- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى
سانائەت قوشۇلما قىممىتى تۇنجى قېتىم 30 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى
2019.01.30 15:19 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مياۋ يۈ مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: «2018-يىلى سانائەت ئىقتىسادى يۈرگۈزۈلۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، سانائەت قوشۇلما قىممىتى تۇنجى قېتىم 30 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئۇچۇر-خەۋەرلىشىش كەسپى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى.»
ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. 2018-يىلى مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 6.2 ئېشىپ، يېقىنقى ئۈچ يىلدىكى ئوتتۇرىچە ئېشىش دائىرىسى ئىچىدە ساقلىنىپ، پۈتۈن يىللىق كۆزلىمىگە ئۇيغۇنلاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، كۆلەمدىن يۇقىرى ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 6.5 ئېشىپ، ئومۇمىي سانائەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولدى، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلەشتى. 2017-يىلى پايدىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئەھۋالدا، 2018-يىللىق مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرى ئەمەلگە ئاشۇرغان پايدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 10.3 ئېشىپ، % 6.2 لىك قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن تېز بولدى، بۇ ھال ئۈنۈمنى ياخشىلاش ئەھۋالى قىممەت مىقدارىنىڭ ئېشىشىدىن ياخشى بولغانلىقىنى چۈشەندۈردى. سانائەتكە سېلىنغان مەبلەغ مۇقىم ئۆرلىدى، 2018-يىلى سانائەت سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 6.5 ئېشىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 2.9 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى.
مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى. 2018-يىلى 30 مىليون توننا پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش ۋەزىپىسى ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى. يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ تىرەكلىك رولى ئۈزلۈكسىز زورايدى. 2018-يىلى يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق كەسپى، جابدۇق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم % 11.7 ۋە % 8.1 ئېشىپ، % 6.2 لىك ئومۇمىي سانائەت ئېشىش سۈرئىتىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولدى. ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. بۇلتۇر ياسىمىچىلىقتا ئەمەلىي پايدىلىنىلغان تاشقى مەبلەغ 41 مىليارد 200 مىليون دوللارغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %22.9 ئېشىپ، بارلىق چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ % 30.5 نى ئىگىلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر