باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن بىرلىكتە چاغاننى كۈتۈۋالدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلارغا، بىرلىك سەپتىكى كەڭ ئەزالارغا چاغانلىق بەخت تىلىدى، ۋاڭ ياڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

2019.01.30 14:12         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ باش رىتىمى. بىز خىزمەتلەرنى ئىشلىگەندە مۇقىملىق ئارقىلىق ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىمۇ شۇنداق، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىمۇ شۇنداق. دۆلىتىمىزنىڭ 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى ئومۇميۈزلۈك، شۇنداقلا تەدرىجىي ئىلگىرىلەش بولۇپ، تاشنى سىلاپ دەريادىن ئۆتۈپ، ئاۋۋال نۇقتىدا سىناق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەجرىبىگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئاندىن ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلگەن. مانا بۇ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشنىڭ تارىخىي تەجرىبىسى.

  ■بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق روياپقا چىقىرىدىغان، ئورتاق گۈزەل يېڭى دەۋر يارىتىدىغان يېڭى ئۇزۇن سەپەردە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلارنىڭ ئورتاق غايىسى بار، شۇنداقلا ئورتاق مەسئۇلىيىتى بار، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىدا سەھنە كەڭ، ئىستىقبال زور.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لىن خۇي). جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى 2019- يىلى چوشقا يىلىلىق چاغان يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن خۇشال- خۇرام جەم بولۇپ، كاتتا بايرامنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلارغا، بىرلىك سەپتىكى كەڭ ئەزالارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە چاغانلىق بەخت تىلىدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ قاتناشتى.

  جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، جۇڭگو ئىشچى- دېھقانلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن جۇ، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ، «3- سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ ۋە پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى لىن يىفۇ، ۋاڭ مىڭمىڭ قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. تەكلىپ بىلەن قاتناشقانلاردىن يەنە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دۇڭ جيەنخۇا، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ، رەھبەرلىك ئورنىدىن چېكىنگەن ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسلىرى، بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسلىرى بار.

  گاۋ يۈنلۇڭ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2018- يىلى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تاشقى مۇھىتتىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىش ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا قاراپ يېڭى پۇختا قەدەم ئالدى. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ھەمكارلىق ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەش» باش تېما تەربىيە پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كەڭ ئەزالارنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل كۆرسىتىدۇ ۋە كۈچ چىقىرىدۇ.

  گاۋ يۈنلۇڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2018- يىلى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئاجايىپ ئۆزگىچە بىر يىل، شۇنداقلا كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلغان بىر يىل بولدى. چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، بىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇردۇق، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاندى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتى ھەم باشقا ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتلار ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەمىز ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىشلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەت ۋەزىپىلىرى ئورۇندالدى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى داۋاملىق ئاشتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن. بولۇپمۇ بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدۇق، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى، تەجرىبىلىرى، ئىلھاملىرىنى يەكۈنلىدۇق، بىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە بولغان ئىشەنچىمىز تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2018- يىلى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى نۆۋەت ئالماشقاندىن كېيىنكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ باشلىنىش يىلى. بىر يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «1- ماي شوئارى»نى ئېلان قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئەسلىي مەقسىتىگە بولغان تونۇشنى كۈچەيتىپ، ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىي ئۆتكۈزۈپ بېرىش- ئۆتكۈزۈۋېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. كۆپچىلىك پائال چارە- تەدبىر كۆرسىتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى ۋە تەدبىرلەرنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشىنى مۇھىم پايدىلانما بىلەن تەمىنلىدى. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تاغلار ئارىسىغا بېرىپ، كەنت- قىشلاقلارنى ئارىلاپ، دېھقان ئائىلىلىرىگە كىرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ھەر دەرىجىلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىلىرى «ئونمىڭلىغان كارخانا ئونمىڭلىغان كەنتكە ياردەم بېرىش» بويىچە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ھەرىكىتى ۋە «شانلىق ئىشلار سەپىرى» پائالىيىتىگە بەس- بەستە ئاتلاندى. پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار پارتىيە سىرتىدىكى ئاكادېمىكلار مۇلازىمەت ئۆمىكى قاتارلىق سۇپىلارغا تايىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىكنىڭ جاپالىق خىزمىتىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ باش رىتىمى. بىز خىزمەتلەرنى ئىشلىگەندە مۇقىملىق ئارقىلىق ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىمۇ شۇنداق، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىمۇ شۇنداق. دۆلىتىمىزنىڭ 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى ئومۇميۈزلۈك، شۇنداقلا تەدرىجىي ئىلگىرىلەش بولۇپ، تاشنى سىلاپ دەريادىن ئۆتۈپ، ئاۋۋال نۇقتىدا سىناق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەجرىبىگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئاندىن ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلگەن. مانا بۇ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشنىڭ تارىخىي تەجرىبىسى. كۆپچىلىكنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ياردەملىشىپ ئەلرايى ۋە خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھات- تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق روياپقا چىقىرىدىغان، ئورتاق گۈزەل يېڭى دەۋر يارىتىدىغان يېڭى ئۇزۇن سەپەردە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلارنىڭ ئورتاق غايىسى بار، شۇنداقلا ئورتاق مەسئۇلىيىتى بار، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىدا سەھنە كەڭ، ئىستىقبال زور. كۆپچىلىكنىڭ ئاڭلىق ھالدا ئومۇملۇق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئومۇملۇقنى قوغداپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۆزىنىڭ ساھە ئالاھىدىلىكى ۋە ئىختىساسلىقلار ئەقلىي كۈچى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باشلىنىش نۇقتىسى، بىرىكىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش توغرا تەدبىر بەلگىلەشتىكى ئاساسىي ماھارەت، شۇنداقلا ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتىكى ئاساسىي ماھارەت. تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئۆزى قىيىن ئەمەس، قىيىن بولغىنى ئەھۋالنى توغرا ئىگىلەش. نۆۋەتتە، دۆلەت ئىچكى- سىرتىدىكى مۇھىت چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر ئارقا- ئارقىدىن كۆرۈلۈۋاتىدۇ، يېڭى ئۇسۇل، يېڭى تەجرىبىلەر ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىۋاتىدۇ، بىزنىڭ ئۇلارنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ ئېنىق تونۇشىمىز، يەنىمۇ يەكۈنلىشىمىز زۆرۈر. كۆپچىلىكنىڭ نۆۋەتتە پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى دۇچ كېلىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەسىلەن، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، كۆپچىلىكنىڭ 70 يىلدىن بۇيان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، يېڭى دەۋردىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى- سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تىپتىكى پارتىيە تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇشى، ئۇنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇشى، ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇزاقتىن بۇيانقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن جاپا- مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرىدىغان ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي ۋارىسلىقنى ياخشى قىلىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىدىيە، تەشكىلىي، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىيدا قەتئىي، ۋەكىللىك خاراكتېرى كۈچلۈك، ئەخلاق- پەزىلىتى ياخشى، ئىستىلدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان يۇقىرى ساپالىق ۋەكىل زاتلار قوشۇنىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، قۇرۇپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تەشكىلىي ۋە ئىختىساسلىقلار ئاساسىنى پۇختا سېلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكتىكى زاتلار بىلەن ئالاقىلىشىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدىغان، ئەلئارا سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت- تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار شەخسىي غايىسىنى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشقا سىڭدۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىغا يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ، يوۋ چۈەن، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار پائالىيەتكە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر