باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئابدۇكېرىمنىڭ بىر كۈنى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۈنشيا، گاۋ ۋا

2019.01.30 16:06         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئابدۇكېرىم مەمەتساۋۇت (ئوڭدا) كىيىم تىكىش سېخىدا يېڭى خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلىمەكتە.

  (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جېن فوتوسى)

  «ئابدۇ، مېنىڭ ئىشخانامدىكى خەت بېسىش ماشىنىسى بۇزۇلۇپ قالدى، تېز كېلىپ كۆرۈپ باقسىڭىز».

  «ئابدۇ، مەن كومپيۇتېرنىڭ ئېكران يۈزىدە ساقلىغان ھۆججەتنى تاپالمىدىم، تېز كېلىپ ياردەم قىلسىڭىز».

  «ئابدۇ...»

  2018-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قەشقەردىكى بىر كىيىم- كېچەك شىركىتىدە، ئابدۇكېرىم مەمەتساۋۇت ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى.

  ئابدۇكېرىم 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى قەشقەر شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەلىنىشنى تاماملىدى، تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن خىزمەت، تۇرمۇشى قانداق بولدى؟ قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى؟ 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى، بىز ئابدۇكېرىمغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ بىر كۈنىنى تەپسىلىي زىيارەت قىلدۇق. ـــ ئالدىراش خىزمەتچى

  2018-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئابدۇكېرىم كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەلىنىشنى تاماملىغان باشقا توققۇز تەربىيەلەنگۈچى بىلەن بىللە، بۇ كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسىگە ئايلىنىپ، ھەر ئايدا 2000 يۈەندىن كۆپرەك مائاش ئالىدىغان بولدى. كومپيۇتېر تېخنىكىسىنى بىلگەچكە، ئۇ كادىرلار مەمۇرىي بۆلۈمىگە ئورۇنلىشىپ، تور باشقۇرۇش، كومپيۇتېر ئاسراش ھەم خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى.

  گەرچە شىركەتكە كەلگىنىگە ئەمدىلا ئىككى ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما شىركەتتىكى نۇرغۇن كىشى بويى ئېگىز، كۆزى چوڭ، باشقىلارغا قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىغان بۇ يىگىتنى تونۇيدۇ، ھەممەيلەن يېقىملىق قىلىپ ئۇنى: «ئابدۇ» دەپ چاقىرىشىدۇ. «ئابدۇ قىزغىن يىگىت، قانداق ئىش بىلەن ئۇنى ئىزدىسەك، دائىم ياردەم بېرىدۇ» دەپ ئابدۇكېرىمنى ماختىدى بىر چەتتە تۇرغان شىركەت خىزمەتچىسى جەن يۈەنخۇڭ، 4-قەۋەتتىكى كىيىم پىچىش سېخى ئىشخانىسىدا، ئابدۇكېرىم بىر كومپيۇتېرنىڭ سىستېمىسىنى قايتا قاچىلاۋاتاتتى.

  باش دىرېكتور ياردەمچىسى ما شېڭجىننىڭ نەزەرىدە، ئابدۇكېرىم ئەستايىدىل ھەم قابىلىيەتلىك. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر قېتىم شىركەت ئىشخانىسى مىڭدىن ئارتۇق خىزمەتچىنىڭ ماتېرىيالىنى جىددىي بېسىپ چىقارماقچى بولغاندا، قېيىشقاندەك خەت بېسىش ماشىنىسى بۇزۇلۇپ قالدى، ئابدۇكېرىم شەھەرگە بىرقانچە قېتىم قاتراپ، كېرەكلىك ماتېرىيالنى ئېلىپ كېلىپ، كېچىلەپ خەت بېسىش ماشىنىسىنى رېمونت قىلىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ ماتېرىيالىنى بېسىش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى.

  جەن يۈەنخۇڭغا ياردەملىشىپ كومپيۇتېرنى رېمونت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئابدۇكېرىم ئىشخانىغا قايتىپ، يېڭى خىزمەتچىلەرنى خىزمەتكە كىرىش بويىچە تەربىيەلەش PPTسىنى ئۆزگەرتىشكە كىرىشىپ كەتتى. «كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىدىكى ئۆگىنىش مېنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىدا ئالاقىلىشىش ئىقتىدارىمنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماي، يەنە 3000-2000 خەت ئۆگەندىم، ھازىر خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەشتە ئىشلىتىۋاتقان PPTنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈم ئىشلىگەن» دېدى ئابدۇكېرىم.

  چۈشتىن كېيىن، خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەش ۋاقتىدا باشلاندى. «ئىلگىرى مەن دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى ئۆگىنىشنى چەتكە قاققانىدىم، ھازىر بۇنداق قاراشنىڭ تار قاراش ئىكەنلىكىنى بىلدىم. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، چوقۇم دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىشىمىز كېرەك، بۇ بىزنىڭ باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىش، ماھارەت ئۆگىنىشىمىزدىكى ئاساسىي شەرت.» ئابدۇكېرىم چوڭ ئېكراننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۆز تەسىراتى ئارقىلىق دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى سۆزلىدى.

  «ئابدۇكېرىم پۇتۇڭخۇانى ياخشى سۆزلەيدۇ، قانۇن ئېڭى كۈچلۈك، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدۇ، تىرىشچان، كەسىپنى قەدىرلەيدۇ، ئۇنىڭ ئىپادىسى شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، كەسپىي ماھارەت- تەلىم-تەربىيەسى خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى، بىز ھەممىمىز بۇ خىزمەتنى قوللايمىز» دېدى سىنىپنىڭ ئارقىسىدا تۇرغان ما شېڭجىن رازىمەنلىك بىلەن.

  ـــ كۆيۈمچان ئەر

  سائەت 20دە، ئابدۇكېرىم بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، شىركەتتىن چىقىپ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ئۆيىگە قايتتى. ئۇنىڭ ئۆيى قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا ئىدى، ئاپتوموبىلىنى توختاتقان جايدىن ئۆيىگىچە بولغان ئارىلىق بىر قانچە ئون مېتىرلا كېلەتتى، ئىشىك ئالدىدا ئويناۋاتقان ئوغلى باسىت ئۇنى كۆرۈپ يۈگۈرگىنىچە ئۇنىڭ قوينىغا ئېتىلدى.

  ئابدۇكېرىم ئىككى ياشلىق ئوغلىنى كۆتۈرگىنىچە ئۆيىگە كىرىپ كەلدى. خوتۇنى ئەزىزگۈل ياسىن ئاشخانا ئۆيدە لەڭمەن ئېتىۋاتاتتى، ئابدۇكېرىم قولىنى يۇيۇۋېتىپلا ئۇنىڭغا ياردەملەشتى.

  «ئابدۇكېرىم كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىدىن تەربىيەلىنىشنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن باشقىچە بىر ئادەم بولۇپ قالدى، ئىلگىرىكىدىن كۆيۈمچان، رومانتىك بولۇپ كەتتى» دېدى ئەزىزگۈل خىجىل بولغان ھالدا.

  2014-يىلى، ئابدۇكېرىم بىلەن ئەزىزگۈل توي قىلغانىدى. تويدىن كېيىن ئابدۇكېرىم دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، خوتۇنىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىگە قوشۇلمىدى، گىرىممۇ قىلدۇرمىدى، مودا كىيىملەرنىمۇ ئالغۇزمىدى، ئەزىزگۈل كۈندە ئۆيگە سولاپ قويۇلغاچقا، ئىككىيلەن شۇ سەۋەبتىن كۆپ قېتىم جېدەللىشىپ قالغانىدى.

  كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە، ئابدۇكېرىم قانۇن ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ، قارىشىنى ئۈزۈل-كېسل ئۆزگەرتتى. «ھەممە ئادەمنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ھوقۇقى بار، مەن خوتۇنۇمنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلەپ قويماسلىقىم كېرەك ئىدى».

  ئابدۇكېرىمنىڭ قوللىشى بىلەن ئەزىزگۈل خىزمەت تاپتى−بىر شىركەتتە بوغالتىرلىق قىلىپ، ئايدا 1500 يۈەن كىرىم قىلالايدىغان بولدى. ئابدۇكېرىم ئەمدى ئۇنىڭ گىرىم قىلىشىغىمۇ قارشى تۇرمىدى. 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىككىيلەننىڭ توي خاتىرە كۈنى بولۇپ، ئابدۇكېرىم خوتۇنىغا بىر قۇتا ئەتىر، بىر قۇر مودا ھەم ئىسسىق مامۇق چاپان ئېلىپ بەردى، يەنە خوتۇنىغا بىر تال ئەتىرگۈل سوۋغا قىلدى. «ئۇ ئەزەلدىن ماڭا سوۋغا بېرىپ باقمىغان» دېدى ئەزىزگۈل.

  «خوتۇنۇم بۇنچە ياش تۇرسا، چىرايلىق ياسانسا، مېنىڭمۇ يۈزۈم بولىدۇ» دېدى ئابدۇكېرىم ئىككى قولىدا لەڭمەننى سوزغاچ ئەزىزگۈلگە قاراپ، ئۇنىڭ قاراشلىرى سۆيگۈ بىلەن تولغانىدى.

  ــــ ئىللىق بىر ئائىلە كىشىلىرى

  كەچلىك تاماق تېزلا تەييار بولدى، ئابدۇكېرىم ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى چىنە، چوكىلارنى تىزىپ، ئاپىسى، سىڭلىسى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ، تاماق يېگەچ پاراڭلىشىۋاتاتتى، ئۆي ئىچى تاماقنىڭ مەززىلىك پۇرىقى ۋە خۇشال كۈلكىلەر بىلەن تولغانىدى.

  ئاق رەڭلىك ئاسما چىراغ ئۆينى يورۇتۇپ تۇراتتى، پاكىز گىلەم ئۈستىدە قېلىن سېلىنچا سېلىنغان بولۇپ، چاي شىرەسىگە ئانار، بادام قاتارلىق مېۋە ۋە قۇرۇق مېۋىلەر تىزىلغانىدى. تاماقتىن كېيىن، پاكىز ۋە رەتلىك مېھمانخانىدا، كۆپچىلىك بىرلىكتە شۇ كۈنلۈك مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرنىڭ قايتىلانمىسىنى كۆردى، بۇ، ئابدۇكېرىمنىڭ تەربىيەلىنىشنى تاماملاپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھەر كۈنى كۆرىدىغان پىروگراممىسى ئىدى. ئابدۇكېرىم مۇنداق دېدى: كۈندە قانداق چوڭ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قانداق ياخشى سىياسەتلىرى بارلىقىنى، بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ قانداق كەلگەنلىكىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك.

  گەرچە قەھرىتان قىش بولسىمۇ، لېكىن ئابدۇكېرىمنىڭ ئۆيى ئالاھىدە ئىسسىق ئىدى. مېھمانخانىنىڭ بىر تەرىپىدە، پارۋاي رەتلىك قويۇلغانىدى، ئابدۇكېرىمنىڭ ئاپىسى ساجىدە مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئۆيىمىزنى مەشكە ئوت قالاپ ئىسسىتاتتۇق، ئابدۇكېرىم تەربىيەلىنىشنى تاماملاپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەخسۇس تام ئوچاق سېتىۋالدۇق، ھەربىر ئۆيگە پارۋاي ئورناتتۇق، ئۆي ئىچى، ھەم پاكىز، ھەم ئىسسىق بولدى، مەن ھازىر كۈندە ئەتىگىنى بالدۇر تۇرۇپ مەشكە ئوت قالىمايدىغان بولدۇم. ئابدۇكېرىم ئىلگىرىكىدىن ئىش ئۇقىدىغان بولدى، ۋاپادار بولۇپ كەتتى. مېنىڭ سالامەتلىكىم ياخشى ئەمەس، ئۇ ھەركۈنى مەندىن ئەھۋال سوراپ تۇرىدۇ، ماڭا دورا ئېلىپ بېرىدۇ. ئۇ ھازىر ئائىلىمىزنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ قالدى.

  ئابدۇكېرىم ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئانا، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقا، بىز بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز، ئەگەر كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزى بولمىسا، ھازىرقى مەن بولمايتتىم. تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ ماڭا دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگەتكىنىگە، قانۇن ئۆگەتكىنىگە، ماھارەت ئۆگەتكىنىگە، تېخىمۇ مۇھىمى، ماڭا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى، ئادەم بولۇشنى ئۆگەتكىنىگە رەھمەت. مەن بۇنىڭدىن كېيىن تىرىشىپ ئىشلەپ، دۇرۇس ئادەم، ياخشى ئوغۇل، ياخشى ئەر، ياخشى دادا بولىمەن.

  ساجىدە كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: توغرا دېدىڭ، بىز چوقۇم مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلىشىمىز كېرەك. كۈنلىرىمىزمۇ بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.

  مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەرنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى ياشتىن ئاشقان باسىت ئۆيدە سەكرەپ يۈرۈپ، خۇشال ئوينىدى. ئابدۇكېرىم بىردىنلا ھاياجانلىنىپ، ئۆيىدىكىلىرىگە تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە ئۆگەنگەن «نەزمە-نەسىرلىك ناخشا يۈز گىرىمى» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ بەردى: «كۆك يۈزلۈك دۇ ئېردۈن شاھانە ئات ئوغرىلىدى، قىزىل يۈزلۈك گۇەن گۇڭ چاڭشادا جەڭ قىلدى، سېرىق يۈزلۈك ديەن ۋېي، ئاق يۈزلۈك ساۋ ساۋ، قارا يۈزلۈك جاڭ فېي نەرە تارتتى...»

  جىمجىت كىچىك ھويلىدا، ئابدۇكېرىمنىڭ ناخشا ئاۋازى كېچە ئاسمىنىدا يىراقلارغا تارقالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر