باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن

2019.01.30 10:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  
  1-ئاينىڭ 16-كۈنى، شاۋكەت ئىمىن ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەرمەكتە.(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

  ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر:

  مەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، يىغىنغا خىزمىتىمىزدىن دوكلات بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى سورايمەن.

  2018-يىلىدىكى ئاساسلىق خىزمەتلەر

  2018-يىلى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى باشلىنىش يىلى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە مۇھىم، زور باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقى ساقلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدا سىجىل قويۇپ بېرىلدى، ئىقتىساد تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدى، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى، تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك ئالغا باستى.

  بۇلتۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان تۇنجى يىل. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە دائىمىي كومىتېت شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشنى «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش، پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىن باشلاپ، قەدەمنى ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، تونۇشنى ئۆستۈرۈش، قابىلىيەتنى ئاشۇرۇش، ئىستىلنى ياخشىلاشتىن باشلاپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، كۆپ نۇقتىدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ، مۇشۇ نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەتلىرىدە ياخشى باشلىنىش ۋەزىيىتى يارىتىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرگە پۇختا ئاساس سېلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ئاكتىپ تۆھپە قوشتۇق.

  بىر يىلدىن بۇيان، سەككىز قېتىم دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئاچتۇق. ئاپتونوم رايون نىزامىدىن 20نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدۇق، قارار- بېكىتمىدىن بەشنى چىقاردۇق، ئوبلاست، شەھەر نىزامىدىن 14نى، ئاپتونوم ناھىيە يەككە نىزامىدىن بىرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىدۇق، نىزام چىقىرىش رىتىمى تېز، سالمىقى زور، ئۈنۈمى ياخشى بولدى. خىزمەت دوكلاتىدىن 22 نى ئاڭلىدۇق، قاراپ چىقتۇق، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى سەككىز قېتىم، ۋەكىللەرنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشى ۋە مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىنى 16 قېتىم قانات يايدۇردۇق، مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراشنى بىر قېتىم ئېلىپ باردۇق، قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتتىن 144نى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈردۇق، نازارەتچىلىك تېخىمۇ چىڭىدى، سالماق تېخىمۇ زورايدى، ئۈنۈم تېخىمۇ ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت ئورگىنى خىزمەتچى خادىمىدىن 622نى تەيىنلەش-قالدۇرۇشنى بېكىتتۇق ۋە تەستىقلىدۇق.

  1. توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتۇق

  پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكى، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى. دائىمىي كومىتېت قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇشى، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق بولۇشى، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشىغا پايدىلىق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.

  (1) قەتئىي، كەسكىن ھالدا پارتىيە رەھبەرلىكىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈردۇق. «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، باشتىن- ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، شىنجاڭ پايتەختىمىز بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، ئەمما قەلبىمىزنىڭ باشتىن-ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن زىچ تۇتاشقان، چەمبەرچاس باغلانغانلىقىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى تۈپ تەلەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىپ، سىياسىي مەيداندا مەھكەم چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىش، تەھلىل قىلىشتا سىياسىي ئامىلنى ئىگىلەش، خىزمەتلەرنى پىلانلاش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشتا سىياسىي تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، ھەل قىلىشتا سىياسىي خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردۇق. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالدىنقى شەرت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىزچىللاشتۇردۇق، ئەمەلىيلەشتۈردۇق، 50 قېتىم دائىمىي كومىتېت پارتگۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، يوليورۇقى، تەستىقلىرىنىڭ روھىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ۋاقتىدا يەتكۈزدۇق، ئۆگەندۇق، ئىزچىللاشتۇردۇق. يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا خىزمىتىمىزنى قەرەللىك دوكلات قىلدۇق، مۇھىم، زور مەسىلىلەر ۋە مۇھىم ئىشلاردا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يوليورۇق سورىدۇق.

  (2) شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندۇق، ئىزچىللاشتۇردۇق. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشىپ كۈچ سەرپ قىلدۇق. دائىمىي كومىتېت پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى قوزغىدۇق. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى خىزمەتلەرگە سىڭدۈردۇق، ئىش ئورنىدا ئەمەلىيلەشتۈردۇق، ھەرىكىتىمىزدە نامايان قىلدۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يەرلىك دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنىلىق رولىمىزنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇردۇق.

  (3) يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇردۇق، ئەمەلىيلەشتۈردۇق. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى باش پىروگرامما، يادرولۇق ۋەزىپە، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى باش نىشاننى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا پىلانلاپ، قانات يايدۇرۇپ، ئالغا سىلجىتىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمىنى ئۆلچەيدىغان باش ئۆلچەم قىلىپ، ھەقىقىي تۇتىدىغان غەيرەت، دادىل تۇتىدىغان جاسارەت، ماھىرلىق بىلەن تۇتىدىغان پاراسەت، دائىم تۇتىدىغان چىدامچانلىق بىلەن، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ سىجىل مۇقىملىقىغا، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشتۇق. مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز ئادەم يوق دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ھاياتىمىز دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى سىجىل، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي مېلودىيە ۋە ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ كۈچلۈك داغدۇغىسىنى داۋاملاشتۇردۇق. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئۇنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، تەشكىللەش سالمىقىنى زورايتىپ، مېخانىزم، تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پائال ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، كادىرلارنى بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشنى مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە نامايان قىلىشقا ئۈنۈملۈك رىغبەتلەندۈردۇق. «ئىككى پان» ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىدە قانۇن-نىزاملارنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىدىكى تەرجىمىسى توغرا بولماسلىق، قېلىپلاشماسلىق مەسىلىسىگە قارىتا، ئومۇميۈزلۈك ئوقۇپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردۇق، ھازىرغىچە 81 قانۇن-نىزامنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى، 40 قانۇن-نىزامنىڭ قازاقچە تەرجىمىسىنى ئوقۇپ تەكشۈرۈشنى تاماملىدۇق.

  (4) پارتىيەنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى پىلانلىدۇق. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئورنىنى توغرا تېپىپ، خىزمەت يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت پىكىر يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش مۇسابىقىسىدە ياخشى يۈگۈردۇق، يېڭى دەۋرنىڭ ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى ماڭدۇق. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە قارىتا، «بەشنى پۇختا ئىگىلەش»، يەنى پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور سىياسىي پىرىنسىپنى پۇختا ئىگىلەش، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت ئورگىنىلىق توغرا ئورنىنى پۇختا ئىگىلەش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ماھىيىتى ۋە يادروسىنى پۇختا ئىگىلەش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بۇ ئاساسىي تەدبىرىنى پۇختا ئىگىلەش، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدىن ئىبارەت دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ تەشكىلىي پىرىنسىپى ۋە پائالىيەت مىزانىنى پۇختا ئىگىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدۇق. يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا، «بەشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش»، يەنى يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ پىرىنسىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئۇسۇلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كونكرېت تەدبىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ چىقتۇق. ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە قارىتا، ئاساسىي پىكىر يولىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، يەنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى باش پىروگرامما، پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى نېگىز، نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتىنى مۇھىم نۇقتا، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى كاپالەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى تونۇشتا يېڭى يۈكسىلىش بولۇش، كادىرلار قوشۇنىدا يېڭى قىياپەت بولۇش، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشتا يېڭى نەتىجە بولۇش، ھەرقايسى جەھەتلەردە يېڭى كەيپىيات بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت.

  2. دىققەتنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىدە يېڭى قەدەم تاشلىدۇق

  قانۇن دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم قورال، ياخشى قانۇن ئوبدان ئىدارە قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. دائىمىي كومىتېت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن چىقىرىش خىزمىتى يىغىنى، 24-قېتىملىق مەملىكەتلىك يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى نىزام چىقىرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجە ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى دەۋردىكى نىزام چىقىرىش خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى سەھىپە پۈتتۇق.

  (1) نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ چىقتۇق. يېڭى دەۋرگە، يېڭى تەلەپكە ئۇيغۇنلىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، دىققەتنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، قايتا- قايتا دەلىللەش، كېڭىشىش، كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئېلىش ئاساسىدا، ئەمەلىيەت ئېھتىياجىنى مەۋقە قىلىپ، نىزام چىقىرىش مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇھىملىقى ۋە جىددىيلىكىنى پەرقلەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانى (2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە)نى تۈزۈپ ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن تارقىتىپ، بەش يىللىق نىزام چىقىرىش تۈرى ۋە نىزام چىقىرىش خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ بىرتۇتاشلىقى، قاراتمىلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە نىزام، تۈزۈم ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدۇق، قانۇنچىللىق كۈچى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدۇق.

  (2) تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ساھەسىدىكى نىزام چىقىرىشنى گەۋدىلەندۈردۇق. مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى بىرىكمە مۇشتنى چۆرىدەپ نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدىدۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسىگە، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ھەم خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللاپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا توغرىلىقى، ئۈنۈملۈكلۈكى ئىسپاتلانغان سىياسەت-تەدبىرلەرنى نىزام، بەلگىلىمە يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە ئايلاندۇرۇپ، قانۇنچىللىق ۋاسىتىسى ئارقىلىق خىزمەت نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى ۋە پوچتا نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە يوللانما يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكىنى قوغدىدۇق.

  (3) ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ساھەسىدىكى نىزام چىقىرىشنى گەۋدىلەندۈردۇق. زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۆۋەن چېكى ۋە بەلگىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش توغرىسىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چۆرىدەپ نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تىرىشىپ قانۇنچىللىق تىرىكىگە ئىگە قىلدۇق. يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزى خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا قارار چىقاردۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلاردىكى نامراتلارنى يۆلەش- روناق تاپقۇزۇش نىزامىنى چىقىرىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش ئىزىغا سېلىپ، دەل جايىدا نامراتلارنى يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش نىزامىنى چىقاردۇق، ئاپتونوم رايوننىڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزدۇق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا قانۇن بويىچە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا قارار، دۆلەتنىڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى نىزاملىرى بىلەن بىردەك بولمىغان يەرلىك نىزام ۋە يەككە نىزاملاردىكى مۇناسىۋەتلىك ماددا-تارماقلارنى تەتبىقلاشنى توختىتىش توغرىسىدا قارار چىقىرىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا دائىر يەرلىك نىزاملارنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى تاماملاپ، ئەڭ قاتتىق تۈزۈم، ئەڭ پۇختا قانۇنچىللىق تەدبىرى ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسرىدۇق.

  (4) نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردۇق. «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيەنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ماسلاشتۇرۇش چارىسى، نىزام چىقىرىش خىزمەت قائىدىسى، نىزامنى تەستىقلىتىشقا يوللاش قائىدىسى قاتارلىق تۈزۈملەرنى تۈزۈپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، خەلق قۇرۇلتىيى يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت تايانچ بولىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر قاتنىشىدىغان نىزام چىقىرىش خىزمەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدۇق، مۇكەممەللەشتۈردۇق. «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى يىرىك پىلانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى»نى تۈزۈپ، يەرلىك نىزامدا دۆلەتنىڭ قىممەت نىشانى، جەمئىيەتنىڭ قىممەت يۈزلىنىشى، پۇقرالارنىڭ قىممەت مىزانىنى تىرىشىپ تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلدۇق. نىزام چىقىرىش تەدبىرى بىلەن ئىسلاھات تەدبىرىنى جىپسىلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نىزام چىقىرىشتا ئىسلاھات-تەرەققىيات ئېھتىياجىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، مۇھىم، زور ئىسلاھاتلارنىڭ قانۇن ئاساسى بولۇشى، ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم نىزاملارنى باش بولۇپ تەييارلىشى ۋە تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، نىزام چىقىرىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ يەرلىك ئالاھىدىلىك جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۈنۈملۈك، ئەسقاتىدىغان بولۇش جەھەتتە باش قاتۇرۇپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق.

  3. دىققەتنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنى تېخىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈردۇق

  خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. دائىمىي كومىتېت ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەتچىلىك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدۇق، ئاساسىي قانۇن، قانۇن- نىزاملارنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولدۇق.

  (1) ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، يولغا قويۇشنى كۈچەيتتۇق. ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى ئاساسىي قانۇننى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرىنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي قانۇن قارىشىنى كۈچەيتتۇق. ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «تۇغقىنىم بىلەن ئاساسىي قانۇن ئۆگىنىمەن» پائالىيىتىنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈردۇق، خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدۇردۇق. ئاساسىي قانۇننىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇنى يولغا قويۇشتا، دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسىنى قايتا تۈزۈپ، ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، يولغا قويۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاساسىي قانۇننى تۈپ ئاساس قىلىپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى ئالغا سىلجىتتۇق.

  (2) مۇقىملىق خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتتۇق. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىمىزگە پۈكۈش، قولىمىزدا تۇتۇش، ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك نازارەتچىلىك خىزمىتىگە سىڭدۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى بىرىكمە مۇشت تەدبىرىنىڭ ھەقىقىي، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدۇق. «ئىدېئولوگىيەنى ياخشى تۇتۇش» ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىزامىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشى تۇتۇش» ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، پائالىيەتنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشى، تېخىمۇ نەتىجە-ئۈنۈم بېرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. «ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش» ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، گوۋۇيۈەننىڭ ئەرزىيەت نىزامىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ ئاممىنىڭ مۇۋاپىق دەۋا تەلەپلىرىنى ياخشى ھەل قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش جەريانىنى ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش جەريانىغا ئايلاندۇردۇق. «نۇقتىلىق ساھەلەرنى باشقۇرۇش» ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ھەمدەم بولۇپ، پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي ياخشى قوغدىدۇق.

  (3) ئىقتىساد ۋە خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتتۇق. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاش دوكلاتى، پىلان ۋە خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى ھەم ئىقتىسادىي تەپتىشلىكتە تەكشۈرۈپ تېپىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتۇق، قاراپ چىقتۇق، ئاپتونوم رايوننىڭ 2017-يىللىق نەق چوتىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خامچوتنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش مۇھىم نۇقتىسىنى چىقىم خامچوتى ۋە سىياسىتىگىچە كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولدۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تۇنجى قېتىم ئاڭلاپ ئۆتتۇق ۋە قاراپ چىقتۇق. بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش جەھەتتە پۇختا قەدەم تاشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، توققۇز تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەلقنى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ كاپالەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا تىرىشىپ ئىگە قىلدۇق. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خىزمىتىدىكى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ۋەكىللەرنى ئىز قوغلاپ كۆزدىن كەچۈرۈشكە ھەم مەخسۇس سوئال سوراشقا تۇنجى قېتىم ئۇيۇشتۇرۇپ، «بىر سوئالغا بىر جاۋاب» بېرىش داۋامىدا، خەلق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولدۇق. كەسپىي دوختۇرلار قانۇنى ۋە كارخانا مائاشىنى كوللېكتىپ كېڭىشىش نىزامىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتى ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدۇق. سوت مەھكىمىسىنىڭ «ئىجرا قىلىش تەس بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋاسى ۋە ئىجرا پائالىيىتىدە قانۇن نازارەتچىلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتۇق ۋە قاراپ چىقتۇق.

  (4) ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە ئۈچ نۇقتىلىق خىزمەتكە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتتۇق. زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە باش جەڭ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەكىللەرنى يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزى خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش بويىچە كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەشكىللەپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سىستېمىلىق خەۋپ- خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلىشىغا تۈرتكە بولدۇق. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشى، ئۇنى ياخشى قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمەت نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. ئېكولوگىيەنى ئاسراشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، مۇزلۇق، قارلىقلارنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق، دېگەن مۇھىم تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، 2018-يىللىق تىيانشان مۇھىت ئاسراش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ قانات يايدۇردۇق، شىنجاڭنىڭ مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانى (2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە)نى تۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، 2018-يىللىق مۇھىت ئەھۋالى ۋە مۇھىت ئاسراش نىشانىغا يېتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتۇق، قاراپ چىقتۇق. ۋەكىللەرنى تەشكىللەپ ئالتۇنتاغ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، تارىم توغراقلىق تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ھەمدە ئاپتونوم رايوننىڭ 2-قېتىملىق مەملىكەتلىك بۇلغىما مەنبەسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشتۇق. يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يېڭى دەۋردىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىدىكى باش تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ يولغا قويۇش چارىسىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانلارنى ئومۇميۈزلۈك روناق تاپقۇزۇشنى ئىلگىرى سۈردۇق. ساياھەتچىلىكنى شىنجاڭدىكى تەرەققىيات ئەۋزەللىكى ئەڭ زور، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور بولغان يېشىل كەسىپ، خەلقنى بېيىتىش كەسپى، ئىستىقباللىق كەسىپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلىك خىزمىتى ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ، قاراپ چىقىپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولدۇق. ئىسلاھاتتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ھاسىل قىلىش، ئېچىۋېتىشتىن ھاياتىي كۈچ ھاسىل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ ئىسلاھات چارىسى، ئېچىۋېتىش ۋاسىتىسى، بازار مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدۇق.

  (5) نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇردۇق. پارتىيە رەھبەرلىكىنى خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىكىدە جەزمەن ئەمەل قىلىدىغان سىياسىي پىرىنسىپ قىلىش، خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىكىدە جەزمەن ئەمەل قىلىدىغان قانۇنچىلىق پىرىنسىپى قىلىش، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىكىدە جەزمەن ئەمەل قىلىدىغان تەشكىلىي پىرىنسىپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، ۋەكىللەر كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتى قائىدىسىنى تۈزۈپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنىڭ «قانۇن جەھەتتە كۆزىتىش» رولىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەت نازارەتچىلىكى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراشنى قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىكىنى تىرىشىپ تېخىمۇ كۈچەيتتۇق، ئەمەلىي ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئاشۇردۇق.

  4. دىققەتنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنى يەنىمۇ كېڭەيتتۇق

  خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ۋە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇشىنىڭ ئاچقۇچى ئۇنىڭ خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقىدا. دائىمىي كومىتېت ۋەكىللەرنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىش، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئاساسى ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ تەلىپى بويىچە، ۋەكىللەر خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق.

  (1) «ئىككى ئالاقىلىشىش»نى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتۇق. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن ئالاقىلىشىش خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئامما بىلەن ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىرنى چىقىرىپ، «ئىككى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش»نى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن ئالاقىلىشىش، خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، پىكىر-تەۋسىيەلەرنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارغا ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇپ، خەلقنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلدۇق.

  (2) ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردۇق. ۋەكىللەرنى ئۆگىنىش، تەربىيەلەشكە تەشكىللەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش بويىچە ئىككى قېتىم تەربىيەلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدىن تۆت قارار ئېچىپ، ۋەكىللەرنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان تۇنجى يىلىلا ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەپ، تەربىيەلەشنى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش»تىكى ماي قاچىلاش پونكىتىغا ئايلاندۇرۇپلا قالماستىن، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم سۇپىغا ئايلاندۇردۇق.

  (3) تەكلىپ، تەۋسىيەلەرنى بېجىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتتۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى ۋە تەۋسىيە، تەنقىد، پىكىرلىرىنى بېجىرىش قائىدىسىنى چىقىرىپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ، تەۋسىيەلىرىنى بېجىرىش خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتۇق. ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ، تەۋسىيەلىرىنى بېجىرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يۇقىرى قاتلامدىن ئالغا سىلجىتىپ، بېجىرىشكە ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتتۇق. ھازىر، ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋەكىللەر تەكلىپىدىن 11 نى، ۋەكىللەر تەۋسىيەسى، تەنقىدى ۋە پىكرىدىن 459نى تولۇق بېجىرىپ بولدۇق، ۋەكىللەرنىڭ رازى بولۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئۆرلىدى.

  (4) ۋەكىللەرنىڭ رولىنى كۈچەپ جارى قىلدۇردۇق. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ يىغىن يېپىق مەزگىلدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى قوللاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىرنى چىقىرىپ، ۋەكىللەر دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ دائىمىي كومىتېت ۋە مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ خىزمىتىگە قاتنىشىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتتۇق ۋە چوڭقۇرلاشتۇردۇق. مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ۋەكىللەرنىڭ دائىمىي كومىتېت خىزمىتىگە بەرگەن پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدۇق. بارلىق ۋەكىللەر ۋەزىپە، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە تولۇق ئادا قىلىپ، ئۈلگىلىك رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات خىزمىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى باشلامچىلىق بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  5. دىققەتنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزدا يېڭى نەتىجە- ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈردۇق

  يېڭى دەۋر خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويدى، ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، ئۆز قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ۋە ئۇل خىزمىتى. دائىمىي كومىتېت ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى پۇختا كۆزلەپ، يەكۈنلەش، ۋارىسلىق قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، كۆزىتىش ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى ئۆتكۈر شەمشەردىن ھەقىقىي ياخشى پايدىلىنىپ، تىرىشىپ ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنىڭ يېڭى نەتىجە- ئۈنۈمى ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق.

  (1) خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتۇق. خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك، دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى تۇنجى قېتىم ئاچتۇق، دائىمىي كومىتېت پارتگۇرۇپپىسى پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى كۈچەيتتۇق. بايرىقىمىز روشەن ھالدا پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش ئورۇنغا قويۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىدا پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشى، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق قوشۇننى يېتەكلەش، خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ياخشى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردۇق.

  (2) خىزمەت ئىقتىدارىمىزنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردۇق. سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان بولۇش بىلەن ماھارىتى كۈچلۈك بولۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئۆگىنىش، تەربىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى رەئىسلىرى ۋە كوچا باشقارمىسى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى مۇدىرلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىنى تۇنجى قېتىم ئېچىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئىدىيەۋى ئاساس سالدۇق. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا توغرىلىنىپ، ئالاقىلىشىش- پىكىر ئالماشتۇرۇش، يوليورۇق سوراش- دوكلات قىلىش، ئۆگىنىش-ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتتۇق. مەخسۇس كومىتېتلار مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، خىزمەتنى ئاكتىپ ئىشلەپ، مەسلىھەت بېرىش، مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇردى. خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن ئوبدان كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەپ تۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنىڭ جۇشقۇنلۇقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئىش قىلىش، نەتىجە يارىتىشقا يەنىمۇ مۇجەسسەملىدۇق. نەزەرىيە تەتقىقاتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى نەزەرىيە تەتقىقات جەمئىيىتى قۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا خەلق قۇرۇلتىيى نەزەرىيە تەتقىقاتى ئاپپاراتى بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇردۇق. خىزمەتنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەمىزنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تور بېكىتى ۋە تور سۇپىسىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق.

  (3) كادىرلار ئىستىلىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدۇق. «پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئەمەس» «كادىرلار ئىستىلدا ئەمەلىي بولماسلىق ئەڭ چوڭ دۈشمەن» دېگەن ئىلمىي ھۆكۈمنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىستىلنى توختىماستىن ياخشىلاپ ۋە ئۆزگەرتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرىغا سىياسىي جەھەتتە زېرەك ئادەم بولۇش، ئۆگىنىشتە ئاڭلىق ئادەم بولۇش، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتچان ئادەم بولۇش، ئىستىلدا سەمىمىي ئادەم بولۇش، پاكلىق جەھەتتە پاكىز ئادەم بولۇش، خەلقنىڭ غەمگۈزارى بولۇش جەھەتتە تەربىيە بېرىپ، دائىمىي كومىتېت ئورگىنىدىكى كادىرلار قوشۇنى ئارىسىدا يېپيېڭى قىياپەتنى بارلىققا كەلتۈردۇق. خەلق ئاممىسىنى دائىمىي كومىتېتنىڭ نازارەتچى خادىملىقىغا تۇنجى قېتىم تەكلىپ قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ نازارىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلدۇق.

  (4) مېخانىزم تۈزۈمىنى ئورناتتۇق ۋە مۇكەممەللەشتۈردۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. چىقىرىش، تۈزىتىش، بىكار قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دائىمىي كومىتېت قۇرۇلۇشىغا دائىر نىزام ۋە ئورگان خىزمىتىگە دائىر تۈزۈمدىن 66 نى چىقىرىپ ۋە ئۆزگەرتىپ، ئىلمىي بولغان، ئەسقاتىدىغان تۈزۈم سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، تۈزۈمنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئىلمىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتتۇق.

  (5) خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتتۇق. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى تەجرىبىلىرى بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، ۋەكىللەر كۆزدىن كەچۈرۈش، مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ھەمكارلىشىپ ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە خەلق قۇرۇلتىيى سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق.

  بۇلتۇر دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدە ئېرىشكەن بۇ نەتىجىلەر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدىن كەلگەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدىن كەلگەن، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ۋە خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرىنىڭ خىزمەتنى پۇختا ئىشلىگەنلىكىدىن كەلگەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، رېۋېزىيە كومىتېتى، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ قوللىغانلىقىدىن، ماسلاشقانلىقىدىن كەلگەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، كۆپچىلىككە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن ۋە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

  بىر يىللىق خىزمەتلەرنى ئەسلەپ، شۇنداق چوڭقۇر تەسىراتقا كەلدۇقكى، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش شەرت؛ پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە زىچ باغلاش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە-قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا زىچ باغلاش، خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىم، زور ئىشلارغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا زىچ باغلاش شەرت؛ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈش شەرت؛ خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ئارقىلىق دۆلەت ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش شەرت؛ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىپ، قانۇنچىل شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش شەرت؛ دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت ھوقۇقىنى كوللېكتىپ يۈرگۈزۈش، مەسىلىلەرنى كوللېكتىپ قارار قىلىش شەرت.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدە يەنە بەزى يېتەرسىزلىك ۋە مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتىدۇ. ئاساسلىقى مۇنۇلار: نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؛ نازارەتچىلىك خىزمىتىدە ئۈنۈمنى ئىز قوغلاپ سۈرۈشتۈرۈش سالمىقى دېگەندەك كۈچلۈك ئەمەس؛ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش سۇپىسى قۇرۇلۇشى ۋە مۇلازىمەت، كاپالەت خىزمىتى يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس؛ ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى ۋە قۇرۇلۇشى يەنىلا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدىكى ئاجىز ھالقا؛ خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ مەسىلىلەرنى تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ ھەقىقىي ھەل قىلىمىز.

  2019-يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى

  2019-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل، ئاپتونوم رايون ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم بىر يىل، شۇنداقلا يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا دائىمىي كومىتېت تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، بۇ يىلقى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. دائىمىي كومىتېت قايتا جابدۇنۇپ خىزمەتكە ئاتلىنىپ، نىشاننى كۆزلەپ، غەيرەت بىلەن ئىشلەيمىز، خىزمەت ئومۇمىي تەلىپى مۇنداق: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى پۇختا ئىگىلەش» ۋە «بەشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، نازارەتچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، مۇقىملىق بىلەن تەرەققىياتتا قوش مول ھوسۇل ئېلىش، قوش غەلىبە قازىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىتتىپاق-ئىناق، ئاۋات-باي، مەدەنىي-ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش.

  1. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشى توغرا، مول ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز

  پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە پەن- مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ھەرتەرەپ، ھەرساھەلەردە، پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئارقىلىق پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ھەقىقىي راۋانلاشتۇرۇش، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش−خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە، مول ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا پارتىيە ۋە خەلق خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا يۈكلىگەن بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت. بىرىنچىدىن، بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىمىز. «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يادرونى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىپ، يادرونى قوغداپ، يادروغا بويسۇنۇپ، يادروغا يېقىندىن ئەگىشىپ، يادرونى ھىمايە قىلىپ، يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇپ، شىنجاڭ پايتەختىمىز بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، ئەمما قەلبىمىزنىڭ باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن زىچ تۇتاشقان، چەمبەرچاس باغلانغانلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەمر-پەرمانلىرى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنىمىز. سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، مۇتلەق سادىق بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مۇتلەق سادىق بولۇشتا نامايان قىلىمىز، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقلىرىنىڭ روھىنى قەتئىي، كەسكىن ھالدا ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشتا نامايان قىلىمىز، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى شىنجاڭدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇشقا كاپالەتلىك قىلىشتا گەۋدىلەندۈرىمىز. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق مۇھىم، زور سىياسىي پىرىنسىپ مەسىلىسىدە باشتىن-ئاخىر بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم، تونۇشىمىز بىردەك، ئىچى-تېشىمىز ئوخشاش، پوزىتسىيەمىز قەتئىي، قەدىمىمىز بىردەك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چاقىدىغان كۆپكە زىيان سالىدىغان زىيانداشلارنى قەتئىي يوقىتىمىز، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي يوقىتىمىز. ئىككىنچىدىن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرىمىز. ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىمىز، دائىمىي كومىتېت پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىنى يېتەكچى، دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا كوللېكتىپ ئۆگىنىش، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرى ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كۈندىلىك خىزمەتكە سىڭدۈرۈپ، دائىم تۇتۇپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، پۇختىلايمىز، قەلبكە سىڭدۈرىمىز، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، بۇ ئىلمىي نەزەرىيەدىكى ئاساسىي نۇقتىئىنەزەر، نەزەرىيە سىستېمىسىنى تولۇق ئىگىلەيمىز. يېتىشىپ ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ يېڭى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋاقتىدا ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرىمىز. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى ئاشۇرۇپ، ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز. ئۈچىنچىدىن، پارتىيەنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم-كوتسىز ئىزچىللاشتۇرىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە، مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدە قىلىپ، مۇھىم رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى، خىزمەت مەسئۇلىيىتى قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان، ئاخىرقى قارار چىقىرىدىغان نوپۇزىنى قوغدايمىز. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قىلچە تەۋرەنمەي ئۇزاققىچە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ھەر ۋاقىت قەلبىمىزگە پۈكۈپ، باش نىشاننى زىممىمىزگە ئېلىپ، باش نىشاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق خىزمەتلەردە باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالدىنقى شەرت قىلىمىز، ھەممىدە باش نىشانغا بويسۇنىمىز ۋە مۇلازىمەت قىلىمىز. تەستە قولغا كەلگەن مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ سىجىل، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. مەركەزنىڭ ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، سىياسەتتىكى يېڭىلىق يارىتىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، مۇقىملىقنىڭ پايدىسى، ئەلرايىنىڭ مۇجەسسەملىنىشىدىن ئىبارەت «بەش چوڭ پۇرسەت»نى چىڭ تۇتۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئاشۇرۇش، راۋانلاشتۇرۇش» فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بېجىرىشكە تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ياخشى ئورۇنداپ، دائىمىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» قاتارلىق خىزمەتلىرىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز.

  2. نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىمىز

  شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش شىنجاڭنى ئىتتىپاق، مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە قۇرۇشنىڭ ئاساسى ۋە ئالدىنقى شەرتى، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرىدۇ، شۇڭا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىشتا ئالدىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، نىزام چىقىرىشنىڭ باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قېلىپلاشتۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش، يېتەكلەش ۋە تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش شەرت. بىرىنچىدىن، نىزام چىقىرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. پارتىيەنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتى مېخانىزمى، تۈزۈمى ۋە تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىقىرىلغان نىزامنىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنىڭ روھىغا ئۇيغۇن كېلىشىگە، ئۇنىڭدا پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى ئىپادىلەش، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. ئىككىنچىدىن، نىزام چىقىرىشتا مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرىمىز. نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا قانات يايدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى نىزام چىقىرىشقا سىڭدۈرۈپ، چىقىرىش، تۈزىتىش، بىكار قىلىشنى تەڭ تۇتۇش ۋە جىددىي ئېھتىياجلىقلىرىنى ئاۋۋال چىقىرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانى ۋە يىللىق نىزام چىقىرىش پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. ئۈچىنچىدىن، نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز. باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى باشتىن- ئاخىر نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم قىلىپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىش، نىزامنى قانۇن بويىچە چىقىرىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يەرلىك ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نىزام چىقىرىشنىڭ قاراتمىلىقى، ۋاقىتچانلىقى، سىستېمىلىقلىقى، مەشغۇلاتچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، چىقىرىلغان نىزامنىڭ پۇت دەسسەپ تۇرالايدىغان، يۈرگۈزگىلى بولىدىغان، ھەقىقىي ئەسقاتىدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ياخشى نىزام ئارقىلىق مۇقىملىقنى قوغدايمىز، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىمىز، ياخشى ئىدارە قىلىشنى كاپالەتلەندۈرىمىز. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نىزام چىقىرىش خىزمەت ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز. تۆتىنچىدىن، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈشتە جىپسىلاشتۇرۇش- ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات ئاڭلاش، ئۇنى قاراپ چىقىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش ئۇچۇر سۇپىسى قۇرۇپ، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش تۈزۈمىنىڭ قاتتىقلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت قانۇن-تۈزۈملىرىنىڭ بىرلىكىنى قوغدايمىز.

  3. نازارەتچىلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولىمىز

  خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىك خىزمەت ھوقۇقى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن، ئۇ ھوقۇق بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مەسئۇلىيەت، شۇڭا پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتكە بىنائەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدە ئىش قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە ئەمەل قىلىپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇش شەرت. بىرىنچىدىن، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، يولغا قويۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئاساسىي قانۇنغا دائىر ئۆگىنىش، تەشۋىقات، تەربىيەنى دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىقنىڭ سادىق ھۆرمەتلىگۈچىلىرى، ئاڭلىق رىئايە قىلغۇچىلىرى، قەتئىي قوغدىغۇچىلىرىغا ئايلاندۇرىمىز. ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، كىتابتىكى ئاساسىي قانۇنغا ھەقىقىي «جان كىرگۈزۈپ» «جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ»، ئۇنىڭ دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز. ئىككىنچىدىن، نازارەتچىلىك سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. سىياسىي جەھەتتىن ئىگىلەش، ئومۇملۇق ئاستىدا ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تولۇق زەنجىرسىمان» نازارەتچىلىك خىزمەت تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشتە جەزمەن قاتتىق بولۇش، نازارەت قىلىشتا جەزمەن كۈچلۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز، ئاساسىي قانۇن، قانۇن-نىزاملارنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ھوقۇقى، رېۋىزىيە قىلىش ھوقۇقى، سوت قىلىش ھوقۇقى، تەپتىش قىلىش ھوقۇقىنىڭ توغرا يۈرگۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز، خەلقنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنىڭ قوغدىلىشى ۋە ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. ئۈچىنچىدىن، نازارەتچىلىكنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىگىلەيمىز. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا زىچ باغلاپ، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، كېسەل مەنبەسىنى ئېنىقلاپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ قانۇن- نىزاملارنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز، ياخشىلايمىز. تۆتىنچىدىن، نازارەتچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرىمىز. توغرا نازارەت قىلىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ھۆكۈمەت، كومىتېت، ئىككى مەھكىمە»نىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلىشنى ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قوللاش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، قوللاشنى نازارەتچىلىككە سىڭدۈرۈپ، خىزمەتنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرىمىز. قانۇن-نىزاملارنى ئۆلچەم قىلىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىدىن پايدىلىنىپ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ نازارەتچىلىكتىكى ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىمىز. قانۇندا بەلگىلەنگەن نازارەتچىلىك شەكلىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەر خىل نازارەتچىلىك شەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نازارەتچىلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرىمىز. ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىشنى نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى قىلىپ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، داۋاملىق كۈچەپ، نۇقتىلىق، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز.

  4. ۋەكىللەر خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلبنى مۇجەسسەملەيمىز، كۈچ توپلايمىز

  خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى مۇھىم كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە، شۇڭا خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەكىللەر خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن خەلقنىڭ قەلبى، ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى توپلاش شەرت. بىرىنچىدىن، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرىمىز. خەلق قۇرۇلتىيى دېگەن سۆزنىڭ ئالدىدا «خەلق» دېگەن سۆزنىڭ بارلىقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنى باشتىن- ئاخىر قەلبىمىزدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، باشتىن- ئاخىر خەلق بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، باشتىن-ئاخىر خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، خەلق ئۈچۈن ھوقۇق يۈرگۈزۈش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىمىز. ئىدىيە جەھەتتە ئاممىغا ھۆرمەت قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتە ئاممىغا يېقىنلىشىش، ھەرىكەت جەھەتتە ئامما ئارىسىغا بېرىش، خىزمەت جەھەتتە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى ئالاقىلىشىش» تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىلىشىش مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئالاقىلىشىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئالاقىلىشىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساداسىغا ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. ئىككىنچىدىن، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرىمىز. ۋەكىللەر مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ دائىمىي كومىتېت خىزمىتىگە قاتنىشىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، قاراپ چىقىش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ، تەۋسىيەلىرىنى بېجىرىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش، ئىلمىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، بېجىرىش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ۋەكىللەرنى ۋە خەلق ئاممىسىنى ھەقىقىي رازى قىلىمىز. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خەلق ئارىسىدىن كېلىش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش، خەلق ئاممىسى بىلەن قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئاممىنى يېتەكلەپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ھەرمىللەت ئاممىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرىمىز. ئۈچىنچىدىن، ۋەكىللەرنىڭ ئىدىيە، سىياسىي، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. ۋەكىللەرنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرنى تەربىيەلەشنىڭ تۈزۈملىشىشى، دائىملىشىشى، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەكىللەرنى سىياسىي قاراش، قانۇنچىللىق قارىشى، ئاممىۋى قاراشنى كۈچەيتىپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈلگىلىك رول ئويناپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىققا يېتەكلەيمىز.

  5. ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى كۈچەيتىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى فۇنكسىيەلىك رولىمىزنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز

  ئاجىز مۈرىدە ئېغىر يۈكنى كۆتۈرگىلى بولمايدۇ. خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە يارىتىمىز دەيدىكەنمىز، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى سىجىل، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنى باشتىن-ئاخىر پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سىياسىي ئورگانغا ئايلاندۇرۇشقا، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئۈستىگە ئالىدىغان خىزمەت ئورگىنىغا ئايلاندۇرۇشقا، خەلق ئاممىسى بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلايدىغان ۋەكىل ئورگانغا ئايلاندۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش شەرت. بىرىنچىدىن، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا تىرىشىپ ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن-ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشتا ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان ئۈلگىلىك ئورگان قۇرۇپ چىقىمىز. ئىككىنچىدىن، خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. «زۆرۈر دەرس»لەرنى ياخشى ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى توغرا، ئېنىق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى پايدىلىنىپ، ئۆزىمىز يېڭى دەۋرگە كىرسەكمۇ، ئىدىيەمىز ۋە ئىقتىدارىمىز يەنىلا ئۆتكەن زاماندا توختاپ قېلىشتەك ئەھۋالنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىمىز. «ئاساسىي ماھارەت»نى ياخشى مەشىق قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەسىلىنى كۆزىتىش ئىقتىدارىمىزنى، ئىشلارنى پىلانلاش ئىقتىدارىمىزنى، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئىقتىدارىمىزنى، ئاساسىي قاتلامغا بېرىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىمىز، ئەل قەلبىنى تېخىمۇ مۇجەسسەملەيمىز، تېخىمۇ نەتىجىلىك- ئۈنۈملۈك قىلىمىز. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكى، قوللىشى ۋە ياردىمىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز. ئۈچىنچىدىن، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىل تىكلەيمىز. مىخ قېقىش روھى بىلەن ئىستىل قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇشنى ياخشى قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە مۇتلەق سادىق بولۇپ، يادروغا يېقىندىن ئەگىشىپ ماڭىمىز، ئۆگىنىش جەھەتتە يۈكسەك ئاڭلىق بولۇپ، كاللىنى قوراللاندۇرىمىز، خىزمەت جەھەتتە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىمىز، ئىستىل جەھەتتە ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيمىز، قۇرۇق ئىشقا بېرىلمەيمىز، پاكلىق جەھەتتە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، تۆۋەن چەكنى ساقلايمىز. ئۆزىمىزنى پارتىيەگە، دۆلەتكە بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، زېھنىمىزنى خىزمەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەقىل- پاراسىتىمىز ئارقىلىق خىزمەتكە تۆھپە قوشۇپ، كۈچىمىزنى خىزمەتكە سەرپ قىلىپ، تەلەپنى يەنىمۇ قاتتىق قويۇپ، روھنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، يەنىمۇ تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، باشتىن- ئاخىر يېتىشىپ مېڭىش، ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئېلىش، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى جانلىق، قالتىس ئىشلەشكە تۈرتكە بولىمىز. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يولغا قويۇش چارىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، «تۆت كەيپىيات» «تۆت خاھىش»نى قەتئىي بوشاشماي تۈزەپ، «ئوننى قىلىش، ئوننى قاتتىق چەكلەش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى ئىستىل ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، ئۈنۈم بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. «ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئەمەس» دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىمىز. تۆتىنچىدىن، ئومۇمىي بىرىكمە كۈچنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز. مېخانىزمنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈزۈمنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىلىشىش-ئالماشتۇرۇش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ۋە خىزمەتتە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى ۋە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىش، تەڭ قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.

  ھەرقايسى ۋەكىللەر، ئۇلۇغ ئارزۇ بىزنى روھلاندۇرماقتا، ئۇلۇغ دەۋر بىزنى ئىلھاملاندۇرماقتا، ئۇلۇغ بۇرچ بىزنى چاقىرماقتا. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلىپى بويىچە، ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم ئىشەنچ، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان غەيرەت، قەتئىي بوشاشمايدىغان كۈچلۈك ئىرادە بىلەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنىڭ نەتىجە- ئۈنۈمى ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالايلى!

  (ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ كاتىبات باشقارمىسى تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلغان)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر