باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى قەغەز پۇلنى يېڭىلاش پىلانىنى يولغا قويۇپ،«پۇل ئالماشتۇرۇشقا» باشلىدى

2019.01.31 15:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا مەركىزى بانكىسى يېقىندا ياۋرو رايونىدىكى 17 دۆلەتنىڭ مەركىزىي بانكىلىرى 500 ياۋرودىن يۇقىرى قەغەز پۇلنى بېسىش ۋە تارقىتىشنى توختاتتى، گېرمانىيە بىلەن ئاۋستىرىيەنىڭ مەركىزىي بانكىلىرى مەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن «بۇنىڭ سىرتىدا» بولۇپ، بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا يۇقارقى تەدبىرنى ئىجرا قىلىدۇ، دەپ جاكارلىدى. بۇنىڭدىن باشقا ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى يەنە بۇ يىل ئىچىدە 100 ياۋرو ۋە 200 ياۋرولۇق قەغەز پۇل تارقىتىدۇ، مەقسەت: ساختا قەغەز ياۋرونىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش. گەرچە ياۋروپا ئىتتىپاقى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يۇقارقى پىلاننى ئويلىشىۋاتقىنىغا نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆتكەن يىلى «ياۋرونىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشىمىز» دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، بۇ يۈزلىنىش ياۋرونىڭ«ئالغا قاراپ كىچىك بىر قەدەم تاشلىشى» دەپ قارالدى. 500 ياۋرولۇق پۇل ھازىر يولغا قويىلىۋاتقان قەغەز ياۋرو سېستىمىسىدا قەغەز يۈزى قىممىتى ۋە ئۆلچىمى ئەڭ چوڭ قەغەز پۇل. ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى ئېلان قىلغان ئۇچۇردىن ئايان بولۇشىچە، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، يەر شارى بازىرىدا تەخمىنەن 520 مىليارد پارچە، ئومۇمىي قىممىتى 260 مىليارد ياۋرودىن ئاشىدىغان 500 ياۋرولۇق قەغەز پۇل ئوبوروت قىلىنىۋاتقان.

  500 ياۋرولۇق قەغەز پۇلنى ياۋرو رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىشلىتىش ئەھۋالى ئىزچىل بىر قەدەر «مۈشكۈل ئەھۋالدا» بولۇپ كەلدى. ئىستىمالچىلار ئادەتتىكى شەخسى ئىستىمالدا 500 ياۋرولۇق قەغەز پۇل تۆلىسە، پۇل تاپشۇرۋالغۇچى تەرەپ «قايتۇرىدىغان پارچە پۇل يوق» ياكى«راس يالغانلىقىنى پەرق ئېتىش تەس» دېگەن بانا بىلەن قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلدى. تېخىمۇ مۇھىمى مۇنداق پۇلنىڭ قىممىتى يۇقىرى، ئوبوروت ۋە زاپاس ساقلاش يوشۇرۇن بولغاچقا، 500 ياۋرولۇق قەغەز پۇل يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جىنايەت ئۇنسۇرلىرى تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىدىغان پۇلغا ئايلاندى. يەككە پۇلنىڭ بازار تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى 2015-يىلىدىن باشلاپ ياۋرو قەغەز پۇلىنى يېڭىلاش پىلانىنى تۈزۈشنى ئويلاشتى، شۇنىڭ بىلەن تەڭ قىسمەن ياۋرو رايونى دۆلەتلىرىمۇ ياۋرونىڭ نەق پۇل سودىسىغا چەكلىمە قويۇش قانۇن بەلگىلىمىسىنى تۈزدى، مەقسەت: پۇل يۇيۇش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

  ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئالاقىدار پىلانىغا ئاساسەن، ياۋرو رايونىغا ئەزا 19 دۆلەتنىڭ مەركىزىي بانكىلىرى بۇ يىل ئىچىدە 500 ياۋرولۇق قەغەز پۇلنى بېسىش ۋە تارقىتىشنى ئۈزۈل-كېسىل توختىتىدىكەن. بۇ قېتىم گېرمانىيە بىلەن ئاۋستىرىيە مەركىزىي بانكىلىرى «پۇل بىلەن تەمىنلەش ۋە بازارنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش» ئىھتىياجىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ يىل 4-ئاينىڭ 26-كۈنى يۇقارقى تەدبىرنى ئىجرا قىلىشنى ئالاھىدە ئىلتىماس قىلغاندىن باشقا، قالغان ئەزا 17 دۆلەتنىڭ مەركىزىي بانكىلىرى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 500 ياۋرولۇق قەغەز پۇلنى تارقىتىشنى توختاتتى، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى 500 ياۋرولۇق قەغەز پۇلنى تارقىتىشنى توختاتقاندىن باشقا، يەنە بۇ يىل 5-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ ساختا پۇلنىڭ ئالدىنى ئېلىش يېڭى تېخنىكىسى قوللىنىلغان قەغەز پۇل يەنى بىر تۇتاش 100 ياۋرو ۋە 200 ياۋرولۇق قەغەز پۇلنى تارقىتىدۇ.

  ياۋروپا مەركىزىي بانكىلىرىنىڭ قەغەز پۇلنى يېڭىلاش پىلانى ھەققىدە بەزى تالاش-تارتىشلارمۇ بار. بۇنىڭدىن ئىلگىرى گېرمانىيە مەركىزىي بانكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋرو رايونىدىكى بىر قانچە پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قەغەز پۇلنى يېڭىلاش پىلانىغا بولغان گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 500 ياۋولۇق قەغەز پۇلنى تارقىتىشنى توختىتىشنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە زەربە بېرىش رولى چەكلىك بولۇپلا قالماستىن يەنە ياۋرو رايونىنىڭ سىرتىدىكى بازارنىڭ يەككە پۇلنىڭ مۇقىملىقىغا بولغان ئىشەنچىسىگە زىيان يەتكۈزۈشى مۈمكىن دەپ قارىدى. قىسمەن ياۋروپا جامائەتچىلىكى مۇنداق دەپ قارىدى: ياۋروپا بانكىچىلىقىدا قەرزدار بولۇپ ۋەيران بولۇش ئەندىشىسى مەۋجۈت، ئۇزاق مۈددەت دەرىجىدىن تاشقىرى تۆۋەن ئۆسۈم نىسبىتى مۇھىتىدا، بەزى ياۋروپالىقلار «بىخەتەرلىك» ئۈچۈن، چوڭ قىممەتلىك پۇللارنى ئۆيىدە ساقلاشقا تېخىمۇ ئېتىبار بەردى. ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بۇ قېتىم 500 ياۋرولۇق قەغەز پۇلنى تارقىتىشنى توختىتىشى ياۋرو رايونىدىكى بانكىلارنىڭ ئەل ئىچىدە ساقلانغان بايلىقنى «قۇبۇل قىلىشىغا» پايدىلىق.

  ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى دېراجې يېقىندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قەغەز ياۋرونى يېڭىلاش پىلانى ياۋرو رايونىنىڭ نورمال ئىقتىسادىي تەرتىپىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: 500 ياۋرولۇق قەغەز پۇلنى تارقىتىش توختىتىلغاندىن كېيىن، بازاردا ھازىرقى 500 ياۋرولۇق قەغەز پۇل داۋاملىق كۈندۈلۈك ئوبوروتتا ئىشلىتىلىدى ۋە قىممىتىنى زاپاس ساقلاش ئىقتىدارىنى ساقلىدى، شەخس بىلەن كارخانا ياۋرو رايونى ئىچىدىكى بېكىتىلگەن پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتىدا 500 ياۋرولۇق پۇلنى باشقا قىممەتتىكى قەغەز ياۋروغا تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۋالسا بولىدۇ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى پۇلنى ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇددىتىنى بېكىتمەيدۇ.

  ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى يېقىندا ئىككى ئايلىق مەسلىھەت سوراشنى رەسمىي باشلىدى. ياۋرونىڭ خەلقئارادىكى ئورنى مەسىلىسىنى قانداق يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەققىدە ئامما ئارىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، تۇنجى قېتىملىق ئاممىنىڭ پىكىر مەسلىھەتى ياۋرونىڭ يېزا-ئىگىلىكى، يېمەكلىك، رەڭلىك مېتال، قاتناش قوراللىرى ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلىرىدە ئىشلىتىش مەسىلىسىگە مەركەزلىشىدىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ياۋروپا كومىتېتىنىڭ رەئىسى جۇڭكېرنىڭ ئالاقىدار بايانىغا ئاساسەن، ياۋرونىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈش بىر غايەت زور ۋە جاپالىق سېستىما قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئالدى بىلەن ئىشلەيدىغان خىزمەت «چىتلاقنى چىڭىتىپ»، ئالدى بىلەن تەدرىجىي ھالدا ياۋرو رايونىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى نۇقسانلارنى ھەل قىلىش. بۇنىڭدىن قارىغاندا، «پۇلنى ئالماشتۇرۇش» بەلكى بىر ئۇزاق مۇساپىدىكى كىچىك بىر قەدەم بولۇشى مۈمكىن.

  كۆپ يىللاردىن بۇيان، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋرونىڭ خەلقئارا سەھىنىدە «ياخشى ئىتتىپاقداشلىرى» تەرىپىدىن ئامېرىكا دوللىرىنى ئىشلىتىش زومىگەرلىك سېستىمىسىدا«بوغۇلۇپ» كەلدى، بۇ پۇل-مۇئامىلە ئىگلىك ھوقۇقى بىلەن ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى غايەت زور پەرقنى ئاشكارىلىدى. ياۋرونىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى ئۆستۈرۈشنى ئويلىشىش ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا يەر شارى پۇل-مۇئامىلەنى تەرتىپكە سېلىش تەرتىپىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتىكى سىناق، تاشقى ساھەنىڭ تولۇق دىققەت قىلىشى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئەرزىيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر