باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كومپارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى رۇەن فۇجوڭ بىلەن ئۆز ئارا چاغانلىق تەبرىك خېتى يوللاشتى

2019.01.30 13:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇشۇ ئاينىڭ 28-كۈنى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتىتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن ئۆزئارا چاغانلىق تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مەن جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، خەلقى ھەمدە شەخسەن ئۆز نامىدىن، سىزگە ھەم سىز ئارقىلىق ۋىيېتنام پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، خەلقىگە چاغانلىق سەمىمىي سالام يوللايمەن ۋە بەخت تىلەيمەن. 2018ـيىلى جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسېۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. بۇ 10 يىلدا، بىز جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر-بىرىنى قوللاپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىرلىكتە تۈرتكە بولدۇق. بىز ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كەلگۈسىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كەڭ نەزەر بىلەن پىلانلاپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ھەمكارلىشىش جەريانىدىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭگو - ۋىيېتنام دوستلۇقىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرشىمىز كېرەك. چاغان يېڭى باشلىنىش. مەن ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ چوقۇم يېڭى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈردىغانلىقىغا قەتئى ئىشىنىمەن.

  رۇەن فۇجۇڭ تەبرىك خېتىدە ۋىيېتنام پارتىيەسى، دۆلىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن، شۇنداقلا ئۆز نامىدىن، باش شۇجى شى جىنپىڭغا ھەمدە جۇڭگو پارتىيەسى، دۆلىتى ۋە خەلقىگە چاغانلىق گۈزەل يېڭى يىللىق تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. رۈەن فۇجۇڭ مۇنداق دېدى: 2018-يىلى، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرى، ھەر قايسى تارماقلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگو پارتىيەسى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ۋە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. 2019-يىلدا، مەن يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى قاتلىمىدىكىلىرى، ھەرقايسى تارماقلىرى ۋە يەرلىكلىرگە بولغان يېتەكچىلىكنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ھاسىل قىلىنغان تۈرلۈك نەتىجىلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلاملارنىڭ ئۆز ئارا زىيارىتىنى ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقدا ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنى خالايمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر