلاشتۇرۇش»نى چۆرىدىگەن ھالدا يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئېغىر نامراتلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

  شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر