- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
فىلىپپىندا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ھۇجۇم ۋەقەسىگە قارىتا
شى جىنپىڭ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرتېغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
2019.01.30 14:48 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29-يانۋار، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ فىلىپپىندا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ھۇجۇم ۋەقەسىگە قارىتا فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرتېغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىلىپپىننىڭ سۇلۇ ئۆلكىسىدە ئېغىر پارتلىتىش ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئېغىر ئۆلۈش-يارىلىنىش كېلىپ چىققانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆزۈمنىڭ نامىدا قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىلانغانلار ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورلۇققا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، بىگۇناھ پۇقرالارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق-تېررورلۇق قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ، فىلىپپىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە تېررورلۇققا بىرلىكتە زەربە بېرىپ، خەلقئارا ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر