باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقاتتى

دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەرنى باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

2019.01.30 14:17         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بويىچە باھالاش، مۇكاپات تارقىتىشنى تۇنجى قېتىم قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان بىر تۈركۈم تۆھپىكار نەمۇنىچى شەخسلەرنى داغدۇغىلىق تەقدىرلەشنى قارار قىلدى.

  ■«جۇمھۇرىيەت ئوردېنى»غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەر چوقۇم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا غايەت زور تۆھپە قوشقان، كاتتا تۆھپە كۆرسەتكەن بولۇشى، ئەخلاق- پەزىلىتى ئالىيجاناب، ئامما ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلغان كۆزگە كۆرۈنگەن زاتلار بولۇشى كېرەك.

  ■«دوستلۇق ئوردېنى»غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەر چوقۇم دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ۋە جۇڭگو- چەت ئەل ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشتا كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان، جۇڭگو بىلەن ئۇزاق مەزگىل قەتئىي دوستانە ئۆتكەن، ياخشى ئىجتىمائىي ئىناۋەتكە ئىگە چەت ئەللىكلەر بولۇشى كېرەك.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى. يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەرنى باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللىي روھ ۋە دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ باي- قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بويىچە باھالاش، مۇكاپات تارقىتىشنى تۇنجى قېتىم قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان بىر تۈركۈم تۆھپىكار نەمۇنىچى شەخسلەرنى داغدۇغىلىق تەقدىرلەشنى قارار قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىدىغانلارنىڭ دائىرىسى ۋە شەرتلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. نامزاتلىققا كۆرسىتىلىدىغانلارنىڭ دائىرىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى كەسىپلەر، ھەرقايسى ساھەلەردىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان شەخسلەر بولىدۇ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەندىكى چاۋمىنلار ۋە چەت ئەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ۋاپات بولغان خادىملارمۇ نامزاتلىققا كۆرسىتىلسە بولىدۇ. نامزاتلىققا كۆرسىتىش شەرتلىرىدە تۆھپە كۆرسىتىش، شەرەپ كەلتۈرۈش تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن پەرق بولىدۇ. «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى»غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەر چوقۇم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا غايەت زور تۆھپە قوشقان، كاتتا تۆھپە كۆرسەتكەن بولۇشى، ئەخلاق- پەزىلىتى ئالىيجاناب، ئامما ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلغان كۆزگە كۆرۈنگەن زاتلار بولۇشى كېرەك. «دوستلۇق ئوردېنى»غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەر چوقۇم دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگو- چەت ئەل ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشتا كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان، جۇڭگو بىلەن ئۇزاق مەزگىل قەتئىي دوستانە ئۆتكەن، ياخشى ئىجتىمائىي ئىناۋەتكە ئىگە چەت ئەللىكلەر بولۇشى كېرەك. دۆلەت شەرىپى نامىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەر چوقۇم ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، دۆلەت مۇداپىئەسى، دىپلوماتىيە، مائارىپ، پەن- تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەردە مۇھىم، زور تۆھپە قوشقان، يۈكسەك ئىناۋەتكە ئىگە، ئەخلاق- پەزىلىتى ئالىيجاناب، ئامما ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلغان كۆزگە كۆرۈنگەن زاتلار بولۇشى كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەرنى باھالاش تەرتىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرما، ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىش تەلەپ قىلىندى. پارتىيە ۋە دۆلەتكە تۆھپە كۆرسەتكەن، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش خىزمىتى كومىتېتى دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەرنى باھالاش خىزمىتىگە تەشكىلىي رەھبەرلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىكى پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، ئىنچىكە تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەرنىڭ ئىلغارلىقلىقىغا، ۋەكىللىكلىكىگە ۋە دەۋرچانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەرنىڭ ئىزچىل ئىپادىسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ باھالاپ، ئەمەلىي تۆھپىسىنى مۇھىم باھالاش ئۆلچىمى قىلىپ، ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، ياخشىلار ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر