باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىرما مەركىزىي بانكىسى خەلق پۇلىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ راسچوت پۇلى قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى

2019.01.31 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرما مەركىزىي بانكىسى 30-يانۋار ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، خەلق پۇلى بىلەن ياپونىيە يېنىنى ھۆكۈمەت راسچوت پۇلى قىلىپ كۆپەيتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

  بىرما مەركىزىي بانكىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ مۇنداق دېدى: خەلقئارا چىقىم ۋە راسچوت قىلىش ھەمدە چېگرا سودىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، خەلق پۇلى بىلەن ياپونىيە يېنىنى راسچوت پۇلى قىلىپ ئىشلىتىپ، خەلقئارالىق چىقىم قىلىشقا رۇخسەت قىلىندى. ئىجازەتكە ئېرىشكەن بانكىلاردىن باشقا ئاپپارات ۋە شەخسلەرنىڭ خەلق پۇلى ۋە ياپونىيە يېنى ھېساباتى ئېچىشىغا ۋاقتىنچە يول قويۇلمايدۇ.

  بىرما مەركىزىي بانكىسىدىكى بىر مەسئۇل كىشى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا: خەلق پۇلى راسچوت پۇلى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن بىرما ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا سودىسىدا چىقىم ۋە راسچوت قىلىش تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ، دېدى.

  جۇڭگو-بىرما ئۇزۇندىن بۇيان ئۆز ئارا مۇھىم سودا ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇپ كەلدى. بىرما ئىلگىرى تەستىقلىغان ھۆكۈمەت راسچوت پۇلى ياۋرو، ئامېرىكا دوللىرى ۋە سىنگاپور دوللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر