باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋېنېزۇئېلا نېفىت شىركىتىنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2019.01.31 15:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئاينىڭ 28-كۈنى ۋېنېزۇئېلانىڭ نېفىت شىركىتىنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ۋېنېزۇئېلا زۇڭتۇڭى نىكۇلاس مادۇروغا بېسىم ئىشلەتتى.

  مادۇرو ئىنكاس قايتۇرۇپ ئامېرىكىنىڭ جازا قوللىنىشى قەبىھ ھەرىكەت، ۋېنېزۇئېلا قانۇن ۋاسىتىسى ئارقىلىق قايتۇرما ھۇجۇم قىلىدۇ دېدى.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى جون بولتۇن بىلەن مالىيە مىنىستىرى ستىفىن مۇنۇچىن مۇشۇ ئاينىڭ 28-كۈنى ئاقساراينىڭ مۇخبىرلار يىغىنىدا جازانى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلا نېفىت شىركىتىنىڭ ئامېرىكا تەۋەسىدىكى مال مۈلۈكىنى توڭلىتىدۇ، بۇ مەزكۇر كارخانىنىڭ ئامېرىكىدىكى نېفىت ئايرىش تارمىقى بولغان سىتگو نېفىت شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋېنېزۇئېلا نېفىت شىركىتى نېفىت ئېكسپورتىدىن ئالغان پايدىسىنى ئامېرىكا كونتروللىقىدىكى ئالاھىدە ھېساباتقا كىرگۈزىدۇ، بۇنى مادۇرو ھۆكۈمىتى ئىشلىتەلمەيدۇ.

  ئىقتىسادنىڭ چۈشكۈنلىشىشى، باشقۇرۇش ياخشى بولماسلىقى قاتارلىق ئامىللار ۋېنېزۇئېلانىڭ نېفىت ئېكسپورتىنى زور دەرىجىدە كېمەيتىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ۋېنېزۇئېلا يەنىلا ئامېرىكىنىڭ 3- ياكى 4- چوڭ نېفىت تەمىنلىگۈچى دۆلىتى. ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇر ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا 2017-يىلى ۋېنېزۇئېلادىن ھەر كۈنى تەخمىنەن 500 مىڭ تۇڭ خام نېفىت ئىمپورت قىلغان، بۇنى 2008-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا كۈنىگە 700 مىڭ تۇڭ ئازايغان.

  بولتۇن مۇنداق دېدى: جازا يولغا قويۇلغاندىن كېيىن مادۇرو ھۆكۈمىتى ۋېنېزۇئېلا نېفىت شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مال مۈلكى ۋە بۇ كارخانا كېلەر يىلى خام نېفىت ئېكېسپورت قىلىشتىن ئېرىشىدىغان 11 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا ئىگە بولالمايدۇ.

  مۇنىچىن مۇنداق دېدى: ۋېنېزۇئېلا نېفىت شىركىتى ئەگەر جازادىن قۇتۇلماقچى بولسا، كارخانىنى تىزگىنلەش ھوقۇقىنى ئامېرىكا قوللىغان ۋېنېزۇئېلادىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تىزلىتىشى كېرەك.

  ۋېنېزۇئېلا ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى، پارلامېنت رەئىسى خۇئان گۇايدو مۇشۇ ئاينىڭ 23-كۈنى ئۆزىنى ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭ دەپ ئاتاپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. مادۇرو شۇكۈنى ئۆكتىچىلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئەيىبلەپ، ئامېرىكا بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئامېرىكا جازالايدىغانلىقىنى جاكارلاپ بىر قانچە سائەتتىن كېيىن، مادۇرو ۋېنېزۇئېلا دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ جازانى يولغا قويۇش ھەرىكىتى قەبىھ ھەرىكەت دەپ ئەيىپىلىدى ھەمدە ۋېنېزۇئېلا ئىنكاس قايتۇرىدۇ، دېدى.

  مادۇرو ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دونالىد تىرامپتىن ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھازىر ۋېنېزۇئېلادىن سىتگو نېفىت شىركىتىنى ئوغرىلىقچە تارتىۋېلىش يولىدا مېڭىشنى قارار قىلدى، ۋېنېزۇئېلا نېفىت شىركىتى قانۇن سىياسىي ۋە سودا تىجارىتى ۋاسىتىسى ئارقىلىق ۋېنېزۇئېلانىڭ ئامېرىكىدىكى مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.

  ئەھۋالدىن خەۋەردار ئۈچ كىشى رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: ۋېنېزۇئېلا نېفىت شىركىتى نېفىت بېسىلغان پاراخوت بىلەن ئامېرىكىغا قاراپ يولغا چىققان سودىگەردىن پاراخوت ۋېنېزۇئېلا پورتىدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى پۇلنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  ۋېنېزۇئېلا نېفىت شىركىتىنىڭ بىر ئۇقۇمۇشلۇق ئەربابى سودا ۋە تەمىنات تارمىقىنىڭ قارارىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر پۇلنى ئالدىن تاپشۇرمىسا، ۋالېرو ئېنېرگىيە شىركىتى، سىتگو نېفىت شىركىتى ۋە شېۋرون نېفىت شىركىتىنىڭ ماي پاراخوتلىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلادىن ئايرىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

  بۇ خەۋەردار ئەرباپ تىلغا ئالغان ئۈچ كارخانا ۋېنېزۇئېلانىڭ خام نېفىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئاساسلىق سېتىۋېلىش سودىگىرى ئىكەن.

  ئامېرىكا مۇشۇ ئاينىڭ 28-كۈنى جازالاشنى جاكارلاشتىن ئىلگىرى، ۋېنېزۇئېلا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى گۇايدو ئۆكتىچىلەر كونترول قىلغان پارلامىنتتىن ۋىنسوئىلا نېفىت شىركىتى ۋە شۇتىك شىركىتىگە ئادەم ئەۋەتىپ، شىركەتنىڭ مۇدىرىيەت كېڭىشىنى قايتىدىن تەشكىللەشنى تەلەپ قىلدى.

  رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيىتقاندا، گۇايدو ئۆزىنى ۋاقىتلىق زوڭتۇڭ دىگەن ھەمدە كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئىتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن مالىيە مەنبەسى ۋە ئارمىيەنى كونتىرول قىلىش ھوقۇقى بولمىغان ئەھۋالدا ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزىشى قېيىن ئىكەن. گۇايدو ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىللىمىدى، ۋېنېزۇئېلا نېفىت شىركىتى ۋە ئۇنىڭ تارمىقىنىڭ يېڭى رەھبەرلىكىنى كۆرىسىتىشتە مۇرەككەپ قانۇن خېرىىسغا يولۇقىدۇ.

  قىسمەن تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا گۇايدو ۋە ۋېنېزۇئېلادىكى ئۆكتىچىلەرنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە گۇايدو ھۆكۈمىتىگە مەشغۇلات بوشلىقى يارىتىپ بېرىدۇ، بىراق ۋېنېزۇئېلا نېفىت شىركىتى ۋە ئۇنىڭ تارماق شىركىتىنىڭ يېڭى مۇدىرىيەت كېڭىشىنى تەشكىللەشكە تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت كىتىشى مۇمكىن.

  مەسلىھەت بېرىش ئورگنى بولغان بېرىكلى تەتقىقات گۇرۇھىنىڭ لاتىن ئامېرىكا تەتىقاتى مەسئۇلى فىرانك خورد مۇنداق دەپ قارىدى: گۇايدونىڭ ئانا شىركەتنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپلىق قىلغان ئەھۋالدا سىتگو شىركىىتنىڭ يېڭى رەھبىرىنى تەيىنلىشى قىيىن. بىراق ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيىتقاندا گۇايدو بۇنى جەزمەن قىلالايدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر