باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ بىلەن خۇنسېن «جۇڭگو-كامبۇدژا مەدەنىيەت ساياھەت يىلى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تەبرىك سۆزى ئەۋەتتى

2019.01.31 15:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2019-يىللىق «جۇڭگو-كامبودژا مەدەنىيەت ساياھەت يىلى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى تۈنۈگۈن كامبودژانىڭ پىنومپىندا ئۆتكۈزۈلدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بىلەن كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇنسېن ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئايرىم-ئايرىم تەبرىك سۆزى ئەۋەتتى.

  لى كېچياڭ تەبرىك سۆزىدە مۇقداق دېدى: جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، بىر بىرىنىڭ ياخشى قوشنىسى، ياخشى دوستى، ياخشى شېرىكى، ياخشى قېرىندىشى. جۇڭگو بىلەن كامبودژا ئۇزاق تارىخقا ئىگە، شانلىق مەدەنىيىتى ۋە گۈزەل مەنزىرىسى بار. ئاڭكور خارابىسىنىڭ تام رەسىملىرىگە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مىڭ يىلدىن كۆپرەك دوستلۇق ئالاقىسىنىڭ جانلىق مەنزىرىسى سىزىلغان. بىر قانچە كۈن بۇرۇن، باش ۋەزىر خۇنسېن مېنىڭ تەكلىپىمگە بىنائەن جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولدى، 2019-يىللىق «جۇڭگو-كامبودژا مەدەنىيەت ساياھەت يىلى»نى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈش باش ۋەزىر خۇنسېن ئىككىمىز بىرلىكتە ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش. ئىككى تەرەپنىڭ مەدەنىيەت ساياھەت يىلىنى پۇرسەت بىلىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، خادىملارنىڭ ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، مەدەنىەيتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش بىلەن ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ چوڭقۇر ئەل رايى ۋە ئىجتىمائىي ئاساسى ھازىرلاپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  خۇنسېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى كۈنسايىن قويۇقلىشىپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. «جۇڭگو-كامبودژا مەدەنىيەت ساياھەت يىلى»نىڭ باشلىنىشى «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئاستىدىكى جۇڭگو-كامبودژانىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ساياھەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر