باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» تارقاتتى

ئۈچ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش كۈچەيتىلىدۇ

2019.01.31 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئۈچ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جامائەت پاراۋانلىقى يۆنىلىشى، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش ۋە ئۇچۇرلاشقان تىرەك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈچ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلى جەھەتتە كۆلەمنى كېڭەيتىش تىپىدىن سۈپەت- ئۈنۈم تىپىغا ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقۇرۇش ئەندىزىسى جەھەتتە يىرىك مەمۇرىيلاشقان باشقۇرۇشتىن ھەر تەرەپلىمە ئۈنۈمنى باشقۇرۇشقا ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىرىم تەقسىماتىنىڭ تېخىمۇ ئىلمىي، تېخىمۇ ئادىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ۋە سۈپىتىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم يارىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  «پىكىر»دە بىر قاتار كونكرېت باھالاش كۆرسەتكۈچى ۋە تىرەك سىستېمىسى قۇرۇشنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۈچ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۈنۈم باھالاش كۆرسەتكۈچى سىستېمىسى داۋالاش سۈپىتى، تىجارەت ئۈنۈمى، سىجىل تەرەققىياتى، رازى بولۇش دەرىجىسىنى باھالاش قاتارلىق تۆت جەھەتتىكى 55 تۈرلۈك كۆرسەتكۈچتىن تەركىب تاپقان. دۆلەت تۈزگەن «ئۈچ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش كۆرسەتكۈچى» ھەر قايسى جايلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىسمەن كۆرسەتكۈچلەر دۆلەتنىڭ نازارەت قىلىش كۆرسەتكۈچى قىلىنىدۇ. جايلار ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مۇۋاپىق مىقداردا بىر قىسىم كۆرسەتكۈچلەرنى تولۇقلىسا بولىدۇ.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئۈچ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۈنۈم باھالاش خىزمىتى يىل بويىچە يولغا قويۇلىدۇ، دوختۇرخانا ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ، ئۆزىنى ئۆزى باھالاش، ئۆلكە دەرىجىلىك تارماقلار يىللىق باھالاش، دۆلەت ئۆلچەم بويىچە تەھلىل قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك تەرتىپتىن تەركىب تاپىدۇ. 2019- يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن مەملىكەت بويىچە 1-قېتىملىق ئۈچ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش خىزمىتى تاماملىنىدۇ. 2020-يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 2- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئۆلكە دەرىجىلىك يىللىق باھالاش خىزمىتى تاماملىنىدۇ، 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، دۆلەت تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچىنى تەھلىل قىلىش خىزمىتى تاماملىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر