باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشتىكى ئۈچ خىل يۈزلىنىش ۋە ئۇنىڭ ئىقتىسادىي تەسىرى

2019.01.31 15:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈزگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمى يېقىندا ئەنگلىيە پارلامېنتىدا توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى. ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن يەنە ئايرىلامدۇ-يوق، قانداق ئۇسۇلدا ئايرىلىدۇ دېگەنلەر بارغانسېرى دىققەتنى قوزغىدى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، كەلگۈسىدە مۇنداق ئۈچ خىل يۈزلىنىش بولۇشى مۇمكىن: بىرىنچى، ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىشى، يەنى قاتتىق ئايرىلىشى مۇمكىن؛ ئىككىنچى، ئەنگلىيە ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرقى كېلىشىم بويىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى، يەنى ئازراق تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمىنى تەستىقلىشى مۇمكىن؛ ئۈچىنچى، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېچىكتۈرىلىشى، ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتىتپاقى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ئىشىنى قايتا سۆزلىشىپ، ئىككىلا تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان يېڭى كېلىشىم ھاسىل قىلىشى مۇمكىن. ئىقتىسادىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئۈچ خىل ئەھۋالنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەسىرى ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن، ئەمما قىسقا مۇددەتلىك تەسىرى ناھايىتى چوڭ پەرقلىنىدۇ.

  ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن قاتتىق ئايرىلىشنىڭ ئەنگلىيە ئىقتىسادىغا بولغان تەسىرىنى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋە مەركىزىي بانكىسى چوڭقۇرلاپ باھالاپ باققان. ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسى مۇنداق دەپ قارايدۇ: ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن قاتتىق ئايرىلىش 2019-يىلى ئەنگلىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى %8 تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ئىشسىزلىق نىسبىتى ھازىرقى %4تىن %7.5كە، پۇل پاخاللىقى %6.5كە ئۆرلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەنگلىيە پوندسىتىرلىڭىنىڭ كۇرسى تەخمىنەن %25 چۈشىدۇ. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باھالىشىغا قارىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن قاتتىق ئايرىلىش ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا ئومۇمىي مىقدارىنى %37 ئازايتىۋېتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئەنگلىيەنىڭ ئىمپورتى %18، ئېكىسپورتى %12 تۆۋەنلەيدىكەن. لوندوندا ئۆي باھاسى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن قاتتىق ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئۈچ يىل ئىچىدە %25تىن %30كىچە چۈشىدىكەن. بۇندىن باشقا، ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ماھىيەتلىك سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلمىگەچكە، ئەنگلىيە بىر كېچىدىلا ياۋروپا ئىتتىپاقى يەككە بازىرىدىن ئايرىلسا پۇل-مۇئامىلە ئىجازىتى، ئۆلچەم ئىسپاتى، تاموژنا تەكشۈرىشى قاتارلىق قاتمۇ-قات قالايمىقانچىلىقلارغا دۇچكېلىپ، ئالاقىدار تەننەرق بىراقلا ئۆرلەپ كېتىدىكەن.

  ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن قاتتىق ئايرىلىشىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بولغان پاسسىپ تەسىرىمۇ كىچىك ئەمەس. ھازىر ئەنگلىيە نوپۇسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەخمىنەن %13ىنى، ئىقتىسادى تەخمىنەن %18ىنى، تاشقى سودا تۆھپىسى %11تىن %15كىچە ئىگىلەيدۇ. ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن قاتتىق ئايرىلغان ھامان، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى ۋە تەسىر كۈچىنىڭ بەشتىن بىرىدىن ئالتىدىن بىرىگىچە زىيانغا ئۇچرايدۇ. بۇ يوغان بىر بەدەندىن چوڭ بىر پارچە گۆش شىلىۋالغانغا ئوخشاش، ناھايىتى ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. بولۇپمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئېكىسپورتقا بەكرەك تايىنىدىغان دۆلەتلەر ئۈچۈن زىيان تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. ياۋرومۇ ئوخشاشلا قاتتىق چۈشۈشى مۇمكىن. شۇڭا، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل يېقىندا ئاز كۆرۈلىدىغان سۆز قىلىپ، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن قاتتىق ئايرىلىشىنى ئۈمىد قىلمايدىغانلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا مۇرەسسە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئەلۋەتتە، كىشىلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن قاتتىق ئايرىلىش مۆلچىرى كۈچەيگەچكە، ھوشيارلىق بالدۇرلا كۈچەيتىلدى، راستىنلا قاتتىق ئايرىلسا، ئەمەلىي ئەھۋال مۆلچەردىكىدىن ناچار بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەنگلىيەنىڭ ئىككى يىلغا يېقىن ئۆتكۈنچى مەزگىلنى ساقلىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، يەرشارى ئىقتىسادىغا تېزدىن سىڭىشىپ، ئەركىن سودىنىڭ پايدىسىنى كۆرسە بولىدۇ، سودا بىلەن ئالاقىدار پۇل-مۇئامىلە كەسپىمۇ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى تېپىپ چىقىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن قىسمەن پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى كۆچۈپ كېتىشتىن كېلىپ چىققان زىياننى بەلگىلىك دەرىجىدە تولدۇرالايدۇ.

  كىشىلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىملىك ئايرىلىشقا خېلىلا ئۈمىد بىلەن قارايدۇ. 2019-يىلى ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %0.6تىن %2.5كىچە تۆۋەنلىشى مۇمكىن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىملىك ئايرىلىش ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئۆتكۈنچى مەزگىل يارىتىپ بېرەلەيدۇ. بۇ مەزگىلدە، ئەنگلىيەنىڭ قىسمەن ھوقۇقى چەكلىمىگە ئۇچرىغاندىن باشقا، ئىقتىسادىي ئالاقىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزگەرمەيدۇ. ئەمما ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا يېڭى مۇناسىۋەت توغرىسىدىكى سۆھبەت ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، ھەرقانداق داۋالغۇش ۋە كېلىشىمگە يوشۇرۇنغان خەۋپ ئىككى تەرەپكە ئازدۇر-كۆپتۇر تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، كەلگۈسى ئىككى يىلدا، پۇل-مۇئامىلە كەسپى ئەڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچراپ، ئىككى تەرەپنىڭ پۇل-مۇئامىلە مۇقىملىقىغا مۆلچەرلىگۈسىز تەسىر يەتكۈزىشى مۇمكىن.

  ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەلىپى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى كۆپ سانلىق كىشىلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى تۈگىتىپ، قىسقا مەزگىللىك ئىقتىساد قالايمىقانچىلىقىدىن ساقلىنىپ، ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنىڭ ئىقتىسادىي خەۋپ-خەتىرىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى كېچىكتۈرۈشمۇ بىر خىل تاللاش. ئەلۋەتتە، بۇنداق ئەھۋالدا، ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىش خېلى ئۇزاققىچە سوزۇلۇپ، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش مۇساپىسى ئۇزىراپ كېتىشى مۇمكىن. ئەمما تېخىمۇ مۇۋاپىق لايىھە ئېنىقلا ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، ئاممىنىڭ بۇ ئايرىلىش رېئاللىقىغا تەدرىجى كۆنۈشىگىمۇ پايدىلىق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر