- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مېيخۇا گۈلى مەدەنىيەت بايرىمىدا 156 تەشتەك مېيخۇا گۈلى پورەكلەپ ئېچىلدى
2019.01.30 15:58 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ خەۋىرى: شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مېيخۇا گۈلى مەدەنىيەت بايرىمى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «شىنليەن» گۈل-گىياھ ئۇنىۋېرسال بازىرىدا باشلاندى، تۆت يۈرۈش، ئالتە خىل سورتتىكى 156 تەشتەك مېيخۇا گۈلى پورەكلەپ ئېچىلىپ، ئېكسكۇرسىيەگە كەلگەن شەھەر ئاھالىلىرىنى بەس-بەستە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشكە جەلپ قىلدى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ مەسئۇلى ليۇ يۈخەي مۇنداق دېدى: ھاۋا كىلىماتى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭدا بۇنداق كۆپ تۈردىكى مېيخۇا گۈللىرىنى ئۇچرىتىش ئاسان ئەمەس، بۇ قېتىم جەنۇب تەرەپتىلا كۆرگىلى بولىدىغان مېيخۇا گۈللىرىنى ھاۋا يولى ئارقىلىق شىنجاڭغا ئەكىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ قانغۇچە ھۇزۇرلىنىشىغا تەييارلىدۇق.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق كۆرگەزمە 2-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن، كۆرگەزمە سارىيىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى ھەر كۈنى سائەت 11:00دىن 19:00غىچە بولۇپ، چاغان مەزگىلىدە ئارام ئالمايدىكەن، ئەمما، كۆرگەزمە سارىيىنىڭ تاقىلىش ۋاقتى تەڭشىلىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر