باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى 19 ئالىي كەسپىي (مەخسۇس پەن) مائارىپ مەكتەپلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە توردا ‏تىزىملاش ۋاقتى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى باشلىنىدۇ

2019.01.31 08:58         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز شېڭ زۇشياۋ خەۋىرى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2019-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بويىچە توردا تىزىملاش ۋاقتى 2-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئىمتىھان ۋاقتى 3-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە بولىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي 19 ئالىي كەسپىي (مەخسۇس پەن) مائارىپ مەكتىپى ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار ھەمدە 2019-يىللىق ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى نومۇرى بار بولغان ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانغا تىزىملاتسا بولىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر توردا تىزىملىتىش ۋە ئارزۇ تولدۇرۇشتا چوقۇم «شىنجاڭ ئالىي كەسپىي مائارىپ مەكتەپلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى مۇلازىمەت سۇپىسى» (http://www.xjzk.gov.cn)دا تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېرەك، توردا تىزىملاش ۋاقتى: 2-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 12 گىچە.

  راھىلە ئازاد تەرجىمىسى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر