باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

 ئاپتونوم رايون سەپەرۋەرلىك-ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئېچىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى:

كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2019.01.30 16:09         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ۋە «ئۈرۈمچى- سانجى- شىخەنزە» «كۈيتۈن-مايتاغ-شىخو» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى سەپەرۋەرلىك- ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەشتە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت تەھلىل قىلىندى، «ئۈرۈمچى-سانجى-شىخەنزە» «كۈيتۈن-مايتاغ-شىخو» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى ياخشى قىلىش، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ مۇھىت ئاسراش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە ئۇيغۇنلىشىشنىڭ رېئال ئېھتىياجى. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، دەل جايىدا تۇتۇپ، ئىناق، يېشىل، پاكىز، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنى ئىشەنچلىك ھاۋا سۈپىتى كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باشتىن-ئاخىر ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، خىزمەت سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەھۋالىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. لېكىن كۆپ تەرەپلىك ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل، ئېغىر بولماقتا. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق ئورتاق تۈزەش، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆلچەمگە قاتتىق توغرىلىنىپ نىشان بەلگىلەپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى تۇتۇپ، «تارقاق، قالايمىقان، بۇلغانغان» كارخانىلارنى تۈزەش، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش، چاڭ-توزاندىن بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش ۋە ئېغىر بۇلغانغان ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتىكى پەن- تېخنىكا تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، پۇقرالارغا كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، يۇلتۇزلار چاقناپ تۇرغان ئاسماننى قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش» «بىر ئىش ئورنى قوش مەسئۇلىيەت»تە چىڭ تۇرۇپ، «بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ باھالاش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا شىنجاڭنىڭ 2018-يىللىق مۇھىت ئاتموسفېرا سۈپىتى ھەم مۇھىت ئاسراشتىكى چەكلەش خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچلەرنى ئورۇنداش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى، بىڭتۈەن تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ھەم سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى، شىخەنزە شەھىرى، كۈيتۈن-مايتاغ ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى.

  يىغىن تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن جەرۇللا ھېسامىدىن، جاڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى. شىنجاڭ مۇھىت ئاسراش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلار ھەم ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى كارخانىلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر